+تېما يوللاش
uyghurيوللانغان ۋاقتى:2017-8-11 10:19 2972 قېتىم كۆرۈلدى26 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆچمە ئىنتېرنېت دەۋرى نۇرغۇنلىغان يېڭى كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈردى، بولۇپمۇ نۇرغۇنلىغان يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە ئەندىزىلەر بىلەن بىراقلا غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن «كەركىدان شىركەت»لەرمۇ ئاز ئەمەس. بۈگۈن بىز بىزگە بىرقەدەر تونۇشلۇق بولغان «شياۋمى شىركىتى» بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى.
شياۋمى شىركىتى توغرىلىق سۆزلىسەك، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى لېي جۈن توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمىسەك بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

لېي جۈن 1969-يىلى خۇبېينىڭ شيەنتاۋ دېگەن يېرىدا تۇغۇلغان،1987-يىلى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1992-يىلى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان شىركىتى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، شۇ چاغلاردىكى ئەڭ داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركىتى جىنشەن يۇمشاق دېتال شىركىتىگە كىرىپ ئىشلىگەن.
16 يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن جىنشەن گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرلىقىغا چىققان ھەمدە جىنشەننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پاي بازىرىغا باشلاپ كىرگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن سودا ساھەسىگە كىرگەن ھەمدە لاكالا، فەنكې تورى، يايا تورى (YY) قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىپ، بۇ ساھەدە خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان.
لېي جۈن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى  قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلىپ، شياۋمى شىركىتىنى قۇرغان.

شىركەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى



2010-يىلى
4-ئاينىڭ 6-كۈنى شياۋمى شىركىتى رەسمىي قۇرۇلغان.
8-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇنجى نەشردىكى MIUI چىقىرىلغان.
12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاندورويىد نۇسخىدىكى مىلياۋ (ئالاقە دېتالى) سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان
2011-يىلى
7-ئاينىڭ 12-كۈنى يېڭىلانغان نەشردىكى MIUI ئېلان قىلىنغان ھەمدە لېي جۈن ئۆزىنىڭ يانفون ساھەسىگە رەسمىي كىرىدىغانلىقى جاكارلىغان.
8-ئاينىڭ 1-كۈنى شياۋمى مەھەللىسى (مۇنبەر) سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن.
8-ئاينىڭ 16-كۈنى شياۋمى بىرىنچى ئەۋلاد يانفونى رەسمى ئېلان قىلىنغان.
10-ئاينىڭ 20-كۈنى شياۋمى تورى رەسمىي ئېچىلغان.

2012-يىلى
5-ئاينىڭ 15-كۈنى شياۋمى بىرىنچى ئەۋلاد يانفونىنىڭ ياشلار نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان.
6-ئاينىڭ 7-كۈنى شياۋمى يانفونىنىڭ سېتىلىشى ئۈچ مىليونلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى شياۋمى شىركىتى 216 مىليون دوللارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈردى، بازار قىممىتى تۆت مىليارد دوللارغا يەتتى
8-ئاينىڭ 16-كۈنى شياۋمى S1 ۋە شياۋمى 2 بازارغا سېلىندى.
11-ئاينىڭ 14-كۈنى شياۋمى تېلېۋىزور قۇتىسى بازارغا سېلىندى.
2013-يىلى
MIUI ئابۇنتى 10 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى
.......
بۇ يەردە شياۋمى شىركىتىنىڭ ھەر بىر نەتىجىسىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ ئۆتۈشنى تازا لايىق كۆرمىدۇق، پەقەت ئاز بىر قىسمىنى سۆزلىدۇق.
شياۋمى شىركىتى ئىنتېرنېت ئىدىيەسدىن پايدىلىنىپ ،ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم سادىق ئابۇنتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.
شياۋمى قۇرۇلغاندىن بېرى كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى.
2012-يىلى يەتتە مىليون 190 مىڭ دانە يانفون سېتىپ چىقاردى، بۇ سان 2013-يىلىغا بارغاندا 18 مىليون 700 مىڭغا يەتتى، 2014-يىلىغا كەلگەندە 61 مىليون 120 مىڭغا يەتتى، 2015-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 70 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
شياۋمى شىركىتى يانفون ئىشلەپچىقىرىش بىلەن توختاپ قالماستىن، يەنە تېلېۋىزور، كۆچمە توك قاچىلىغۇچ، ھاۋا تازىلىغۇچ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈك قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلەپچىقاردى.
يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ «كەركىدان شىركەت» بولغۇچە شياۋمىغا ئارانلا بەش يىل ۋاقىت كەتتى، ئۇنداق بولسا شياۋمىنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى سىر زادى نەدە؟ ئۇلارنىڭ يانفونىنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولغانلىقىدىمۇ؟ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟

شياۋمىنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى سىر زادى نەدە؟
مېنىڭچە بۇنىڭغا ھەممە ئادەم قىزىقىدىغۇ دەيمەن. تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان بىر ماركا نەچچە ئون يىل يانفون ساھەسىدە كۈرەش قىلغان داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. بىز ئالدىنقى ماقالىمىزدە شياۋمى شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالغانىدۇق، بۇ قېتىم شياۋمى شىركىتىنىڭ زادى قانداق قىلىپ بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقايلى.
  مەزكۇر تەھلىل پەقەت ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاپتور پەقەت قىزىقىش ۋە كەسىپ سەۋەبىدىن تەھلىل يۈرگۈزگەن، ھەرقانداق ماقالىدە ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلىنسا ئاپتور ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.
— ئاپتوردىن.

  شياۋمى شىركىتىنىڭ چاقماق تېزلىكىدە تەرەققىي قىلىشىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىشنى لايىق كۆردۈم:



1. ۋەزىيەت ئامىلى: ناھايىتى تەستە بىر كېلىدىغان «يانفون ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى»
سودا ساھەسىدە «ئۈچ يىلدا بىر كىچىك ئۆزگىرىش، بەش يىلدا بىر چوڭ ئۆزگىرىش» دەيدىغان گەپ بار. كىم بۇ كەسىپنىڭ ئۆزگىرىش ۋاقتىنى چىڭ تۇتالىسا، چاقماق تېزلىكىدە تەرەققىي قىلالايدۇ، بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. 2002-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تورچىلىقى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، بۇ چاغدا تېخى كومپيۇتېر ئاساس ئورۇندا تۇراتتى. كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان ئابونتلارمۇ تازا كۆپ ئەمەس، ئائىلىسىدە كومپيۇتېر بار ئابونتلار تېخىمۇ ئاز ئىدى. ئۇ چاغدىكى تور بەتلەر ئاساسلىقى پاراڭلىشىشنى ئاساس قىلغان چايخانىلار ئىدى. كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ ھەر خىل كىنو-ناخشا بەتلىرى، ھەر خىل مۇنبەرلەر بارلىققا كەلدى. بىراق بۇ چاغدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە تور بەت نامى مەسىلىسى بولۇپ قالدى، نۇرغۇنلىغان تور ئابونتلىرىنىڭ تور سەۋىيەسى تازا دېگەندەك ياخشى ئەمەس بولۇپ، تور نامىنى يادىدا تۇتالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن شۇ چاغدا تور ئابونتلىرىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرچە بەتلەرگە بىۋاسىتە كىرىدىغان بەتتىن بىرىگە ئېھتىياجى چۈشتى، مانا بۇ دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ئۇلىنىش تورىنى بارلىققا كەلتۈردى. كېيىنچە كۆچمە ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلىشى، ئەقلىيفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر كومپيۇتېردا تورغا چىقىشتىن يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىشقا يۆتكىلىشكە باشلىدى. بۇ چاغدىكى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ھازىرقى نۇر تورىنى بارلىققا كەلتۈردى.
خوش ئەمدى نەزىرىمىزنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىمىز تەرەپكە ئاغدۇرايلى، لېي جۈن يايا تورىغا مەبلەغ سېلىپ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نيۇيورك پاي بازىرىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن كۆچمە ئىنتېرنېتنىڭ كىيىنكى چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدىكى يانفون (ئەقلىيفون) بازىرىدا ناھايىتى چوڭ بوشلۇق بارلىقىنى بايقىدى. ئەينى چاغدا دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يانفون ئالماشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالغان بولۇپ، بۇنىڭ باشلامچىسى دەل ئالما شىركىتى ئىدى. 3G تورىنى قوللايدىغان ئالما يانفوننىڭ بىر كۈنلۈك سېتىلىش سانى مىليوندىن ئېشىپ پۈتۈن يانفون ساھەسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى. 2010-يىلىغا كەلگەندە ئەسلىدىكى يانفون ساھەسىنىڭ گىگانتلىرى بولغان نوكىيا، قارا بۆلجۈرگەن، موتورولا قاتارلىقلارنىڭ كەينى-كەينىدىن غۇلاپ چۈشۈشى بۇ ساھەدە غايەت زور بوشلۇقنى پەيدا قىلدى، ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆزى قىزىرىدىغان غايەت زور «تورت»تىن بىرسى پەيدا بولدى.



2. رىقابەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستا بولۇشى
ئەينى چاغدا ئىقتىدارلىق يانفون (ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولمىغان)دىن ئەقلىيفونغا ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن يانفون كارخانىلىرىنىڭ ئىنكاسى بەكلا ئاستا بولدى. پەقەت بىر قانچە ماركىلا بۇ ۋەزىيەتكە تېز سۈرئەتتە ماسلىشالىدى. بىرى سامسۇڭ، يەنە بىرى HTC.
شۇ دەۋردىكى يانفون ساھەسىنىڭ كاتتىلىرى بولغان (دۆلىتىمىزدىكى) تيەنيۈ، چاڭخۇڭ قاتارلىقلار بۇ شامالنى پەقەت ۋاقىتلىق شامال دەپ قاراپ بۇ بازارغا تازا كۆڭۈل بۆلمىدى، لېي جۈن بولسا «بوران ئېغىزىدا تۇرسا ھەممە نەرسە ئۇچالايدۇ» دېگەن گېپىنى بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.



3. قوشۇن جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى.
شياۋمىنىڭ شۇ چاغدىكى قوشۇنى ھەقىقەتەن بىر توپ زەردارلار يىغىلغان قوشۇن ئىدى،
لېي جۈننى قويۇپ باشقىلىرىنى دېسەكمۇ ئاساسەن دېگۈدەك مىكروسوفت، گۇگول، موتورولا، جىنشەن قاتارلىق داڭلىق IT شىركەتلىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ،بۇ ساھەنىڭ مۇشۇ 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىگە شاھىت بولغان ھەمدە ئازدۇر-كۆپتۈر تەسىر كۆرسەتكەن ئادەملەر ئىدى. بەلكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى پۇرسەتكە ئېرىشكەنلەر بولۇشى مۇمكىن ،بىراق لېي جۈنگە ئوخشاش قوشۇننى تەشكىللىيەلىگەنلەر ھەقىقەتەن يوق دېيەرلىك ،شۇڭا شياۋمىنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى سەۋەبلەر ئىچىدە قوشۇننىڭ ئەۋزەللىكىمۇ خېلى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولسا بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئىشىنىپ كېتىپ شياۋمى شىركىتىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، يۇقىرىقىدەك ئەۋزەللىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۆزىدە تەييارلىماي تۇرۇپلا ئىگىلىك تىكلەشكە قاينىمىغا دەسسەپ قېلىپ ۋەيران بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا بەزى چاغلاردا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتمىگۈلۈك.
بۇ پۇرسەتلەردىن باشقا يەنە شياۋمى شىركىتىنىڭ سودا ئەندىزىسىمۇ ناھايىتى ئىلغار ئىدى.
بىزدە «ئۈچ نادان بىر بولسا بىر ئاقىلغا تەڭ بولۇر» دېگەن گەپ بار. شياۋمىنىڭ قوشۇنىدا ئۈچ نادان ئەمەس، شۇ چاغدىكى مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ ئىقتىدارلىق ئادەملەر يىغىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان سېتىش پىلانلىرى، بازار تاكتىكىلىرى، ھەر خىل بازارنى قىزىتىش ئۇسۇللىرى، مەھسۇلاتىنىڭ بازاردىكى ئورۇننى بەلگىلەش ئۇسۇللىرى جۇڭگو بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى.
بىز تۆۋەندە شياۋمىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئامىللىرىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى



1. مەھسۇلات ۋە باھا جەھەتتە
شياۋمىنىڭ تۇتقىنى ئىقتىدار قىممىتى يۇقىرى،باھاسى ئەرزان يول. ئەينى چاغدا بازاردا مودا بولۇۋاتقان ئەقلىيفونلار بولسا ئالما، سامسۇڭ، HTC، قاتارلىقلار ئىدى. بۇ ئۈچىلىسنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا باھاسى يۇقىرى (ئادەتتە 3000-6000 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى). شياۋمى ئەپچىللىك بىلەن باھانى 1999 يۈەنگە بېكىتتى. ئەينى چاغدا ئوتتۇرا قاتلامدىكى بازارغا ئىشلەنگەن ئەقلىيفوندىن پەقەت مېيزۇ (باھاسى 2499 يۈەن) لا بار ئىدى، بىراق 2000 يۈەندىن تۆۋەن باھادىكى ئىقتىدارى يۇقىرى يانفون يوق دېيەرلىك ئىدى. شياۋمى بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن ليەنشياڭ، جۇڭشىڭ قاتارلىق دۆلىتىمىز داڭلىق ماركىلىق يانفون زاۋۇتلىرىمۇ ئەقلىيفون ساھەسىگە قەدەم باستى، بىراق ھەممىسىنىڭ باھاسى 3000 يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ بازاردا تازا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.  شۇ دەۋردە شياۋمى بىلەن ئوخشاش سەپلىمىلىك باشقا ماركىدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش باھاسى ئاساسەن دېگۈدەك 4000 يۈەندىن يۇقىرى ئىدى.
2013-يىلىغا كەلگەندە نۇرغۇنلىغان كارخانىلار شياۋمىدىن ئۆگىنىپ، ئوخشاش سەپلىمىدىكى ئوخشاش باھادىكى يانفونلارنى بازارغا سالدى، شۇنىڭ بىلەن شياۋمى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 799 يۈەنلىك خۇڭمى يانفونىنى بازارغا سالدى. مىڭ يۈەنلىك تېلېفون بولسا تۆۋەن قاتلامغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگودا ناھايىتى چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بار ئىدى. خۇڭمى يانفونىنىڭ بازارغا چىقىشى شياۋمىنىڭ بازاردىكى «غوجائاكا» لىق ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

2. تەشۋىقات جەھەتتە
شىركەتنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا لېي جۈن ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل ئاممىۋىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ شياۋمى شىركىتىنى توختىماستىن تەشۋىقات قىلدى ھەمدە شياۋمى مەستانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پائالىيىتى، مەستانىلەر بايرىمى، مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قىزغىنلىقنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا شياۋمى ئورگان تورىدا بىۋاسىتە سېتىش، تالىشىپ سېتىۋېلىش، شىنلاڭ، تېڭشۈن مىكرو بىلوگىدا تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىش، QQ بوشلۇقىدا تۇنجى بولۇپ سېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تېخىمۇ كۆپ مەستانىلەرنى توپلىدى ھەمدە بىر نەچچە مىنۇت ئىدى، نەچچە يۈز مىڭ تال زاكاز ئېلىش قاتارلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ جەمئىيەتتە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى.

3. توردا سېتىش جەھەتتە
شياۋمى شىركىتى يانفون ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ تەييار بولمىغان مەھسۇلاتنى ساتقان شىركەتتۇر (يەنى يانفوننى تولۇق ئىشلەپچىقارماي تۇرۇپ زاكاز ئالغان) ئۆزلىرىنىڭ ئورگان تورى ۋە ھەرخىل تەشۋىقات يوللىرىدىن پايدىلىنىپ توختىماستىن مەستانە توپلاپ شۇلار ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى ھەمدە ئاچ قالدۇرۇپ سېتىش تاكتىسىكىسىنى قوللىنىپ، شياۋمىنى ھەممە ئادەم قىزىقىدىغان، لېكىن  سېتىۋېلىش ئەڭ تەس يانفونغا ئايلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن شياۋمى ھەممە ئادەمنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى (شياۋمى ئىككىنچى ئەۋلاد يانفونى چىققاندا كېچە سائەت ئون ئىككىدە ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرغىنىم ھازىرمۇ يادىمدا)
ئۇنىڭدىن كىيىن تيەنماۋ، جىڭدۇڭ  قاتارلىق چوڭ سۇپىلار بىلەن ھەمكارلىقنى ناھايىتى ياخشى ئېلىپ باردى، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى لېي جۈننىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.

4. ھەرقايسى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق جەھەتتە
يەنە ئوخشاشلا لېي جۈن ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆزىنىڭ ماركىسىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. (ئادەتتە ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بايراقدار دۇكانلىرى، تور سۇپىلىرىدا سېتىلغان يانفونلارنىڭ ئىستېمالچىنىڭ كاللىسىدىكى ئىناۋەت دەرىجىسى باشقىلارغا باققاندا خېلى يۇقىرى تۇرىدۇ)

5. يانفون توپ تارقىتىش ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىق جەھەتتە
ھەممىمىزگە مەلۇم دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يانفون توپ تارقىتىش بازىرىدىن ئىككىسى بار، بىرى شياۋمى شىركىتىنىڭ باش ئىش بېجىرىش ئورنى جايلاشقان جۇڭگۈەنسۈن، يەنە بىرى بولسا شېنجىندىكى خۇاچياڭبېي. شياۋمى ئاچ قويۇپ سېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن كىيىن سېتىۋېلىش ئەڭ تەس بولغان بۇ يانفون بۇ ئىككى توپ بازىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇمۇ بىزنىڭ «لېي بېگىم»نىڭ ئويۇنى ئىدى، بۇ يەردىكى يانفونلارنىڭ توپ باھاسى ئورگان تورىدىكى پارچە باھاسىدىن بىرەر يۈز يۈەن ئەتراپىدا قىممەت ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ تالىشىپ سېتىۋالىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولدى.
خوش، يۇقىرىدا شياۋمى شىركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تەرەپىتىن تەھلىل قىلدۇق. بىر كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلالىشى يۇقىرىقى ئامىللاردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا بىر كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ قانداق نەتىجە قازانغانلىقى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك، بولمىسا ئۇنى قارىغۇلارچە دورىغان ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىز قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز.
  يۇقىرىقىلار بولسا شياۋمى شىركىتىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ چاقماق تېزلىكىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تەھلىللىرى. شياۋمى شىركىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە يەتتە يىل ۋاقىت ئۆتتى، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ھەقىقەتەن ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ، بىراق يېقىندىن بېرى شياۋمى شىركىتىنىڭ يانفون ساھەسىدىكى «غوجائاكا» لىق ئورنى تەۋرىنىپ قالدى.
بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەجەبا شياۋمىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟ بىر دەۋرنىڭ ئەركىسى بولغان شياۋمى مۇشۇنداقلار شاللىنىپ كېتەرمۇ؟ شياۋمى زادى قانداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدى؟
بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز كېلەر قېتىم ئالپ سالونى ۋە ئالپ تورىدا ئېلان قىلىندىغان «شياۋمى ئىمپېرىيەسى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتامدۇ؟» دېگەن تەھلىلىمىزدە بولسۇن.

ئاپتورى: مۇھەممەتجان خېۋىر

بۇ يازما ئاپتورنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن ئالپ تورى ۋە ئالپ سالونىدا ئېلان قىلىندى؛ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن1قوللىمايمەنقوللىمايمەن

26ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
Huxnut ۋاقتى: 2017-8-11 10:39:33
شىياۋمى تېلفۇننى ئىشلەتكىنىم بىلەن بۇ شىركەتكە بولغان چۈشەنچەم بەكلا ئاددىي ئىدى . تېمىدىن شىياۋمى شىركىتىنى خېلى چۈشۈنۈپ قالدىم . يازمىڭىزغا رەھمەت . كېيىنكى يازمىڭىزنى تەققەزالىق بىلەن كۈتىمەن .
گىلەم
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-8-11 11:29:01
شىياۋمى شىركىتىگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ ئاشتى، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.
ئورۇندۇق
doktor8 ۋاقتى: 2017-8-11 12:06:25
قايىل قىلارلىق تەھلىل بوپتۇ ، رەھمەت !

ھازىر بازاردا vivo , oppo  قاتارلىق ئىككى ماركا ئەمەلىي دۇكاندا سېتىشنى ئاساس قىلىپ تېز سۈرئەتتە سېتىش مىقدارى ئۆرلەپ ، xiaomi  غا خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ .  
5-قەۋەت
ghaye ۋاقتى: 2017-8-11 12:24:02
كىيىنكى قىتىملىق تىمىڭىزغا ئىنتىزارمىز
6-قەۋەت
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-8-11 12:26:40
vivo
بىلەن oppo تىلپۇن خۇددى قەغەز يولۋاستەكلا ، شىياۋمىغا يەتمەيدۇ ، ئەمدى ماۋۇ miui9 سېستىمسى چىقسا مەنچە يەنە بىر دەۋىر سۈرەمىكىن
7-قەۋەت
239866898 ۋاقتى: 2017-8-11 12:26:49
شىياۋمى يانفۇنى خېلى بۇلىدۇ لېكىن ئېكرانى كىچىككىنە چېقىلسا پەقەتلا ئىشلىمەيدىغان ئىشى چاتاق
8-قەۋەت
aLMaS31 ۋاقتى: 2017-8-11 13:16:10
miui9قاچان چىقا تېلفۇنۇمغا3s
9-قەۋەت
520abduxukur ۋاقتى: 2017-8-11 13:59:22
خاقان دىگەن تورداش ،سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز قانداق شىياۋمىي تىپلىق تىلفۇن ،شىياۋمىي 3 يانفۇنىدىن باشقا تىپلىقى،،ئىكرانى چىقىلىپ كەتسىمۇ ئىشلەۋىرىدۇ ،مەندىمۇ ھازىر شىياۋمىي Note يانفۇنى بار ،،تاش ئىكرانى چىقىلىپ چۇل چۇل بوپ كەتتى ،شۇنداق مۇزدەك ئىشلەۋاتىدۇ،ئىكران سالاي دىسەم ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن يانچۇق بوش كەپ قالدى،شۇڭا ئىكران ئالماشتۇرماي ئىشلىتىۋاتىمەن،لىكىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىكرانى دەز تىلفۇننى ئالسام سەل شۇ خىجىل بوپ قالىكەنمە ،لىكىن تىلفۇن شۇندا ياخشى ،ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككىنچى قول تىلفۇن ئالغان بولساممۇ شىياۋمىي 1،،2ۋە 3،4لەرنى ئىشلەتكەن ،شۇندا ياخشى چىقتى ،شىياۋمىي 3نىڭ ئىكرانى تولا چىقىلىپ كىتىپ 4كە ئالماشتۇرغان ،كىيىن يەنە ئىكرانى يوغاننى ئىشلەتكىم كىلىپ Noteيۈرۈشلۈكىگە ئالماشتۇردۇم ،ھەممە ھاجىتىمدىن تولۇق چىقىۋاتىدۇ ،يۈرۈش سىغىمى 3جى ئىچكى سىغىمى 16جى شۇنداق ياخشى ،،مەنچە شىياۋمىي نىڭ بازاردا تەۋرىنىپ قىلىشىدىكى سەۋەپ ،شىياۋمىي نىڭ كۆپلىگەن جاي  ۋە  شىنجاڭ تەرەپلەردىكى مەخسۇس پارچە سىتىش دۇكىنىنىڭ ئازلىقىدا ،ۋە ئىلان كۈچى يوق،،ئىلانمۇ ھازىر شۇنداق چوڭ تارقىتىش شەكلى ،مەسلەن OPPPۋە vivoنى ئالايلۇق ،نەگە بارسا ئىلانى ،ئاشخانىغا كىرەيلى ۋە ياكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە كىرەيلى ۋە ياكى بانكىغا كىرىلى ۋە ھاكازالار ،،،،
تاس قالدى ئوبۇرنى ھاجەتخانىلارغا ئىلان قويغىلى ،،كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ،خاپا بولماڭلا ھە ،،ياشاپ كەت شىياۋمىي ،ئانا تىلىمىز بار بولغان شىياۋمىي  
10-قەۋەت
mamtimin001 ۋاقتى: 2017-8-11 15:45:41
مەنمۇ شىيامى مەستانىسى ،ئۇدا 3 قېتىم شياۋمى تېلېفونى سېتىۋالدىم. ھازىرمۇ شياۋمى تېلېفون ئىشلىتىۋاتىمەن، كەلگۈسىدىمۇ شاۋمى تېلېفونى  سېتىۋالىمەن. شياۋمىڭ ماڭا يەتكۈزگەن ئېتىبارىمۇ  ئاز ئەمەس. مەن ھازىر شياۋمىدىن  قىرىق مىڭ يۈئەن قەرز ئالالايمەن.
11-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-8-11 16:50:30
مەن كىيىنكى تىمىڭىزنى سەككىز كۆزۈم بىلەن ئىنتىزارلىق ئىلكىدە ساقلايمەن                 تىخمى ياشا شاۋمى
12-قەۋەت
kasi ۋاقتى: 2017-8-11 16:55:18
مەنمۇ شاۋمىنىڭ سادىق مەستانىسى ،سېستىما يۈرشىشى بەكلا ياخشى بۇ شاۋمىنىڭ،،لىكىن بۇ لىي زوڭ ئېلانغا زادى كۈچمەيۋاتىدۇ ،،oppo,vivo,نىڭ يېرىمىچىلىك كۈچىگەن بولسا  oppo ,,vivo,نىڭ بازىنى ئوبدانلا ئىگىلەيتتى ،،،oppo ,vivo مەستانلىرگە تىگىپ كەتمىسۇن ،شەخسى كۆز قارشىم
13-قەۋەت
ئىزچى 9 ۋاقتى: 2017-8-11 17:16:40
520abduxukur يوللىغان ۋاقتى  2017-8-11 13:59
خاقان دىگەن تورد ...

شىياۋمى 4 نىڭمۇ ئېكرانى بەك نىپىزكەن ، كىچىككىنە دەز كەتسىمۇ ئىشلىمەيدۇ . 3 قېتىم ئېكران ئالماشتۇرۇپ بولدۇم .
14-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-8-11 17:25:00
سىز دەۋاتقانvivo.oppoيانفۇنلىرى  قەغەز يولۋاس  گە ئوخشاش تۇرسا ، خىرىس قىلغۇدەك خېلى ماركىلار تۇرسا ئۇ ئىككى ماركا ئىسىڭىزگە كەلگىنى قىززىق ،
15-قەۋەت
AXEK007 ۋاقتى: 2017-8-11 20:14:49
دوسلار مۇشۇ miui9 تىن پەقەت يىڭىلىنىش ئۇچۇرى يۇققۇ
تىلفۇن红米Note4xئىدى
ئىچىۋىتىلگەن نەشىرى ياكى مۇقىم نەشىرىگە يىڭىلىغانلا بارمۇ يا
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى