+تېما يوللاش
alipيوللانغان ۋاقتى:2016-10-14 12:47 65927 قېتىم كۆرۈلدى768 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۈگۈن شىياۋمى MIUI نىڭ ئېچىۋېتىلگەن نەشىرى (开发版) گە ئىگە تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلى قوشۇلدى.
بۇ يىل 8-ئايدا ئالپ تورىدىكى uystar ئەپەندى شىياۋمى ئىگە تەرەپ مۇنبىرىگە ۋە ئالپ مۇنبىرىگە شىياۋمىغا ئۇيغۇر تىلى قوشۇش ھەققىدە ئىلتىماس قىلغان، ھەم uystar (مۇرادىل) ، ئابدۇمىجىت ئەپەندىلەر شىياۋمى شىركىتىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالپ تورىغا شىياۋمى سىستېمىسنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بېرىش ھەققىدە تېما يازدى. بۇ تېمىنىڭ ئادېرسى
شۇنىڭدىن كېيىن ئالپ تورىدىكى بىر قانچىمىز بىرلىكتە شىياۋمى سىستېمىسنى تەرجىمە قىلدۇق. تەرجىمە نىسبىتى %65 گە بارغاندىن كېيىن شىياۋمى شىركىتىدىكىلەر بىر قانچە قېتىم ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىپ، خاتالىقلارنى تۈزەتكەندىن كېيىن بۈگۈن تارقىتىلغان ئېچىۋېتىلگەن نەشىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى رەسمى قوشتى.
بۇ داڭلىق ماركىلىق يانفونغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇلىشى. يانفوننىڭ تىل تاللاش تەڭشىكىدىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ قويسىلا ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە بولىدۇ.

















تەرجىمە قىلىدىغان سۆزلەر كۆپ (60 مىڭ قۇردىن ئاشىدۇ) ، يانفوندا سىناش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا ئىملا خاتالىقلىرى، تەرجىمە جايىغا چۈشمىگەن جايلار بار. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىللەرنى مۇشۇ تېما ئاستىغا (ياكى aliptori@qq.com تور خەتكە) تەپسىلى يېزىپ قويساڭلار. تەرجىمىنىڭ چالىسىنى ۋە خاتالىقلارنى ئوڭشاپ داۋاملىق تەرجىمە قىلىمىز.
تەرجىمە جەريانىدا IT ساھەسىدىكى پىشقەدەملەردىن، ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومېتىتىدىكى تىلشۇناسلاردىن ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە مەسلىھەت ئېلىپ، بەزى ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈردۇق. بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئاتالغۇلارنىڭ ئادېرسى
تەرجىمىگە قاتناشقان، ياردەم بەرگەنلەرگە، شىياۋمى شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
ئاخىردا بىزنى قوللىشىڭلارنى، ئۇيغۇرچە سىستېمىنى  ئۇيغۇرچىكەن چۈشەنمەيدىكەنمەن دېمەي ئىشلىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 14تەجرىبە +307يىغىشسەۋەبى
ئىلتەبىر + 15مەن قوللايمەن
HJRAN66 + 2
Boy卍HEr〇 + 15مەن قوللايمەن
Bulbul808 + 30ياخشى يازما
sazlan + 5
uyghur26 + 30
ئەلخۇش + 15مەن قوللايمەن
سەرخىل + 30مەن قوللايمەن
ئاتلان520 + 5ياخشى يازما
ataman138 + 20ئېسىل ئىش.. ھەقىكەتتەن.
istikbal6666 + 30مەن قوللايمەن
kilimat + 50مەن قوللايمەن
xjislam + 30مەن قوللايمەن
subihi0998 + 30

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش15ھەمبەھرھەمبەھر2قوللايمەنقوللايمەن77قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

768ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
$$$XaiR$$$ ۋاقتى: 2016-10-14 22:16:39
ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەڭلار بۇ پەقەتلام ئىچكى سىناقنىڭ باشلىنىشى شۇڭا يېڭىلاشقا توغرا كەلگەن بەزى يانفۇن روملىرىغىلا سىناق قىلدى ئەلۋەتتە سىناق جەريانىدا تورداشلاردىن پىكىر تەكلىپ ئېلىنىدۇ، ئەگەر ناچار باھا بوپ قالسا ئاۋارچىلىق ھەم توسالغۇ دىگەن گەپ. شۇڭا ئىشلەتكەن تورداشلار شاۋمى بۇلۇت سۇپپىسىغا ياخشى باھالارنى يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز، تەرجىمە تېخى داۋاملىشىۋاتىدۇ. تەرجىمھانلار ئاز، ئىش جىق… ئەگەر ئالىپ ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ھەركىتىگە قاتناشمىغان بولسام مەنمۇ ئەلۋەتتە بۇنچىلىك جاپا ئىكەنلىكىنى بىلمەس بولغۇيتۇم ، يا لۇغەت ياكى دېتال ئارقىلىق ئاسانلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، نەچچە يۈزمىڭ خەتنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلدىغان گەپ. شۇڭا تەرجىمان قېرىنداشلىرىمىزغا مەدەت، ئىشلىرىغا بەركەت ۋە ئاسايىشلىق تىلەيلى تورداشلار!
تەۋسىيىلەش
aplisin ۋاقتى: 2016-11-27 12:17:50
ئەزھەر01 يوللىغان ۋاقتى  2016-11-20 12:57
شاۋمى يانفۇنىغائۇيغۇرچە قېتىلغىنىغا بەك خۇرسەن بولدۇ ...


ئۇيغۇر تىلى  چوقۇم ئوڭغا توغۇرلىنىشى كىرەك ، بىر نەچچە ئادەمنىڭ شەخسىي ھىسياتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلنىڭ ئوڭغا يۆنىلىشىنى بۇزساق بولمايدۇ ، كۆنەلمىگەن بولسىڭىز چىداپ ئىشلىتىۋەرسىڭىز  بىر مەزگىلدىن كىيىن چوقۇم كۆنۈپ قالسىز ، بىر ئوبدان تەرجىمە قىپ بەرسە يەنە ئۇنى بۇنى دەپ يوقلاڭ باھانە سەۋەپ  كۆرسەتسەك بولمايدۇ ،بۇ خۇددى ئۇيغۇر قىزلىرىغا مىللى ئەنئەنىمىز بويچە گىلەم دوپپا كۆينەك كىيىڭلا دىسە ،بىز كۆينەك كەيمەي ئەرەنچە ياسىنىپ يالاڭباشتاق يۈرۈپ كۆنۈپ قاپتۇق ،كۆينەكنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىپ كەيسەك بولامۇ دىگەندەكلا ..................... گەپ بوپ قاپتۇ ،مىللى ئەنئەنىمىزنى ھۆرمەت قىلشىمىز كىرەك ،
تەۋسىيىلەش
$$$XaiR$$$ ۋاقتى: 2016-10-22 02:04:13
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   $$$XaiR$$$ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-22 02:11  

شاۋمى ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى تېما ئۇسۇلۇپ بازىرىدىن چۈشۈرەلمەي قىينالغان بولسىڭىز ياكى يانفۇنىڭىزدا چۈشۈرگىلى بولمىسا تېز چۈشۈرۋىلىڭ، سىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن 微云بوشلۇقۇمغا يوللاپ قويدۇم ئاۋال سىزمۇ بوشلۇقىڭىزغا ساقلىۋېلىپ ئاندىن چۈشۈرەلەيسىز، مۇنبەرنى تېلفۇندىلا زىيارەت قىلىپ چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنبەردە بەك كۆپ سۆزلەندى تەكرالىمىساممۇ بولار…(دېققەت:ئاندىروئىد نەشىرى5.0.1,5.0.2,5.1.2,6.0.1نەشىرگە سىناق قىپ باقتىم ناھايتى نورمال ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىرگە ماس كېلەمدۇ يوق بىلمەيمەن) قېنى ئەمسە چۈشۈرۈڭ    http://share.weiyun.com/a8366ac3420d6467b98f9a96c1e4955b
تەۋسىيىلەش
alip ۋاقتى: 2016-10-21 12:54:29
بۈگۈن بىر قىسىم شىياۋمى يانفونلارغا يېڭىلاندى. بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا ئالدىنقى قېتىم بايقالغان ئىملا خاتالىقلىرى تۈزتىلدى. بەزى تەرجىمە قىلىنمىغان يەرلەر تەرجىمە قىلىندى.

باھا سۆز

شۇنداق سۆيۈندۇق. ئەمما نىمىشقا چىرايلىق فونت قوشۇلمايدۇ؟  ۋاقتى: 2016-10-21 16:27
مەن يېڭىلاپ باقتىم ، بەزى خاتالىق يەرلىرى تۈزىتىلىپتۇ. كۆپ رەھمەت  ۋاقتى: 2016-10-21 14:47
تەۋسىيىلەش
►J_AS_S_U_R◄ ۋاقتى: 2016-10-14 14:02:45
مەن ئەتىگەندىلا يېڭىلاپ بولغان ئىدىم خوڭمى 3س گە ،قىرىنداشلار ئىلتىش ئەپسىز دىمەي ئىشلەتسەك كۆنۈپ قالىمىز ،بەلكىم ئۇلار سىساستىكا قىلىشى مۇمكىن ،شۇڭا داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرايلى ،شۇنداق بولغاندا باشقا تېلفۇنلارغىمۇ قوشىلىشى مۇمكىن ، رەھمەت سىلەرگە جاپا چەكتىڭىلار
تەۋسىيىلەش
binam ۋاقتى: 2017-1-17 16:50:21

خۇڭمى 2تىلفۇن بارلادىن ئۇيغۇرچە قىلالغانلا بارمۇ

باھا سۆز

ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇڭ  ۋاقتى: 2017-1-17 22:30
ئاندىروئىد 6.0 دىن تۆۋەن نەشىردىكى تىلفۇنلاردا يوق  ۋاقتى: 2017-1-17 22:29
كاللىڭىزنىڭ دەردى بارمۇيا تىمىنى تولۇق ئوقۇڭ  ۋاقتى: 2017-1-17 22:27
تەۋسىيىلەش
$$$XaiR$$$ ۋاقتى: 2016-10-22 01:57:59
kaqan يوللىغان ۋاقتى  2016-10-21 23:26
شياۋمى 2 سېستىما يېڭىلاپ باققانلار بارمۇ،ئۇيغۇرچەقېتى ...

بار ئەمما ئۇيغۇرچە قېتىلمىدى، مۇقۇم نەشىرى 6.0 ئېچىۋېتىلگەن نەشىرى 5.0.2 كېلەركى قېتىملىق يېڭىلىنىشتا قېتىلىشىغا ئىشەنچىم كامىل ئۇ چاغدا ئۇيغۇرچە ئاساسەن مۇكەممەللىشىدۇ
تەۋسىيىلەش
alip ۋاقتى: 2016-10-18 22:16:22
azmat157 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-18 21:49
ئۇقتۇرۇش سىتونى (通知兰دەيمىزما) بەكلا قالايمىقان بوپ كېت ...

ئۆزلىرىچە 通知栏 نى ئۇقتۇرۇش ستونى دېمەي نېمە دېسەك بولا؟! ئۆزلىرىگە ياقمىغان بولسا 中文 دېگەن تۈرمۇ جايىدا بار، شۇنىڭغا تەڭشەپ ئىشلىتىۋەرسىلە بولىدۇ.
10-قەۋەت
120902 ۋاقتى: 2016-10-14 12:52:24
بەك   ياخشى    بوپتۇ    مۇقىم  نۇسقىسى  قاچان چىقا  ئەمدى
11-قەۋەت
زاھىر ۋاقتى: 2016-10-14 12:56:02
ناھايتى ياخشى بوپتۇ بەك خۇشال بۇلىۋاتىمەن ، لىكىن  قاچان  تېلفۇنىمىزغا چۈشىرەرمىز بۇنى
12-قەۋەت
nixani ۋاقتى: 2016-10-14 12:57:40
120902 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-14 12:52
بەك   ياخشى    بوپتۇ    مۇقىم  نۇسقىسى  قاچان چىقا  ئەمدى


تەخىر قىلسىڭىز چىقىدۇ  
ئاخىرى بۇ ئىشمۇ روياپقا چىقتى
پەقەت تىرىشقاندىلا ئۇنۇم ھاسىل بولىدۇ
13-قەۋەت
1933315008 ۋاقتى: 2016-10-14 12:58:08
ئۇيغۇرتىلىنى قۇشۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئەزىمەتلەرگە كۆپ رەھمەت! يارايسىلەر!
14-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 2016-10-14 12:58:22
بەك ياخشى بوپتۇ،چۈشۈرۈش ئادىرسنى يوللاپ قويساڭلار سىناپ باقساق بوپتىكەن
15-قەۋەت
qaribag13 ۋاقتى: 2016-10-14 12:59:14
تېلفۇنىمىزغا يېڭلاش ئۇقتۇرىشى كەلمىدىغۇ؟
16-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2016-10-14 13:04:28
ھەي مىيزۇ تېلفۇن ئېپتىكەنمەن ئىسىت شوۋمى ئالسامچۇ  كىلەر يىلى چۇقۇم شوۋمى سېتىۋالىمەن
17-قەۋەت
newkiran19 ۋاقتى: 2016-10-14 13:05:36
مۇبارەك بولسۇن ئۇيغۇر تىلىغا   جاپا چەكتىڭلار تەرجىمان ۋە باشقا ئۇستازلار
18-قەۋەت
0996faruk ۋاقتى: 2016-10-14 13:06:14
ئۇيغۇر تىلى ئۇچۇن كۈچ قوشقان قېرىنداشلىرمىزغا كۆپ رەھمەت
19-قەۋەت
IZQI1945 ۋاقتى: 2016-10-14 13:06:44
بەك ياخشى بوپتۇ،تەرجىمان دوسلارغا رەھمەت.تىزراق ھەممە تىپلىرىغا قۇشۇلسا بولاتتى.
20-قەۋەت
mardan323 ۋاقتى: 2016-10-14 13:07:37
تىلفۇنغا سىستىما يېڭىلاش ئۇچۇرى كەلـمىدىغۇ



21-قەۋەت
subihi0998 ۋاقتى: 2016-10-14 13:07:41
ۋاي ئىسىت مەنمۇ لېشى  ئاپتىكەنمەن ئىسىت  ئىسىت  لىشىغا قاچانمۇ ئۇيغۇرچە قوشۇلا ئەمدى  بەك ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن شىياۋمى ئالغان بوسام بوپتىكەن
22-قەۋەت
1933315008 ۋاقتى: 2016-10-14 13:07:44
6.10.13 نەشىرى شۇمۇ؟
23-قەۋەت
بارى ۋاقتى: 2016-10-14 13:09:19
ھەي بۇرا دەرلە بۇ تېخى سىناقكەن ،  تەرجىمىسىمۇ تولۇق تېخى تولۇق پۈتمەپتۇ    ،،  تەخىر قىلايلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى