+تېما يوللاش
almas2يوللانغان ۋاقتى:2017-9-3 02:10 1006 قېتىم كۆرۈلدى6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۆت بولسا جىگەردىن ئاجىرلىپ چىققان ئۆت سۈيۈقلىقىنى زاپاس ساقلايدىغان مۇھىم ئەزا ؛ئۆت خالتىسى جىگەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ئامۇت شەكىلدىكى تىرە خالتا،ئۆت خالتىسى ئۆت خالتىسى نەيچىسى ،ئۆت خالتىسى دىۋارى شىللىق پەردە ،مۇسكۇل قەۋىتى ۋەتاشقى  پەردىدىن تەشكىل تاپدۇ.
ئۆت خالتىسىنىڭ رولى:ئۆت سۈيۈقلىقىنى زاپاس ساقلاش ئارقىلىق ئۆت  يولنىڭ بىسىمنى پەسەيتىش ،ئاشقازان ئۈچەينىڭ  ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا قاتنىشىدۇ .
بەزىلەر ئۆتنى كىسىپ ئىلۋەتسە ھىچنىمە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە بەدەندە ئارتۇق ئەزا بولمايدۇ ئەڭ ئاددىيسى بۇرۇن تۈكنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا رولى بار ،ئۆتنى ئىلۋەتكەندىن كىيىن جىگەردىن ئاجىرلىپ چىققان ئۆت سۈيۈقلىقى بىۋاستە ئاشقازان ئۈچەيگە توختىماستىن قۇيۇلدۇ نەتىجىدە ئۆت يولنىڭ بىسمى ئىشىپ ئۆت يولى ياللۇغلىنىپ تارىيدۇ،ئاشقازان ئۈچەي يارا بولدۇ،ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارسى ،ئاشقازان ياللۇغى ،ئاشقازان ئاستى بىزى ياللۇغى ،دىئابېت قاتارلىق كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ تىز سۈرئەتتە سەمىرىپ يۇقىرى قان بىسىم ،قاندا ماي ،قان قويۇق بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ،يۈرەكنىڭ بىسمى ئارتىدۇ


ئۆت ياللۇغى ۋە ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالامىتى:باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئايىنىش، قۇسۇش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، ھەزىمى بۇزۇلۇش، رەڭگى سارغىيىش، ئۆت خالتىسى بار جاي قىزىش بولىدۇ. ئۆت تېشى ئۆت يوللىرىغا ئۆتكەندە تۆش ئاستى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىق ھەتتا ئوڭ تەرەپ تاغاقلىرىغىچە تارقىلىپ ئاغرىيدۇ. كېسەل بىر تۇتقاندىن كېيىن كېسەل بىر ئاز سارغىيىپ بىردەمدىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ، باش تولا ئاغرىيدۇ. بەدەن ئورۇقلايدۇ. كۆز سېرىققا مايىل ئاق بولىدۇ.
ئۆت كېسىلى پەيدا بولغان كىشىلەر، ماي، ھەسەل، قوغۇن، تۇخۇم،گۈرۈچ تامىقى  قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمىسۇن. داۋالاش ئۇسۇلى ياكى باشقا كىسەللىكلەردىن مەسلىھەت سورايدىغان ئش بولسا 13150328534 تىلفۇن ۋە ئۈندىدار .
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەنقوللىمايمەنقوللىمايمەن

6ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-9-3 10:16:27
ناھايتى  ياخشى  مەزمۇن بوپتۇ، مەن  بەك  ئۇسسايمەن كىچىسىمۇ شۇنداق ئۇسسايمەن سۇ ئىچۋالمىسام ئۇخلىيالمايمەن  تەكشۈرتسەم جىگەرنى ھەدىدىن زىيادە ئىسسىق قاپلاپ كېتىپتۇ دىدى، يەنە  قورساق ئاچ ۋاقىتتىكى قان شىكىرىم تۆۋەنكەن بۇ نىمە ئىشلار، قانداق قىلسام ساقىيدۇ
گىلەم
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2017-9-3 10:19:11
سىزدىن سۇراپ باقسام ، سىز تىۋىپمۇ ياكى بۇ مەزمۇننى باشقا يەردىن ئەكەلدىڭىزمۇ ، بۇنى سۇرىشىمدىكى سەۋەپ ، مەنمۇ بارغانسىرى ئۇرۇقلاپ كەتتىمچۇ ، بەزىدە ئوڭ تەرەپ بىقىنىم سەل ئاغرىيدۇ ، سىز دىگەندەكلا كۈيۈشۈپ ھەم ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ ، دوختۇرخانىدا قان تەكشۈرسەم  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى باركەن دىگەن ، قان تەكشۈرۈشتىنمۇ ئۆت ياللۇغىنى بىلگىلى بۇلامدۇ ، يەنە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى زادى ساقىيامدۇ، ساقايمامدۇ ، ئېنىقراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن ، تىما يوللىغانكەنسىز تىۋىپ ئوخشايدۇ دەپ ئويلۇدۇم ئەمدى
ئورۇندۇق
qeqnus ۋاقتى: 2017-9-3 11:39:26
مۇشۇ  تاش چۈشۈشمۇ بەك ئازابلىق كېسەل ئىكەن . ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئاپامنىڭ ئۆتىنىمۇ كېسىپ ئېلىۋەتكەن ، بەلكىم ئۇ ۋاقىتلاردا ناھىيىمىزنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى تايىنلىق ياكى كېسەلنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن ...
ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ماڭىمۇ بۆرەككە تاش چۈشۈپتۇ . قورسىقىم ئاغرىسا ئاشقازىنىم ئاغرىغان ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈۋېرىپتىمەن ، قىززىق يىرى - ئاغرىق ھەر بىر قوزغالسا ئىنىم بىلەن چىقىپ كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ گۆشى ( جىياۋماجى ) يىسەم توختاپ قالىتى ...
بىر كۈنىسى ھاجەتخانىدا كىچىك تەرەت قىلىۋېتىپ تاماكا ئىسى بۇرنۇمنى غىدىقلاپ غەزەپ بىر چۈشكۈرۈپتىكەنمەن - تەرەت تۇڭىغا ‹ تاس › قىلىپ بىر نەرسە چۈشمەسمۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئىچىمدىن بىر نەرسىنى سۇغارغاندەك بولۇپ كەتتى دەيمەن ... نىمىدۇ بۇ دەپ قارىسام كەپتەرنىڭ كۆزىچىلىك بىر كۈلرەڭگە مايىلراق سېرىق  تاش ئىكەن ...قىسقۇچ بىلەن تىرىپ ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ كىچىك سۇلياۋ خالىتىغا سېلىپ ساقلاپ قويدۇم ، ئاشۇ تاش چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن كىچىك تەرەت بۇرۇنقىدەك قىسىلىپ كېلىدىغان ، ئېچىشقاندەك تۇيغۇ بولىدىغان ئىشلار يوق ، شۇنداق راۋان بولۇپ كەتتى ....
ئۆتكەن ئايدا تېخى سوزۇنچاق ، بوۋاق بالىنىڭ سىنچىلاق قولىدەك كېلىدىغان ئۇزۇنلىقى يېرىم سانتا تاشتىن بىرسى چۈشتى يانا ... ئىشقىلىپ ئويلىساملا تىنىم شۈركۈنىدۇ ...
ئاخىرىدا دوستلارغا دەيدىغىنىم ، مەيلى پۇلىڭىز كۆپ ئاقسالىق قىلىپ ئىچسىڭىزمۇ ، مەيلى ياقتۇرۇپ ئىچسىڭىزمۇ ۋەياكى ئىسسىقتا چىدىماي ئىچسىڭىزمۇ مۇشۇ سوغۇق ئىچىملىق دېگەن نەرسىنى كۆپ ئىچمەڭ ، بولسا ئامال قىلىپ يىراق تۇرۇڭ !
مەن كوماندوروپكىدا تۇرۇپ ، ياتاقنىڭ سۈيىنى ئىچىشكە كۆڭلۈم كۆتۈرمەي كۈندىلا مۇشۇ نەرسىنى ئىچىپ تاپتىم بۇ كېسەلنى . بىرلا تاش چۈشتىمۇ - داۋاملىقلا تاش پەيدا بولىدىكەن .....
بۆرەكنى ئاسراپ - سوغۇق ئىچىملىك ، مۇزدەك سۇ دىن يىراق تۇرايلى
5-قەۋەت
艾力张 ۋاقتى: 2017-9-3 14:42:50
مەن  دوختۇرخاندا   سالامەتلىك   تەكشۈرۈتكەنتىم   ئۆت  ياللۇغى   بۇپ   قاپسىز  دەيدۇ،  نىملەرگە   دىققەت   قىلمىز  ،  قانداق   قىلغاندا   ساقىيىدۇ   بىلدىغانلار  مەسلىھەت   بەرسەڭلار،
6-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-9-3 16:57:43
بۇ مۇنبەردە تىبابەت توغرىسدىمۇ مەزمۇن يوللىندىغان ھەم تەستىقلىندىغان بوپ قالدى ،يوللىغۇچى ،باشقۇرغۇچىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم ،
مۇشۇ تىما باھانىسدا سورىۋالسام ،بەدەندىكى ئۆسمىنى ،بۇلۇپمۇ مېڭىدە پەيدا بولغان ئۆسمىنى ئوپراتسىيە قىلماي ،دۇرا ئارقىلىق يوقاتقىلى بولامدۇ
7-قەۋەت
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2017-9-3 17:05:13
ماۋۇ  تېمىلارنى بەك ياقتۇردۇم.  مۇشۇ ئاشقازان ياللۇغى ، ئۆت ياللۇغى  دىگەنلەر ساقىيدىغان كېسەللەرمىدۇ ياكى ، ياخشىلىنىپ يەنە قوزغۇلۇپلا ئۆلگىچە مۇشۇنداق تۇرامدىغانمىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى