+تېما يوللاش
كىروسيوللانغان ۋاقتى:3 كۈن بۇرۇن 4734 قېتىم كۆرۈلدى30 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھازىر ئۈندىدار سالونلاردا ئايدا 30 يۈەن تۆلىسە چەكسىز تورغا چىققىلى بولىدىغان لېكىن ئۇچۇر يوللاپ تېلفۇن سۆزلەشكىلى بولمايدىغان ، كارتا ئارقىسىدىكى 6 تال نومۇر ئارقىلىق مۇناسىپ سالون ئارقىلىق ھەق تاپشۇردىغان بىر كارتا ئەۋىج ئالدى . مەنغۇ بۇنداق كارتىلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيتىم . لېكىن ئۆيۈمدىكى تورنى ئېلىۋېتىش ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ قېلىش ، يېڭى فىلىملەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى سەۋەپلىك ئاخىرى ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا ھېسياتىم ئەقلىمنىڭ گېلىنى بوغۇپ تۇرۇپ كارتىدىن بىرنى ئالغۇزدى. (ھازىر ھېسياتىم ئەقلىمنىڭ ئالدىدا ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ ئولتۇرىدۇ)
كارتىغا كەلسەك كارتىنىڭ ئۆزى 138يۈەن شۈنفىڭ تېز يەتكۈزۈشتىن سېلىش ئۈچۈن 6 يۈەن ، قوزغىتىش ئۈچۈن 30 يۈەن جەمئىي174يۈەن بىلەن تورغا چىقىدىغان بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىكەن . باشقىلىرىنىڭمۇ بارمىش . كارتىنى تاپشۇرۋېلىپ تېلىفۇنغا سېلىپ 30 كوي تۆلەپ ، باغلاپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ قوزغاتتىم . نورمال تورغا چىقتى ، تور سۈرئىتىمۇ ئادەتتىكى بىرلەشمىنىڭ كارتىسىدەك تېز . شۇنداق خوش بولدۇم ، خىيالىمدا سىمسىز تورنىڭ ئورنىدا بىر نەرسە چۈشۈرۈپ كىنولارنى كۆرۈپ بىر ئايدا 30 يۈەن تۆلەپ پۇخادىن چىقىدىغان بولدۇم دەپ شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كەتتى .ئەپسۇس بۇ خۇشاللىقىم نەچچە كۈنگە بارمىدى . نەچچە كۈن ئۆتۈپلا تور سۈرئىتى 62 كىلوبايتتىن ئاشمىدى . قىلمىغان ئامالىم قالمىدى . ساتقۇچىنى ئىزدىسەم مېنىڭ تېلفۇنۇم مەن تۇرۋاتقان رايونغا ئارتىپ قويۇپ قاراپ تۇردى . ئۇنىڭدىن كارتا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقانلارنى يىغىپ بىر توپ قۇرۇشنى شۇنىڭدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك مەسىلىمۇ ياكى يەككە مەسىلىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام تۇتامغا چىقمايدىغان باھانە سەۋەپلەر بىلەن رەت قىلدى ، دېمەك بۇ ئەھۋالغا يولۇققىنى يالغۇز مەن ئەمەسكەنمەن . شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئەپەندىم تىللانى يەرگە تېرىسا ئۈنىدۇ دېسە ئۆيىدىكى ھەممە تىللانى ئېلىپ چىقىپ يەرگە كۆمگەن باي غوجامدەك ھېس قىلىپ قالدىم. شۇڭا بۇ كارتىغا قىزىقىۋاتقانلار ئوبدان ئويلىشىڭلار ، ساتقۇچىلار مېنى تىللاپ كەتمەڭلار ، مەن پەقەت ھەقىقەتنى سۆزلىدىم . سېتىۋېلىپ مەسىلە چىقمىغانلار ئۆزۈڭلارنى بېشىمغا ھۇمايۇن قۇشى قونۇپتۇ دەپ بىلىڭلار .
تامام
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن2قوللىمايمەنقوللىمايمەن

30ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
UYQIN ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مەنمۇ ئالدىنقى ئايدا  ئالغانتىم  ھازىر  ئىشلىتۋاتقىلى  ئون  نەچچە  كۈن   بولدى   ،نورمال  تورغا  چىقىۋاتىدۇ  ،بەك  بېسىپمۇ  ئىشلەتمىدىم  كۈنىگە  بىر جى ئەتىراپىدا  ئېقىم  ئىشلىتۋاتىمەن  ، سىزنىڭ  40 جى دىن  ئېشىپ  كەتكەن ئەھۋال  بارمۇ  يا  ،مىنىڭ ھازىرچە نورمال ئىشلەۋاتىدۇ ،ئۇزۇنراق  ئىشلىتىپ باققان  دوسلار  بولسا  ئورتاقلاشساق بۇلاتتى
گىلەم
selqut ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مىنىڭ بىلىشىمچە 100جىدىن ئىشىپ كەتسە ئاشۇنداق تور سۈرئىتى ئاستىلايدۇ،  كىيىنكى ئايدا ئەسلىگە كىلىدۇ.  سىز بەك كۆپ ئىشلىتىۋەتكەن ئوخشايسىز.  چەكسىز تور مەۋجۇت ئەمەس  چەكسىز تور 100 جى ئىقىم بىلەنلا چەكلىنىدىكەن.
داۋاڭ كا جۇلا كارتىلارنىمۇ ، ھەقسىز_ھەقلىق ئىقىم بولۇپ  40جىدىن ئاشۇرۋەتسە تورغا چىقمايدىكەن . كىيىنكى ئايدا ئاپتۇماتىك ئەسلىگە كىلىدۇ.
ئورۇندۇق
adel7 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مەنمۇ ئالدىنقى ئاينىڭ 21چىسىلادا سىتىۋالغان يېڭى يىل كىرگۈچە دەششەت تىز ئىشلىگەن يېڭى يىل كىرىپلا تور سۈرئىتى 125k/sدىن ئىشىپ باقمىدى .لىكىن باشقا دوسلارغا دىسەم ئۆزىنىڭ كارتىلىرىمۇ  يېڭى يىل كىرگەننىڭياقى سەل ئاستىلاپ قالغانلىىنى دىدى.مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن ھازىر بەك ئاستا.
5-قەۋەت
كىروس ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
UYQIN يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 15:07
مەنمۇ ئالدىنقى ئايدا  ئالغانتىم  ھازىر  ئىشلىتۋاتقىلى   ...

ياق 40 جىدىن ئېشىپ كەتمىگەن . جىق بولسا 10 جى ئىشلەتكەندىمەن . ساتقان چاغدا 4G سۈرئەتتە 40جى ئېقىم چىقىدۇ . ئۇ تۈگىگەندە 3G سۈرئەتتە چەكسىز چىقىدۇ ، مەملىكەت خەۋەرلىرىنىمۇ ئېقىمغا كۆرىسىز دەپ ساتقان .
6-قەۋەت
كىروس ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
100 جى ئەمەس ئاران 10 جى ئىشلەتتىممىكى
7-قەۋەت
Studios ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مەنمۇ تىگىرافنىڭ كارتىسىدىن بىرنى بىجىرگەن تور سۈرتى پەۋقۇلادە ئاستا 105kb دىن ئاشقىننى بىلمەيمە ئۈرۈمچىدە ئىشلىتىۋاتىمە ئاي بىشى ياكى ئاي ئاخىرى بولسۇن ئوخشاشلا ئاستا
8-قەۋەت
yolwas05 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مىنىڭمۇ ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم مۇشۇ كارتا تىما ئىگىسى دىگەندەك باشتا تورغا خېلى ياخشى چىقتى لىكىن نەچچە كۈندىن كىيىن سۈرئىتى بەك ئاستىلاپ كەتتى. بەزىدە ھەتتا تورنىڭ ئاستىلىغىدىن QQ مۇ ئېچىلمايدۇ . لىكىن مەن بىلەن بىللە كارتا سىتىۋالغان دوستۇمنىڭ خېلى ياخشى چىقىۋىتىپتۇ . نىمە سەۋەبلىگىنى مەنمۇ بىلمىدىم.
9-قەۋەت
bahit ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مەن تېلگىراف كارتىسى ئىشلىتىىمەن، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مەنمۇ مۇشۇنداق 30 يۈەنلىك چەكسىز تور كاتىسى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىپ ئىشىنەلمەي ئالمىغان، تېلگىراف زالىغا كىرىپ سۈرۈشتە قىلسام 50يۈئەنگەچەكسىز تور  ئېچىپ بىرىمىز دىدى شۇنداق قىلىپ سېتىۋالدىم ، ئالدىنقى ئايدا 120جى ئەتراپىدا ئىشلىتىپتىمەن .بۇ ئايدا سىمسىز تور تارقىتىپ كومپىيۇتىردا تورغا چىقۋاتىمەن تورغا چىقىشى نورمال بۇرۇن سىمسىز تور ئىزدەپلا يۈرەتتىم ھازىر سىمسىز تور با تەرەپكە ئالىيىپمۇ قارىمايمەن.

10-قەۋەت
oylan111 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ دىگەن  شۇ،سىز چەكسىز چىقىشنى  ئۆمىد قىلسىڭىز دىمەك شىركەت ئۆمۈدىڭىز بويىچە  چەكسىز چىقىشقا ئامال قىلدى (تور ئاستىلاپ 40gbدىن ئاشۇراممايسىز ،دىمەك بۇ چەكسىز)،كونىلارنىڭ  گىپى بويىچە سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق ،ئوتى بار يەرنىڭ  سۈيى  يوق قىلىپ  قۇيۇپتۇ.شۇڭا ئەڭ ئەقەللىسى بىكار ۋاقتىڭىز بولسا ئۇنداق ئىسراپ  قىلماي ئۈگىنىش قىلىڭ،(باشقىلار قانداق ئويلىدى بىلمەيمەن،بۇمىنىڭ شەخسىي قارىشىم )،ئەگەر راستىنلا كەچكىچە كىنو كۆرۈپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان بولسىڭىز ئۈگىنىش قىلىڭ،خەنزۇتىلى ئۈگىنىڭ (ئەپ ئىچىشنى ئۈگىنىڭ )ئىشقىلىپ نىمىلا  قىلىڭ  ئۈگىنىش قبلىڭ .
11-قەۋەت
んì丫ǎしíℳ ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
كۆزنەك ئەپ دىتالىدا كىنو كۆرسە ئېقىم ھىساپلىمايدىغان ئايلىق ئىجارە ھەققى19يۈنلىك جۇلا شاھ كارتىسىنى ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ ؟ مەن تۈنۈگۈن ئىلتىماس قىلىپ قويغانتىم باشقىلار ئۇنداق چىقامىكىن بۇنداق چىقامىكىن دەپ قورقۇتۇپ يۇرۇيدۇ  ئىشلىتىپ باققانلار چۈشەنچە بەرسەڭلار. ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن
12-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مەنمۇ بۇ كارتىنىڭ ئىلانىنى كۆرگەندە  ھازىرقى كارتامنى تاشلاپ قويۇپ ئاشۇ كارتىدىن بىرنى ئالماق بولۇپ ساتقۇچىدىن سورىسام ئۇ : بۇ كارتىنى بەك تەۋسىيە قىلمايمەن ، تەرەقىياتى بىزگە قاراڭغۇ ، ئالمايلا قويۇڭ دىگەنتى  توختاپ قالغان ، 50 يۈەنگە 100g لىق كارتا ئوغۇل بالىدەك كارتىكەن ، مەن ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىرىم يىل بولدى ، تور سۈرئىتى ھازىرمۇ
شۇنداق تىز ، سۆزلەشكىلى بولمىغان بىلەن ئۇچۇر يوللىغىلى بولدۇ ، ئەپسۇسلىنارلىقى  بۇنداق كارتىنى سىتىشتىن
توختىتىۋەتتىدە ، رىقابەت كەسكىنلىشىپ ماڭغانسىرى بىر خەۋەرلىشىشتىن چىقمىسا يەنە بىرىدىن چىقار !
13-قەۋەت
abdureim ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
んì丫ǎしíℳ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 14:53
كۆزنەك ئەپ دىتالىدا كىنو كۆرسە ئېقىم ھىساپلىمايدىغان  ...

ھەر ھالدا بوپ قويىدىكەن مەنمۇ يېڭى يىلدىن باشلاپ ئىشلىتىۋاتقان كۈندە بىكا بولسام كۆزنەك تە كىنو كۆرىمەن چ چ، ئۈندىدار ئويناپ دېگەندەك ئىشقىلىپ ھەر ھالدا رازى بولدۇم ھە راس 300 دانە ھەقسىز ئۇچۇرنىمۇ ئېلىۋالدىم نەچچە ئايدا 200 كويدىن ئېشىپ كېتەتتى ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى ماۋۇ ئايدا 100يۈەن يېتىدىغان ئوخشايدۇ
14-قەۋەت
ناندار ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مەن مۇشۇنداق كارتلارغا تازا ئىشەنمەيمەن بۇنداق كارتىلارنىڭ چەكسىز ئېقمى راس ئەمما تۈلكە بىلەن تۇرنىنىڭ بىر بىرنى مىھمان قىلغىنغا ئوخشايدۇ
15-قەۋەت
13379759077 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
بۇ كارتىدىن مەنمۇ بىر تال سېتىۋالغان كارتا تېخى قولۇمغا تەگمىدى سۈرۈشتۈرسەم بۇ قانۇنسىز كارتىكەن تور يۇچۇقىدىن پايدىلىنىپ شۇنداق ئېچىپ بىرىدىكەن ئالىدىغانلار ياخشى ئويلىشىڭلار
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى