- جۇغلانما
- 1557
UID17387 تىزىملاتقان2013-5-20 ئاخىرقى قېتىم2017-10-1 توردا558 سائەت
| مەنچىمۇ ئىلخەت دىگەن مۇۋاپىقمىكى دەيمەن ، ئەينى چاغدىمۇ ئۈندىدار دىگەن ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلغاندىمۇ بەكلا كۆپ مۇنازىرە بولۇنغان ، ئەينى چاغدىمۇ 微信 دىگەننى خەت بويىچە تەرجىمە قىلماي ئىسىم قويۇپ ئىشلەتكەن ، تورخەت دىگەن ئاتالغۇمۇ بولغۇدەك ، چۈنكى بۇ خەت توردىن كەلگەندىكىن ، لىكىن ئاللىقاچان ئېلخەت دىگەن ئۇقۇم كومپىيۇتىر بىلەن ھەپىلشىدىغان كىشىلەر ئىچىدە ئوموملىشىش نىسپىتى خىلىلا يۇقىرى دەپ قارايمەن ، چۈنكى ئىنگىلىچە E-mail دىگەن خەتتىكى E ھەرپى ئېلىكتىرون دىگەن سۆزنى بىلدۈرىدۇ , mail بولسا پوچتا خەت دىگەن مەنىدە ، قالغان ئىشلارنى تور يۈزىدە يەنىلا تور بىلەن ھەپىلشىدىغان ئادەملەر بىلەن بار مەسلىھەتتە قىلغۇلۇق ، بىر قارا ساۋات دېھقانغا ياكى تور بىلەن ھەپىلەشمەيدىغان ئادەمگە ئۇقتۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان ياخشى ، مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس دىگەن ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئىنتايىن توغرا سۆزدۇر . (بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى قارىشىم ، ئەيىپلەپ يىزىلغان ئىنكاس قارشى ئېلىنمايدۇ ) |
|