+تېما يوللاش
ugwolfيوللانغان ۋاقتى:ئۈلۈشكۈن 12:09 1584 قېتىم كۆرۈلدى2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئېلىكترونلۇق سودىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن، نۇرغۇنلىغان كارخانا ۋە شەخىسلەر بۇ ئىشقا بەس-بەستە كىرمەكتە. بىراق بۇ يولنى مېڭىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،تۆۋەندە بىز بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋەيران بولغان بىر قىسىم ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
1.        جىڭدۇڭ كۇمەي (京东酷卖)
سۇپا خاراكتىرى:ئىككىنچى قول(نىمكەش) مال سودىسى
بۇ يىل 2-ئايدا ، جىڭدۇڭ تەرەپ نىمكەش مال سودىسى قانىلى جىڭدۇڭ كۇمەي (京东酷卖) نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئاساسلىقى جىڭدۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلار تەمىنلىگەن ئىسكىلات قالدۇقى ۋە بەزى خېرىدارلار قايتۇرغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى ئاساس قىلغان سودا سۇپىسى . سېتىلغان مەھسۇلاتلار يېڭى مەھسۇلات بولمىغاچقا يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەپسىز مال قايتۇرۇشنى قوللىمايدۇ.

بۇ سۇپا ئېچىلىپ قىسقىغىنە تۆت ئايدىن كىيىن ، يەنى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تاقالدى.
ئورگان تەرەپ چۈشەندۈرىشى:كەسىپ شەكلىنى تەڭشەش ئۈچۈن
رىۋايەت تەھلىلى:نىمكەش مالنىڭ ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ، سۈپىتى كاپالەتلىك قىلىش تەس، ئەگەر مەھسۇلاتتا سۈپەت مەسلىسى كۆرۈلسە سۇپا تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ ئىناۋىتىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى يامان بولىدۇ.
جىڭدۇڭ ئەزەلدىن سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن كارخانا، شۇڭا بۇ سۇپىنى تاقىۋىتىشىنىمۇ توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ.

2.        قارشى قىرغاق (彼岸)
سۇپا خاراكتىرى:دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش
بۇ سۇپا 2013-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاخىرەتلىك كىيىم، كۈل قۇتىسى ،گۈلچەمبىرەك قاتارلىق ئاخىرەتلىك بويۇملارنى سېتىشنى ئاساس قىلغان ھەمدە قەبرە ئورنى، مۇراسىم مۇلازىمىتى، ماشىنا مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان سۇپا. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا تۇنجى ئەمەلىي دۇكىنى ئېچىلغان ھەمدە تور سۇپىسى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئىشقا چۈشكەن. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا شۈشياۋپىڭ نىڭ پەرىشتە مەبلىغىنى قوبۇل قىلغان. بىراق  بۇ يىل يىل بېشىدا تاقالغانلىقىنى جاكارلىغان.

رىۋايەت تەھلىلى:ئەمەلىي دۇكاننىڭ تەننەرخى بەك ئېشىپ كەتكەن، خېرىدارلارنىڭ قايتا ئىستىمال قىلىشى تۆۋەن(ئادەم كۈندە ئۆلمەيدۇ دە)
خېرىدارلار ئادەتتە ئىشنى تۈگەتكەندىن كىيىنلا ئەپنى يۇيىۋېتىدۇ(كىممۇ تىلفۇنىدا گۈلچەمبىرەك،قەبرە قاتارلىق رەسىملەر بىلەن لىق تولغان ئەپنى قاچىلاپ يۈرۈشنى خالايدۇ دەيسىز)، كاپىتال بازىرىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان.
3.        جېيمەي تورى(借卖网)
سۇپا خاراكتىرى:مۇلازىمەت تەمىنلەش
جېيمەي تورى(借卖网) 2009-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، چىگرا ئاتلىغان ماددىي ئەشيا ئوبرۇتى شىركىتى سىفاڭ گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى تاماق شىركەت. بۇ شىركەت ئاساسلىقى خېرىدارلار ئۈچۈن مال مەنبەسى، سۈپەت تەكشۈرۈش،ئىسكىلات قالدۇقى باشقۇرۇش، ئىسكىلات باشقۇرۇش،زاكاس باشقۇرۇش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مەھسۇلات يەتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيتتى.
تاقىلىش سەۋەبى:بۇ يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى جېيمەي تورى(借卖网)
خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پۈتۈلەي پاراللىچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى
دۆلەت ئىچىدىكى خېلى داڭلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ كۈچى بەك كۈچلۈك بولۇپ، بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يۇيىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز سۇپىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان.
رىۋايەت تەھلىلى: بۇ دۆلىتىمىز تارىخدىكى تۇنجى قېتىم خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەپلىك تاقىلىپ قالغان تورسودا سۇپىسى، شۇڭا بارلىق سانلىق مەلۇماتنى بۇلۇت ساقلىغۇچتىلا ساقلىماي  كومپيۇتېردىمۇ بىر نۇسخا ساقلاپ قويۇش ھەمدە بىخەتەرلىك سېستىمسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مۇلازىمىتىرنى ئىشلىتىش كېرەك.
4.        ۋۇكۇڭ ۋېلىسپىتى
سۇپا خاراكتىرى:ئورتاق ۋېلىسپىت
ۋۇكۇڭ ۋېلىسپىتى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي سىرتقا ئېىچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئابونتلار ئورگان تەرەپ ئەپ دېتالى ئارقىلىق سېكانىرلاپ ۋېلىسپىتنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ(99يۈەن رەنە پۇلى ئېلىنىدۇ). ئورگان تەرەپنىڭ شۇ چاغدا ئېلان قىلغان سۆزىدە مۇنداق دىيىلگەن؛
6-ئايغىچە ئون شەھەردە 300 مىڭ ۋېلىسپىت قويۇش، يىل ئاخىرىغىچە 100 شەھەرگە كىرىش ھەمدە، ۋېلىسپىتنىڭ سانىنى ئۈچ مىليونغا يەتكۈزۈش.
بىراق بۇلار بۇ يىل 6-ئايدا ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر تۈرنى توختاتقانلىقى جاكارلىدى.

رىۋايەت تەھلىلى: ئورتاق ۋېلىسپىت ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ مودا بولۇشقا باشلىغان، بۇنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان موبەي بىلەن ofo ئالى بابا ۋە تېڭشۈن تەرەپنىڭ غايەت زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقايسى بايلىق مەنبەلىرى ئارقىلىق بۇ ئىككى شىركەتنى بۇ ساھەدىكى چوڭ كاتتىباشقا ئايلاندۇرغان.  ئۇنىڭدىن باشقا ئورتاق ۋېلىسپىتنى توختىتىش ئورۇن مەسلىسىمۇ ۋۇكۇڭ ۋېلىسپىتىنى نىسبەتەن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، موبەي بىلەنofo  بولسا ئاتاق دادىسى بولغان ئالى بىلەن تېڭشۈننىڭ ياردىمىدە بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ئوڭايلا ئۆتۈپ كەتكەن.ۋۇكۇڭ ۋېلىسپىتى بولسا بۇ بازارغا سەل كېچىكىپ قالغان ھەمدە پەقەت ئۆزىنىڭ يانجۇقىدىكى پۇلنى كۆيدۈرۈش بەدىلىگە بازار ئۈلۈشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
5.        يوۋ يوۋ ئاپتوموبىلى
سۇپا خاراكتىرى:ئورتاق ئاپتوموبىل
يوۋ يوۋ ئاپتوموبىلىنىڭ بۇرۇنقى شىركىتى بولسا يوۋ يوۋ ئاپتوموبىل ئىجارىچىلىكى بولۇپ،2014-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان. دەسلەپكى مەزگىلدە P2P شەكىلدە ئائىلە ماشىنىلىرىنى ئىجارە بېرىش شەكىلدە بازارغا كىرگەن. 2015-يىلى 10-ئايدا شىركەت ئىسمىنى «يوۋ يوۋ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش» دەپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە ئىشخانا بىناسى، ئائىلە ئولتۇراق رايونى، شەھەر سىرتىدىكى ساياھەت رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا 70 ماشىنا ئېلىش نۇقتىسى بەرپا قىلغان.شۇ چاغلاردا ، بۇ شىركەتنىڭ 300دىن ئارتۇق ماشىنىسى بار ئىدى. بۇ يىل يىل بېشىدا بۇ شىركەت مەزكۇر تۈرنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە بارلىق ئابونتلارنىڭ ھېساباتىدىكى پۇلنى تولۇق قايتۇردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رىۋايەت تەھلىلى:ئورتاق ماشىنا بولسا، شەكلى ئورتاق ۋېلىسپىتقا ئوخشىشىپ كىتىدىغان لېكىن مەبلەغ خەتىرى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان تۈر. يوۋيوۋ ئاپتوموبىلچىقى ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىك قىلغان تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ تۈرنى خېلى ياخشى ماڭدۇرغان، بىراق ئىچكى خەۋەرلەردىن بىلىشمىزچە، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ مەبلىغىنى قايتۇرۋالغانلىقتىن، شىركەت تاقىلىشقا مەجبۇر بولغان.
6.        يوۋكۈ تېز سېتۋېلىش(优库速购)
سۇپا خاراكتىرى:ئىستىمالغا پۇل قايتۇرۇش
يوۋكۈ تېز سېتۋېلىش(优库速购) بولسا شېنجىن يوۋكۈ تېز سېتۋېلىش(优库速购) ئېىكترونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور سۇپىسى، مەركۇز شىركەت 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالى 10 مىليون خەلق پۇلى.ئاساسلىقى ئىستىمال قىلغان پۇلنى قايتۇرۇش دىگەن شوئار بىلەن بازارغا كىرگەن. بىراق ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاقالغان(بۇيىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى)

رىۋايەت تەھلىلى:مەركۇز تور سۇپىسى شاخلىتىپ سېتىش ئۇسۇلى بويىچە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرغان، ھەمدە يۇقىرى دەرىجىدە پۇل قايتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن باشقىلارنى قىززىقتۇرغان. كىيىن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نزاملىرىغا خلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تاقالغان.
7.ياتاق زاكاس قىلىش گۆھىرى (订房宝)
سۇپا خاراكتىرى: توردا ياتاق زاكاس قىلىش
ياتاق زاكاس قىلىش گۆھىرى (订房宝) 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 5- كۈنى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مەخسۇس بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرىنى زاكاس قىلىدىغان ئەپ دېتالى. تىجارەت شەكلى بولسا، ھەركۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن كىيىن زاكاس قىلىنماي قالغان ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىش. نىشان خېرىدارسى بولسا پۈتۈن ياتمايدىغان خېرىدارلار. 2014-يىلى جېشاڭ كاپىتالى،فېڭخۇۋ كاپىتالى ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قاتارلىق ئۈچ مەبلەغ سېلىش ئورگىنىنىڭ ئالتە مىليون پەرىشتە مەبلىغىگە ئېرىشكەن . 2015-يىلى شەرق دېڭىزى، جېشاڭ كاپىتالى،فېڭخۇ كاپىتالى قاتارلىقلارنىڭ ئۈچ مىليون دوللارلىق مەبلىغىگە ئېرىشكەن.2016-يىلى يەنە شەرق دېڭىزى، جېشاڭ كاپىتالىنىڭ ئون مىليونلۇق مەبلىغىگە ئېرىشكەن.
بۇ يىل يىل بېشىدا تىجارەتتىن توختىغان.

رىۋايەت تەھلىلى: ياتاق زاكاس قىلىش گۆھىرى (订房宝) گۆھىرىنىڭ نىشان خېرىدارى ئېنىق، بىراق بۇ ناھايىتى ئاز ساننى ئىگەللەيدىغان خېرىدار توپى ھەمدە قايتا سېتىۋېلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، شۇڭا بۇ شىركەتنىڭ تەشۋىقات ۋە باشقا جەھەتتە غايەت زور چىقىم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا شىركەت تەرەپ بۇ تۈرنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.

ھۆرمەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى: مۇھەممەدجان خېۋىر رىۋايەت

داۋامى بار، دىققىتىڭلار ئالپ تورىدا بولسۇن

ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن1قوللىمايمەنقوللىمايمەن

2ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
uyghurum131 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:57
   مۇئەللىپنىڭ "قارشى قىرغاق (彼岸)“ قا بولغان تەھلىلى ئىنتايىن ئورۇنلۇقكەن.
گىلەم
WANDAY ۋاقتى: تۈنۈگۈن 11:23
ياخشى تىما بوپتۇ بىراق ئاۋۇ ۋېلىسپىت بىزنىڭ مەكتەپتە بارغۇ ،سېكانىرلاپ ھەيدەيمىز،تاقالغان بولسا ئېلىپ كېتەر بولغيتى ۋېلىسپىتنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى