+تېما يوللاش
ugwolfيوللانغان ۋاقتى:3 كۈن بۇرۇن 1783 قېتىم كۆرۈلدى26 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شياۋمى شىركىتى تازا زورايغاندىن كېيىن ئەمدىلىكتە زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتامدۇ؟
 
ئالدىنقى ماقالىمىزدە «شياۋمى»نىڭ قانداق قىلىپ باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، ماقالە قۇيرىقىدا «شياۋمى»نىڭ  بازار ئۈلىشىنىڭ بارغانسېرى چېكىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بەرگەنىدۇق، شۇنچىۋالا رىۋايەتلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان «شياۋمى» شىركىتى نىمىشقا تۇيۇقسىزلا بازار ئۈلىشىنىڭ كىچىكلەپ كىتىشىدەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟ بۈگۈن بىز مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتەيلى:
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك «شياۋمى» بولسا ئىنتىرنىت ئىدىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان شىركەت، مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى ئاساس قىلىدۇ. پۈتۈن جۇڭگودا ئالقىش ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەردىن بىرى بولسا باھا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئىدى. شۇ چاغلاردا «شياۋمى»نىڭ ئوخشاش سەپلىمىدىكى باشقا يانفۇنلارغا باققاندا باھاسى بىر ھەسسە ئەتراپىدا (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا) ئەرزان ئىدى، شۇڭا كەڭ  ياشلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.

ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن يانفۇن كارخانىلىرى بۇسەپكە قوشۇلدى(يۇقىرى سەپلىمىلىك، تۆۋەن باھالىق يانفۇنلار). تۆۋەندە بىز «شياۋمى»نىڭ مال چىقىرىش سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:
1.        «شياۋمى» ئەينى چاغدا تۇنجى ئەۋلاد يانفۇنىنى بازارغا سالغان چاغدا، لېيجۈن ئۆزىنىڭ  كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئالدىن پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىش توختامىغا ئېرىشكەن ھەمدە جىنشەن گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى WPS
قاپلان تور كۆرگۈچ،جىنشەن لۇغىتى ۋە ھەرخىل تور ئويۇنلىرى، YY قاتارلىقلاردا ئېلان تارقىتىش ئارقىلىق زور دەرىجىدە ئابونتقا ئېرىشكەن. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بىرقەدەر پىشقان كونا ئىنتىرنىت مەھسۇلاتلىرى بولغاچقا، ئابونتلار ئارىسىدىكى نامىمۇ ياخشى ئىدى. بۇنداق كونا داڭلىقلاردا ئېلان بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.  
ئەڭ مۇھىم بولغىنى «شياۋمى» شۇ ۋاقىتتىكى ئوخشاش سەپلىمىلىك يانفۇنلاردىن خېلىلا ئەرزان ھەم لايىھەلىنىشى كۆركەم ئىدى.
بىراق باشقا يانفۇن كارخانىلىرىنىڭمۇ ئويغىنىشى، يېڭىدىن «شياۋمى» ئوخشاش يانفۇنلارنىڭ بازارغا چىقىشى بىلەن «شياۋمى»نىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى تازا ئاقماي قالدى.
2.         ئابونتلار ئاچ قويۇش ئىستىراتىگىيىسىدىن زېرىكىشكە باشلىدى، يانفۇن توپ سودىگەرلىرىنىڭ شىركەتتىن رايى ياندى.
«شياۋمى» بۇرۇندىن تارتىپ ئاچ قويۇش ئىستىراتىگىيىسى ئارقىلىق ئابونتلارنى جەلپ قىلىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا «لېي بىگىم»نىڭمۇ بۇنداق قىلغۇسى يوق. «شياۋمى» يانفۇن ئىشلىتىدىغان زاۋۇت فۇشىكاڭ (ھەممەيلەن ياقتۇرىدىغان ئالما يانفۇنىنى ۋاكالىتەن ئىشلەيدىغان زاۋۇت) نىڭ بىر قېتىملىق مال ئىشلەشكە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر قېتىمدا 100مىڭ تال تىلفۇن ئىشلەشنى تەلەپ قىلاتتى(شياۋمى شۇ چاغدا چىقارغان تىلفۇننىڭ پۈتۈپ چىقىش تەننەرخى 1450 يۈەن بولۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىراقلا 300مىڭ تال زاكاس بۇيرىغان). «شياۋمى» يېڭى قۇرۇلغاندا، ئۇنچىلىك كۆپ پۇلى يوق ئىدى. « لېي بىگىم» ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن پايدىلىنىپ، فۇشىكاڭ بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ مال چىقىرىش كىلىشىمنامىسى ئىمزالاپ ئالدىن %30 پۇلنى تاپشۇرۇپ مالنى ئىشلەتكۈزىدۇ ھەمدە مالنى بىر نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ زاۋۇتتىن ئالماقچى بولىدۇ.(ھېساپلاپ كۆرسەك دەسلەپتە تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك پۇل يۈز مىليون يۈەندىن ئېشىپ كىتىدۇ ). شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ «لېي بىگىم» بېيجىڭدىكى جۇڭگۈنسۈن ۋە شېنجىندىكى خۇاچياڭبېيدىكى تىلفۇن توپ سودىگەرلىرى بىلەن يەڭ ئىچىدە مال تەمىنلەش توختامى ئىمزالاپ ئۇلاردىن ئالدىن زاكالەت ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۇمۇمىي سانى 50مىڭ تال (بۇ شياۋمى شىركىتىدىن ئۇققان ئىچكى خەۋەر) يانفۇنغا زاكاس قوبۇل قىلىدۇ (نىمىلا دىگەن بىلەن ئىنتىرنىت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخىس ئەمەسمۇ)
شۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە چىققان يانفۇنلارنى بۇ ئىككى(خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن يانفۇن توپ سودىگەرلىرى) يولغا تەمىنلەيدۇ. توردىكى پارچە سېتىۋالغان ئابونتلارغا بولسا ئۇمۇمىي سانى مەلۇم نۇقتىغا يەتكەندە ئاندىن مال  ئەۋەتىشكە باشلايدۇ. مانا بۇ  «شياۋمى» نىڭ ئاچ قويۇش ئىستىراتىگىيىسىنى ئوينىشىدىكى سەۋەپ. نۇرغۇن ئىستىمالچىنىڭ  «شياۋمى» يانفۇنىنى ئالغۇسى بولسىمۇ ئالالمايتتى، توردىن پۇل تۆلىگەن تەقدىردىمۇ ئەڭ تېز بولسا ئىككى ھەپتىدە مال ئالالايتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىستىمالچىنىڭ  «شياۋمى»دىن ئاستا-ئاستا رايى يېنىشقا باشلىدى.
بىراق بۇ ئويۇننى ئۇزۇن ئوينىغىلى بولمىدى، باشقا ئەنئەنىۋىي يانفۇن كارخانىلىرى
مەسىلەن خۇاۋېي، ليەنشياڭ،كۇپەي، جۇڭشىڭ (شۇۋاقىتلاردىكى چوڭاملار)مۇ  «شياۋمى»غا ئوخشاش يۇقىرى سەپلىمىلىك تۆۋەن باھالىق يانفۇنلارنى بازارغا سالدى. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىمۇ پۈتۈن جۇڭگونى قاپلىغان ئەمەلىي سېتىش تورى بار بولغاچقا،  «شياۋمى»نىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ باشقا يانفۇنلارنى ئېلىشقا باشلىدى.( ھەرقانچە ياقتۇرىمەن دىگەن بىلەن ئالغىلى بولمىسا يەنىلا بىكاردە )
بۇنىڭدىن باشقا،  «شياۋمى» ھەر قېتىم يېڭى مەھسۇلات چىقارغاندا ئالدىنقى مەھسۇلاتنى باھاسىنى تۆەنلىتىپ سېتىپ ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتقان، مەبلەغ ئوبرۇتى ياخشىلانسىلا يانفۇن توپ سودىگەرلىرىگە مال تەمىنلەشنى توختاتقان. شىركەت تەرەپ باھانى چۈشۈرۈپ توردا ئەركىن زاكاس قىلىشنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن، توپ سودىگەرلىرىنىڭ قولىدا ماللار سېتىلماي بېسىلىپ قالغان. سەل كىيىن بۇ ئىشقا كىرىپ قالغان توپ سودىگەرلىرى نۇرغۇن زىيان تارتقان. شۇنىڭ بىلەن كىيىنچە  «شياۋمى» بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان توپ سودىگەرلىرى ئاساسەن قالمىغان.



3.        باشقا يانفۇن كارخانىلىرى ئۆزلىرىدە يېڭىچە سېتىش ئىستىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى
مەسىلەن بۇبۇگاۋ گورۇھىنىڭ بالا ماركىلىرى بولغان ۋىۋو بىلەن ئوپپو بولسا ئېنىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاپپارات ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك مۇزىكا ئاۋازىغا كۈچەپ ئۆزلىرىنىڭ نىشان خېرىدارلىرىنى بېكىتتى ھەمدە ئەمەلىي سېتىش دۇكانلىرىنى كۆپلەپ ئاچتى، يانفۇن سودىگەرلىرىگەقارىتا، بىر تۇتاش پارچە باھادا سېتىش، يۇقىرى دەرىجىدە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە خېلى چوڭ بازار ئۈلۈشىگە ئېرىشىپ،  «شياۋمى»غا نىسبەتەن بىر خىرىس بولدى.
خۇۋېي تەرەپتىن بولسا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى ماركا ئوبرازى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى، تىلگراف شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق سودا ھەمكارلىقىغا تايىنىپ ناھايىتى تېزلا نۇرغۇنلىغان «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش» تۈرلىرىگە ئېرىشكەن، ھەرقايسى تىلگراف شىركەتلىرىنىڭ زاكاسلىرىغا ئېرىشكەن. ئەسلىدىنمۇ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەتقىقات قوشۇنى، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا ئىگە خۇاۋېي شىركىتى ناھايىتى تېزلا  «شياۋمى» ،«سامسۇڭ»،« ئالما» قاتارلىق شىركەتلەردىن ئېشىپ جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ يانفۇن سېتىپ چىقىرىش كارخانىسىغا ئايلاندى.
بۇلاردىن باشقا جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ نۇبىيانىڭ بازارغا كىرىشى،تۇنجى ئەۋلاد ئىنتىرنىت يانفۇنى مېيزۇنىڭ ئالى بابانىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىپ قايتىدىن ئويغىنشى قاتارلىقلارمۇ شياۋمىنى سەركەردىلىك ئورنىدىن تەۋرەتتى.
ئوخشاش باھالىق مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىيىشى ئىستىمالچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بېرىپ،  «شياۋمى»غا قاقشاتقۇچ زەربە بولدى.



4.        مەھسۇلات تۈرى بەك كۆپىيىپ كەتتى
«شياۋمى» بۇرۇنقى پەقەت تىلفۇن ئىشلەشتىن كۆپىيىپ ، كۆچمە توكدان،تاختا كومپيۇتېر، تىلىۋىزور،
خاتىرە كومپيۇتېر،روتېر  ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەرنى ئىشلەپ بازارغا سېلىشقا باشلىدى. قارىماققا بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىيىشى «شياۋمى»نىڭ ئېكولوگىيە سېستىمىسى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىستىمالچىلارنىڭ نەزىرىدە «شياۋمى» بىر يانفۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا، شۇڭا باشقا مەھسۇلاتلىرى تازا بەك ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتەلمىدى.(بولۇپمۇ خاتىرە كومپېيۇتېرى بىلەن تاختا كوميۇتېر پەقەتلا ياخشى سېتىلمىدى، ھەتتا شىركەت ئورگان تەرەپ قانچىلىك سېتىلغانلىق توغرىلىق بىرەر تال ئۇچۇر چىقارمىدى )



  يۇقارقىلار بولسا كەمىنەنىڭ توردىن ۋە شۇ كەسىپتىكى نوپۇرلۇق كىشىلەردىن يىغقان ماتىرىياللار ئاساسىدە يېزىلغان. بۇ پەقەت شەخسىي قىزىقىش ۋە ئۆگىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىلدى، ھېقانداق ئورۇننىڭ تەتقىقات ياكى باشقا ماقالىدە ئۆرنەك قىلىپ ئىشلىتىشكە، ئىلمىي ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكىلەر بولسا تەنقىدىي پىكىرنى قوبۇل قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى: مۇھەممەدجان خېۋىر رىۋايەت

شىياۋمى شىركىتىنىڭ سىرى -1، -2

داۋامى بار، دىققىتىڭلار ئالپ تورىدا بولسۇن


ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەنقوللىمايمەنقوللىمايمەن

26ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئاتەش119 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
شاۋمى شىركىتىنىڭ تېز زەنجىرى خېلى كەڭ.
مەھسۇلاتلىرى نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ. بىر بىرىنى تولۇقلاش ئىقتىدارى بار. بۇنداق ئالدىراپ ۋەيران بولۇپ كەتمەس ، مەن ئىشەنمەيمەن.
گىلەم
wirus ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-12 14:37
شاۋمى شىركىتىنىڭ تېز زەنجىرى خېلى كەڭ.
مەھسۇلاتلىرى نە ...

تېما ئىگىسى شياۋمى ۋەيران بولىدۇ دېمەكچى ئەمەستۇ مەنچە، دېمىسىمۇ شياۋمىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاپ، يېڭلىق ياراتمىسا بولمايدىغان يەرگە كەلدى ھازىر.
ئورۇندۇق
كىيىك ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
بازار ئورنى تەۋرەپ قالغاچقا ئۇيغۇر تىلىنى تىزلا قېتىپتىكەندە،مەنمۇ شاۋمىي 3نى ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا بەك رازى بولغان ئىدىم،تېخى ئانا تىلنىڭ ھۇزۇرنى سۈرگەن ئىدىم،ئەمدى بىلسەم ئىش ئەسلى مۇنداق ئىكەن ئەمەسمۇ،بىر ئېكرانى زىل چىقدۇ،قالغان ئورۇنلىرى سىستىملىرى بەك ياخشى 1000يۈەن ئەتراپىدا ئۆزۈمگە ياققۇدەك شاۋمىي چىقماي مېيزۇu20نىڭ قارا رەڭلكىنى 900يۈەنگە ئالغان ئىدىم،بۇ يانفۇنمۇ ياخشى چىقتى
5-قەۋەت
hakisa ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مىنىڭچىمۇ بۇنىڭغا ئالدىراپ يەكۈن چىقارمىغان تۈزۈك
6-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
بۇنچىلىك خەۋەر بىر شىركەتنىڭ ۋەيران بۇلۇش بولماسلىقىغا باھا بىرىپ بۇلاممايدۇ شاۋمى شىركىتى قۇرلۇپ ھازىرغىچە بۇنداق خەۋەرل ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق شاۋمىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ يانفونىلىرى دۆلىتىمىز ئىچى سىرتىدىمۇ سېتىلىشى يامان ئەمەس مۇشۇندا يېڭى ماركىنىڭ نەچچە خىل ئۈزىدىن كۈچلۈك كونا  رەقىپلىرى بىلەن تىركىشىپ پۇت تىرەپ تۇرالىشى خىلى چوڭ ئىش شۇڭا مەيلى دۆلىىمىز ماركىللىرى بولسۇن ياكى چەتئەل ماركىللىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ بازار رىقابىتىدە پۇختا تەييارلىقى با بىز بۇنىڭدىن بەك غەم قىلمىساقمۇ بولىدۇ
7-قەۋەت
tanha8848 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
شىياۋمىنىڭ سىرىتقى قىياپىتى كۆرۈمسىز،، سىستىمىسى بەك ئىسىل، سەپلىمىسى يۇقىرى، باھاسى تۆۋەن، ئاپىراتى ناچار، بولۇشتەك  ئالاھىدلىكلەرگە ئىگە، سىرىتقى قىياپەت لاھىيە، جەھەتتە ، ئالما ، مىيزۇ، ئوپپولارنىڭ ، چاپىننى بىرە يىل كۆتەرسە، ئاندىن، بازار ئۈلۈشى ،سىتىلىش مىقدارى سەل ئىشىپ قالامىكىن ، ئىلانغا چىرايلىق رەڭىلىك نۇسقىسنى چىقىرىپ، قوياپ، ئالاي دىسە مال يوق، ، ئاچچىقىمنىڭ كەلگىنى، شىياۋمى نوتى3كە چوڭ ئۆمۈت باغلاپ، يۈرسەم، ئۇنىڭمۇ تازا تايىنى يوق تۇردۇ،  بوپتۇلا ئىلىۋىرەي دەپ، قارسام نورمال سەپلىملىكنىڭ، پارقىراق كۆك رەڭلىكى  يوقكەن ، ئامال يوق سەت كۆرۈنسىمۇ،قارا رەڭلىكى ئىلىپ، تۇردۇم، داۋاملىق مال باركەن، ،
8-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
شىياۋمى بۇ قىتىم خىلى يامانغۇ ،note3دىن ئەتتىگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە مال باركەن ،ھەممە تىلفۇن ۋە تىپلىرى مۇشۇنداق تولۇق قىلالىسا بىر يىلغا قالماي سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىدە گەپ يوق ،بىر شىياۋمى مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۈندىن كۈنگە روناق تىپىشىنى تىلەيمەن.
9-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
tanha8848 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-12 17:22
شىياۋمىنىڭ سىرى& ...

كۈرۈمسىز ،ئاپرات ناچار دەڭ ،سىز شىياۋمىنىڭ قاندىغىنى كۈرۈپ (ئىشلىتىپ) قالغانسىز؟
مىنىڭ 小米4تىلفۇنۇمنىڭ سىرتقى قىياپىتى سىز داڭلىغان تىلفۇنلاردىن قېلىشمايدىغۇ ،يەنە 13مىليۇن پىكسىللىق ئاپىراتىنى oppo r9 نىڭ 21مىليۇنلۇق ئاپىراتى بىلەن سېلىشتۇرسام كېچىلىك رەسىم تارتىشدا چېنىپ قالغان بىلەن قالدى تەرپى قېلىشمايدىكە ،شىياۋمىنىڭ ئېكرانى بەك زىل ئاسانلا چېقىلدۇ دەيدىكە ،مەن يەرگە ئېتىپ ،دەسسەپ باقمىغاچقا ھىس قىلمىدىم
ماۋۇ ئوپپوغۇ ماركىسنى ئائىلىلەرگىچە ئېسىپ قوياي دىسە ئەسلى ،تەشۋىقاتىغا تاينىپ پۇل تاپىدىغىنى ئېنىق پۇلسى سەپلىمىسىگە ماس كەلمەيدۇ
10-قەۋەت
رىۋايەت ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
تېلفوننىڭ تىپىنى بەك جىق قىلۋەتكىنىگە سەل ئاچچىقىم بار
11-قەۋەت
hyalm ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
شىياۋ مىينىڭ تاختا كومپىيۇتىرى قانداقراق چىقا مىنىڭغۇ سەنشىيڭ تىلاۇندىن باشقىنى ئىشلەتكۇم كەلمەيدۇ
12-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
tanha8848 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-12 17:22
شىياۋمىنىڭ سىرى& ...

ئاپراتى ناچار دەمسىز مىنىڭ ماۋي500 يۈەنگە ئالغان خوڭمى3s يانفۇنۇمنىڭ ئاپراتى ئاكام1400گە ئالغان ئوپپوr9 نىڭكىدىن قېلىشمايدۇ شەكلىگىمۇ گەپ كەتمەيدۇ سۈرئەت جەھەتتە ، ئەپلەر قوزغىلىش جەھەتتە ئوپپو نان تىلەيدۇ miui9 غا يېڭىلىغاندىن تارتىپ
13-قەۋەت
iz0998 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
شىياۋمىنى ئۇنچىۋالا سۇندۇرماڭ، مەنمۇ بىر تېلفۇن مەستانىسى 1000سومدىن تۆۋەن تېلفۇن ئىشلىتىپ باقمىغىلمۇ 7ـ8 يىل بولۇپ قالدى، مەنمۇ سىلەر ماختىغان باشقا ماركىلاردىكى تېلفۇنلارنىمۇ ئىشلىتىپ باقتىم، ماڭا ئەڭ يارغىنى سۈرئىتى تىز، قىزىمايدىغان، باتاريىسى ئەڭ ئۇزۇن يېتىدىغان تېلفۇن شىياۋمى تېلفۇنى
14-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
tanha8848 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-12 17:22
شىياۋمىنىڭ سىرى& ...

مال قولىڭىزغا ەگكەندە ئىنكاس يىزىۋىتەرسىز ھە
15-قەۋەت
Mrwars0 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ئويغان07 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-12 20:15
ئاپراتى ناچار دەمسىز مىنىڭ ماۋي500 يۈەنگە ئالغان خوڭمى ...

ئېكران ئىنىقلىقى مەسلىسى ئۇ تىلىفۇنىڭىزنىڭ ئىنىقلىقى ئوپپو غا يەتمەيدۇ شۇڭا ئۇخشاش بىلىنىدۇ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى