ئابلاجان رىياسەتچىلىك قىلماقچى: بالىلار «ئەقىل باغچىسى» پىروگراممىسى يولغا قويۇلدى
ۋاقتى: 2015-11-27
ئاۋاتلىقى: 2449 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن شىنجاڭ ئىزگىل كىنو-تېلېۋىزىيە-ئېلان چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىقىدىكى بالىلار پىروگراممىسى «ئەقىل باغچىسى»غا ماھىر تىزىملاش رەسمىي باشلاندى.
مەزكۇر پىروگراممىغا ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئابلاجاننىڭ رىياسەتچىلىك ساھەسىگە قەدەم بېسىشىدىكى تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. ئىشىنىمىزكى ئابلاجاننىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئوبرازى ۋە ئۇنىڭ بالىلارغا بېغىشلايدىغان ئۆزگىچە زوق-ئىلھاملىرى بىلەن پىروگرامما كەڭ كىچىك دوستلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىروگراممىسى بولۇپ قالغۇسى!
بۇ پىروگرامما شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12-، 2-، 5-، 9-قاناللىرىدا ھەپتىدە بىر سان قويۇلىدۇ.
بالىلارنىڭ سەھنىسى-ئەقىل باغچىسى!
ماھىر تىزىملاش تېلېفونى: 2505220-0991 ياكى 13999412238