+تېما يوللاش
alim935يوللانغان ۋاقتى:2017-8-19 20:25 1021 قېتىم كۆرۈلدى7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەن توربەت ئارقا بەت سېستىمىسى يېزىۋاتقان ئىدىم، JS ھۆججىتىنى ئۇلىغاندىن كىيىن بارلىق رامكىلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇرچە كىرىدىغان بولدى، بىراق مەن بەزى رامكىلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەيدىغان قىلماقچى ئىدىم، چېچەن كىرگۈچىسىنىڭ پارامىتىرلىرىنى قوشساممۇ ئوخشاشلا ھەممىسىگە ئۇيغۇرچە كىرىۋاتىدۇ، پارامىتىرنى توغرا ئىشلىتەلمىدىممۇ ياكى توغرا ئورۇنغا قويالمىدىممۇ بىلمىدىم، JSدىن ئانچە خەۋىرىم يوق، بولسا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار، كۆپچىلىككە رەھمەت!
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەنقوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
uycyber ۋاقتى: 2017-8-19 21:47:02
ئالدى بىلەن ئورگان بەتتىكى مۇنۇ بايانلارنى ئوقۇپ چىقىڭ
چىچەن تور كىرگۈزگۈچىسى

ئاندىن مۇنۇ مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


targets نى بەلگۈلىمەن ئەھۋال ئاستىدا ھەممىسىگە ئۇيغۇرچە كىرىدۇ. بۇ پارامىتىرنى بەلگۈلەپ بەرسىڭىز سىز بەلگۈلىگەن ئورۇنلارغا كىرىدۇ
گىلەم
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-8-19 22:21:47
چېچەن كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كودى تەتۈر پارامېر ئىچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەيدىغان يەرنىڭ ID سىنى ئامەس ، كىرگۈزىدىغان يەرنىڭكىنى يازىمىز !
يېزىلماي قېلىپ قالغىنىغا ئۇيغۇرچە كىرمەيدۇ ! ھىچنىمە كىرگۈزمىسە ھەممە يەرگە ئۇيغۇرچە كىرىدۇ !
ئورۇندۇق
eziz007 ۋاقتى: 2017-8-19 22:30:44
توردىن   editor دىن بىرنى چۈشۈرۈپلا  شۇنىڭ  ماس ھالەتتىكى  js  كودىنى ئۇلاپ باقمىدىڭىزما، ياكى  editor  نى  ئۇلاپلا  ئۇيغۇرچە لاتىنچە كىرگۈزۈش  ئۈچۈن Ctrl-k دىن  پايدىلانسىڭىزچۇ.
5-قەۋەت
alim935 ۋاقتى: 2017-8-20 13:31:12
رەھمەت  ئاخىرى ئىنكاس چۈشتى، مەن 1-قەۋەتتىكى تورداش  دىگەندەك پارامېتىرنى كىرگۈزگەن، ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئورۇننىڭكىنى يازغان، مەسىلەن

  1.    
  2.       
  3.    
  4.    
  5.       


  6.       


  7.    

مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

مۇشۇنداق يازسام توغرا بولامدۇ يا،  لېكىن مۇشۇنداق يازسام ھەر ئىككى textboxقا ئۇيغۇرچە كىرىۋېلىۋاتىدۇ، پارامېتىرنى 《head》نىڭ ئىچىگە يېزىپمۇ باقتىم بولمىسا.
6-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-8-20 18:18:20
ID ئادەتتە بىر بەتتە بىرلام بولىدۇ ،سىز ئىككى قېتىم يېزىۋالغاندەك قىلىسىز .
7-قەۋەت
alim935 ۋاقتى: 2017-8-20 18:31:28
oyghanbeg.com يوللىغان ۋاقتى  2017-8-20 18:18
ID ئادەتتە بىر بەتتە بىرلام بولىدۇ ،سىز ئىككى قېتىم يېز ...

ئۇنداق ئەمەستۇ، مەن بىلىشىمچە ھەرقانداق 控件,元素 قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ID سى بولىدىغۇ دەيمەن، يۇقارقى پارامېتىرنى ئىشلىتىپ توغرا ئۈنۈمگە ئىگە بولغان بىكەت باشلىقلىرى ياكى باشقا تورداشلار بولسا ماڭا بىر پارامېتىر ئىشلەتكەن كودنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار چەكسىز مىننەتدار بولغان بولاتتىم، ياكى چېچەن كىرگۈزگۈچتىن  باشقا JS ئارقىلىق توربەتكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغان بولسا بىر تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار ياكى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار چەكسىز مىننەتدار بولغان بولاتتىم، رەھمەت
8-قەۋەت
1389945 ۋاقتى: 2017-8-21 21:53:43
charset="utf-8">
مۇشۇنى تەڭشەپ باقمىدىڭىزمۇ؟ utf-8ئادەتتە يۇنىكود قوللايدۇ دىگەنلىك بولىدۇ، يۇنىكود قوللىدى دىگىنى ئۇيغۇرچىنى قوللىدى دىگەنلىك، شۇڭا ئاشۇ قۇرنى ئامال قىلىپ سىز باشقا يېزىق كىرگۈزىدىغانغا قىممەتنى باشقىچە تەڭشەپ بېقىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى