+تېما يوللاش
(tan:ha:boy)?يوللانغان ۋاقتى:2017-9-3 20:09 1787 قېتىم كۆرۈلدى4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

تۇرمۇشتا، ھەر بىر ئادەم باشقىلاردىن پۇل ئېلىپ تۇرىدىغان ياكى پۇل بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئېلىم-بېرىم ماجىراسى نىكاھ ئائىلە ماجىرالىرىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەق تەلەپ دەۋالىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، يىلدىن-يىلىغا ئېشىپ ماڭغان. پاكىت يېتەرلىك بولماسلىق، دەۋا سۈرۈكىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، قولىدا تىلخەت بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇنلىغان قەرز بېرىپ تۇرغۇچىلار سوتتا ھەر قانچە سۆزلىگەن بىلەنمۇ، يەنىلا يېڭىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىك يەنىلا  ھېسابلىق دوست ئايرىلماس  دېگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن، باشقىلارغا پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرغاندا، ئىسپات يازغۇزۇش كېرەك.
ئىسپات يازدۇرغاندا نۇرغۇن ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم. مەسىلەن: ئەڭ ياخشىسى قەرز ھۆججىتى (欠条) ئەمەس تىلخەت (借条) يازدۇرۇش لازىم. چۈنكى، تىلخەتنىڭ قانۇنى كۈچى ھۆججەتتىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ پۇلنى قايتۇرماي ماجىرا كېلىپ چىقسا، تىلخەتنىڭ قانۇنى كۈچى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئىسپات كۆرسىتىش كەتمەيدۇ، بىراق قەرز ھۆججىتى بولسا، قارشى تەرەپ سىزگە قەرزدار ئىكەنلىكىدىن تېنىۋالسا، سىز سوتقا قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قەرزدار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.


ئەگەر تىلخەت يېزىپ تۇرۇپمۇ، قارشى تەرەپ يەنىلا ۋاقتىدا پۇلنى قايتۇرمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەگەر ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆز-ئارا كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، كېلىشىشنى تاللاشقا بولىدۇ،.قانۇن دەۋاگەرلەرنىڭ ھەق تەلەپ دەۋالىرىنى ئۆزى خالىغان ئاساستا ئۆز-ئارا كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ.
كېلىشىشتە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قەرز سەۋەبىدىن ماجىرا پەيدا بولمىغان بولسا، ئالدى بىلەن ئەرز قىلماي تۇرۇپ، ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئاندىن كېلىشىم تۈزۈشكە بولىدۇ؛ ياكى بولمىسا، ئەگەر بىر تەرەپ ئەرز قىلىپ بولغان بولۇپ، بىراق ۋاقتى بەك ئۇزۇن، جەريانى مۇرەككەپ دەپ قارىسا، ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ كېلىشسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر سوت كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلسا، ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىپ، ماجىرانى كېلىشىم ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ.


كېلىشىشتىن باشقا، كېسىم ئۇسۇلىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. ئەرز بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كېسىمنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ماجىرانى تېخىمۇ تېز ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
كېسىم دېگىنىمىز، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ كېلىشىپ، تالاش-تارتىشنى ئۈچىنچى تەرەپ (ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئورۇنغا ئىگە)كە تاپشۇرۇپ، ئۈچىنچى تەرەپ تالاش-تارتىشنىڭ ھەق-ناھەق، يوللۇق ياكى يولسىز ئىكەنلىكىنى باھالاپ كېسىم چىقىرىدىغان بىر خىل ماجىرانى ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىدۇ. كېسىم ئەرز قىلىش، سوتلاش بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، كېسىم ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.


ئەگەر كېسىم ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن كېسىم ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، كېسىم كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئەگەر قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشىدۇ دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى چىقرىپ بېرىدۇ. ئىلتىماستا ئالاقىدار كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، يېشى، كەسپى ۋە ئىشنىڭ سەۋەبى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلىشى كېرەك.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ۋاقتى بىر قەدەر تېز بولغانلىقتىن، كېسىمگە كېتىدىغان چىقىملار نىسبەتەن ئاز بولىدۇ؛ كېسىمدە كۆپ دەرىجىلىك ھەق ئېلىنمايدىغان بولغاچقا، ئەرز قىلىشقا قارىغاندا ھەققى تۆۋەن بولىدۇ؛ كېسىم مەخپىي تۇتۇلىدىغان ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدىغان بولغاچقا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن قارشىلىشىش بولمايدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىمۇ كىچىكرەك بولىدۇ.

ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولۇپ، پۇلنى قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە، بىۋاسىتە ئەرز قىلىپ سوتقا چىقىش كېرەك. بىراق، ئەرزنىڭ تەرتىپلىرى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، ماجىرانى ھەل قىلىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزۇن، ئەرز قىلىش چىقىملىرىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسىم سوتى سوتلىغان دېلولار ئاشكارا ئېلىپ ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولۇپ، دېلو ئەھۋالى، كېسىم ئەھۋالى ئاشكارىلانمايدىغان بولغاچقا، ئالاقىدار تەرەپلەرنى قوغداشقا پايدىلىق؛ بىراق سوت مەھكىمىسى سوتلىغاندا ئاشكارا سوتلاش پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ (قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا).
بۇنىڭدىن سىرت، كېسىم بىر قېتىملا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، كېسىم چىقىرىلغان ھامانلا قانۇنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا بولمايدۇ؛ بىراق ئەرز ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.


كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، ئەرزدە سوت ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارغان تەقدىردىمۇ، ئىجرا بولمايدىغان ئەھۋاللار ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش نىسبەتەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرتىپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورۇنلىرى ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، قايتۇرۇپ كېلىدىغان پۇل، ھۆججەت قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، گۇمانلىق ئەھۋال بايقالمىغاندىن كېيىن، قەرز ھوقۇقى ھۆججىتىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى قانۇنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، قەرز ئىگىسى مۇرەككەپ ئەرز تەرتىپلىرىدىن ساقلىنىپ، ئەرز چىقىملىرىنى تېجەپ قالالايدۇ.


ئالاقىدار تەرەپلەر مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى بېجىرىشتە، ئالدى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ياكى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورنىغا ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە كىملىك ئىسپاتلىرىنى تەمىنلىشى كېرەك. ئەگەر قانۇنى ئىگە بولسا، قانۇنى ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتى، باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ھوقۇق بەرگەنلىك ھاۋالىنامىسىنى تەمىنلىشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلىشىم، تىلخەت، ھۆججەت، رەنىگە قويۇش ھۆججىتى، كېپىللىك خېتى قاتارلىقلارنىمۇ بىللە تاپشۇرۇش لازىم.


مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقدارلىق ھۆججىتىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
1. ھەقدارلىق ھۆججىتى پۇل، بۇيۇم ياكى قىممىتى بار ئاكسىيە قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان بولۇشى كېرەك؛
2. ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى ئېنىق بولۇشى، ھەقدار ۋە قەرزدار ھەقدارلىق ھۆججىتىدىكى ئېلىم-بېرىم مەزمۇنىغا گۇماندا بولماسلىقى كېرەك؛
3. ھەقدارلىق ھۆججىتىدە قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى مۇۋاپىق ئادا قىلماي، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى ئوچۇق يېزىلغان بولۇشى؛
4.  ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى  دا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.


قەرز مۇناسىۋىتىدە، يەنە كېپىل بولغۇچى ئۇقۇمىغا دىققەت قىلىش كېرەك. كېپىل بولغۇچى دېگىنىمىز، ھەقدار بىلەن كېلىشىپ، توختامدىكى قەرزنى كېپىل بىلەن تەمىنلەيدۇ، قەرز ئالغۇچى قەرز قايتۇرۇشنى ئادا قىلالمىغاندا، كېلىشىمگە ئاساسەن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئالاقىدار كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا، باشقىلار سىزدىن پۇل سورىغاندا، ئەگەر ئىشەنچلىك كېپىل بولغۇچى بولسا، پۇل قايتۇرۇۋېلىشىڭىز تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، قارشى تەرەپ پۇلنى قايتۇرمىغاندا، كېپىل بولغۇچىدىن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
قانۇندىن توغرا پايدىلىنايلى قانۇن سىياسەتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ، ئارتۇقچە ئاۋارە بولۇشتىن ساقلىنايلى
پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ يوللاندى
ئەسلى مەنبە قانۇن سالونى
ئەسلى مەنبە ئادرېسى.

http://mp.weixin.qq.com/s/ptW9XbU54rYu8DQePxS_ig
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش7ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەنقوللىمايمەنقوللىمايمەن

4ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
1330076792 ۋاقتى: 2017-9-3 22:12:01
بېرىپ ئەسكى بولغۇچە بەرمەي ئەسكى بول دەيدىغان گەپ بار ئىدى كونىلاردا.       ئەگەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا نېمەنېمىدېگەن ئاچچىق ھە.
گىلەم
13279801580 ۋاقتى: 2017-9-4 13:59:32
ھەئە راس مۇشۇنداق قېلىن ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس
ئورۇندۇق
-نادىر- ۋاقتى: 2017-9-4 16:30:02
بۇنداق قېلىن ئادەملەر بەك كۆپكەن،مەنمۇ ئالالمايۋاتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى