+تېما يوللاش
kadimkiormanيوللانغان ۋاقتى:2017-12-27 23:49 876 قېتىم كۆرۈلدى9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى قېتىم يوللانغان windows7 مەشخۇلات سېستىمىسىنى ھەقسىز windows10正版 گە يېڭىلاش توغرىسىدىكى مەزمۇن يوللانغاندىن كىيىن(يەنى مۇشۇ تېما forum.ph ... 53356&extra=&page=2)، نۇرغۇن تورداشلار شۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىسىنىڭ مەشخۇلات سېستىمىسىنى windows10正版 گە يېڭىلىۋالغانلىقى، يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ يېڭىلاش جەريانىدا مەسىللەرگە يولۇققانلىقى توغرىسىدىكى سۇئال ۋە پىكىرلەر مۇنبەر ۋە ئۈندىدار سالونغا يوللانغان، بەزى تورداشلار ئۈندىدارىمنى قېتىپ يولۇققان مەسىللەرنى ئىنكاس قىلدى، ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلدىم. لىكىن ۋاقىتنىڭ ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى يەنە بەزى تورداشلارنىڭ سۇئال ۋە پىكىرلىرىگە ئۆز ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىغان. مانا بۈگۈن windows7 مەشخۇلات سېستىمىسىنى ھەقسىز windows10正版 گە يېڭىلاش جەريانىدىكى چىقىۋالغان مەسلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
windows7 مەشخۇلات سېستىمىسىنى ھەقسىز windows10正版 گە يېڭىلاش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئەسكەرتمىسى چىقىۋالغان.

يەنى api-ms-win-core-libraryloader-l1-1-1.dll ئىسىمدىكى بىر ھۆججەتنىڭ كەملىكى توغرىسىدىكى خاتالىق. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توردىن api-ms-win-core-libraryloader-l1-1-1.dll ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرنىڭ C:\WINNT\System32 دىكى ئادرىسقا چاپلاپ ئاندىن 运行 نى قوزغىتىپ regsvr32 C:\WINNT\System32\api-ms-win-core-libraryloader-l1-1-1.dll تۆۋەندىكىدەك كىرگۈزۈپ بۇ ھۆججەتنى قوشقان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ھەل بولمىغان. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئۇنداق قانداق ھەل قىلىمىز؟ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
كومپيۇتېرىمىزنىڭ C:\Windows\System32 تىزىملىكىگە كىرىپ بۇنىڭ ئىچىدىن wimgapi.dll ئىسىملىك ھۆججەتنى تېپىپ كۆچۈرىمىز، ئاندىن ئۇنى كومپيۇتېرىمىزنىڭ C:\Windows10Upgrade تىزىملىكىگە چاپلايمىز(باستۇرىۋېتىىز). يەنى چاپلاش بۇيرۇقىنى بەرسەك بۇ ئىسىمدىكى ھۆججەت بار سىز ئالماشتۇرامسىز ياكى ھەر ئىككىلىسىنى ساقلامسىز دىگەندەك ئەسكەرتىش چىقىدۇ، بۇنىڭدىن بىز ئالماشتۇرىمەن دىگەننى بېسىپ ئالماشتۇرىۋەتسەكلا ئىش تامام مەسىلە ھەل بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

شۇنىڭ بىلەن يولۇققان مەسىلە ھەل بولدى.
قوشۇمچە:
ئالدىنقى قېتىم يوللانغان ' كومپيۇتېر مەشخۇلات سېستىمىڭىزنى ھەقسىز windows10正版 گە يېڭىلىۋېلىڭ تىمىسىغا چۈشكەن ئىنكاستا بىر تورداش
دوسلار، ئەگەر سېستىما  نۇرمال ئىشلىسە ئامال بار سېستىمىنى يېڭىلىماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئىلگىرى مىنىڭ كومپىيۇتىر ىمدا ھەقىقى كىلونلانمىغان WIN 7سېستىمىسى بار ئىدى، ھەرقانداق يۇمشاق دېتالنى ياكى ئۇيۇننى ئاچسام NET   FRAMWORK دىگەندەك ياردەمچى دىتاللارنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلمايتى، ئۇ دىتاللار يوق تۇرۇقلۇقمۇ MAYAۋە 3D MAX دىگەندەك دىتاللار نۇرمال ئېچىلاتتى، بىركۈنى قۇلۇم قىچىشىپ قالدىمۇ ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن، يېڭىلىۋىدىم، كېرەكسىزلا   بىر سېستىمىغا ئايلىنىپ قالدى، ئامالسىز ئەسلى سېستىمىسىنى قايتا قاچىلاي دەپ قاچىلىسام خېلى كۆپ پۇلنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىدۇ مانا ئەمدى پۇشايمان ئالىدىغان قاچا يوق،.

دىگەن ئىنكاسنى قالدۇرغان. بۇنىڭغا يەنە بىر توردىشىمىز
Win7 مەشغۇلات سېستىمىسىدا NET Framework3.5 ۋە 2.0 قاچىلانغان ھالەتتە چىقىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە دېتاللارغا قاچىلاش كەتمەيدۇ. ئەمما 4.0 ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى نەشىرىنى تەلەپ قىلىدىغان دېتاللار يەنىلا قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. Win8/8.1/10 مەشغۇلات سېستىمىللىرىدا 4.0 ۋە ئۇنىڭ نەشىرلىرى قاچىلانغان ھالەتتە چىقىدۇ. شۇڭا 4.0نىڭ يۇقىرىسىنى تەلەپ قىلىدىغان دېتاللارغا قاچىلاش كەتمەيدۇ. ئەمما تۆۋەن نەشىرلىرىنى تەلەپ قىلىدىغان بولسا قاچىلاش كېرەك.

دىگەن توغرا بولغان چۈشەنچىنى بەرگەن . ئادەتتە بەزى دېتاللار يۇقارقى دىتاللارنى قاچىلاش كەتمىگەن بىلەن Photoshop، premiere، audition...... دىگەنگە ئوخشاش دىتاللار NET Framework ۋە microsoft c++运行库 لارنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەنبە: قەدىمكى ئورمان سالونى:

تەھرىر: ئابدىريىم ئابدىۋىلى
2017-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى(نەنجىڭ)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +10يىغىشسەۋەبى
qaq + 10ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن1قوللىمايمەنقوللىمايمەن

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
qaq ۋاقتى: 2017-12-28 10:47:04
نەچچە كۈن ئىلگىرى ھەل قىلالمىغان ئىدىم.كەم ھۆججەتنى تىپىپ قاچىلىغان بولساممۇ يەنىلا خاتالىق چىققان ئىدى ،رەھمەت
گىلەم
βaLa_❤_⑧_啦 ۋاقتى: 2017-12-28 12:13:03
رەخىمەت سىزگە مەنمۇ مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلالماي قايتا ۋىندوۋىس 8نى قاچىلاپ ئاندىن يېڭلىغانتىم ئەگەر بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ئارتۇق ئاۋارە بولماسكەنمەن. لىكىن بۇ  ئاكتىپلانغان ياكى ئاكتىپلانمىغانلىقىنى بىلەلمىدىم  ؟؟؟

ئورۇندۇق
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-28 12:39:57
نىمىشقا   windows 7 دىن  باشقىسىنىڭ  ئۇيۇن قوللىشى  ياخشى ئەمەس.
5-قەۋەت
خاقان331 ۋاقتى: 2017-12-28 18:03:51
مىنىڭ خاتىرە كومپىيوتۇرۇم windows8.1 ئىدى، 10غا پەقەت يېڭىلىيالمىدىم، تەڭشەكتىن يېڭىلاش ئۇچۇرى قوبۇل قىلغۇزساممۇ كەلمىدى. دوسلارنىڭ يااردەم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
6-قەۋەت
kichikoghul ۋاقتى: 2017-12-28 23:52:24
خاتالىق ئەسكەرتمىسى چىقىۋالغاندىن كېيىن  ۋىن 10ئېچىلماي يەنە ۋىن 7دىن قوزغىلىدىغان تۇرسا  قانداق قىلىپ كومپيۇتېرىمىزنىڭ C:\Windows\System32 تىزىملىكىگە كىرىپ بۇنىڭ ئىچىدىن wimgapi.dll ئىسىملىك ھۆججەتنى تېپىپ كۆچۈرىمىز، ئاندىن ئۇنى كومپيۇتېرىمىزنىڭ C:\Windows10Upgrade تىزىملىكىگە چاپلايمىز(باستۇرىۋېتىىز)؟ ياكى س دېسكىدىكى  كۆچۈرۈپ چاپلاش  ئەسلىدىكى ۋىن 7گە قارتىلغانمۇ؟

مەن 2-قېتم يېڭىلاش جەريانىدا بۇ تېمىدىكى مەسىلىگە يولۇققانلىقىم ئۈچۈن ۋىن 10نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى ئالىپتىكى ئادېرىستىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتاتتىم.
7-قەۋەت
kadimkiorman ۋاقتى: 2017-12-29 00:38:26
qaq يوللىغان ۋاقتى  2017-12-28 10:47
نەچچە كۈن ئىلگىرى ھەل قىلالمىغان ئىدىم.كەم ھۆججەتنى تى ...

شۇنداق كەم ھۆججەتنى قاچىلىسىمۇ شۇنداق خاتالىق چىقىۋالىدىكەن.
8-قەۋەت
kadimkiorman ۋاقتى: 2017-12-29 00:40:31
βaLa_❤_⑧_啦 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-28 12:13
رەخىمەت سىزگە مەنمۇ مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلالماي قايتا ۋى ...

سېستىما قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن مەڭگۈلۈك ئاكىتىپلانغان ياكى ئاكىتىپلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشخۇلات قىلىپ تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىدىكى ۋىندوۋس(win) بەلگىسى بار كونۇپكا بىلەن R كونۇپكىسىنى بىر باسسىڭىز 运行 قوزغىلىدۇ، ئاندىن تۆۋەندىكىنى كۆچۈرۈپ كىرگۈزۈپ جەزىملەش كونۇپكىسىنى(Enteer) باسسىڭىز تەكشۈرەلەيسىز.
forum.php?mod=viewthread&tid=53356
بۇنى كۆرۈسىڭىز ئەڭ ئارقىسىدا تەكشۈرۈش ئۇسۇلىمۇ بېرىلگەن.
9-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 2017-12-29 10:22:35
رەھمەت ، مەن ئوڭۇشلۇق يېڭىلىۋالدىم.
10-قەۋەت
esyankar ۋاقتى: 2017-12-29 17:48:56
ۋىندوۋىس8نى قانداق يىڭلايمىز10غا ياردەم قىلساڭلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى