+تېما يوللاش
uyghurيوللانغان ۋاقتى:2017-9-25 13:27 4742 قېتىم كۆرۈلدى16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېڭشۈن شىركىتى يەنە بىر قېتىم ئۈندىدارنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى باشلىدى. تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلار بىلەن شوغۇللانغان ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى توختىتىلىدۇ.

1. شەھۋانىي رەسىم، شەھۋانىي گەپ-سۆز يوللىغانلار، قانۇنسىز ئۇچۇر يوللىغانلار. بۇ خىل ئۈندىدار %100 توختىتىلىدۇ.
2. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ دوست قوشۇۋەتكەنلەر، بولۇپمۇ يېڭى ئۈندىدار نومۇرىدا بىراقلا كۆپ تورداش قوشۇۋەتسە توختىتىلىدۇ. بىر قېتىمدا كۆپ تورداش قوشماقچى بولسا بىر سائەت ئىچىدە قوشقان ئادەم 15 ئىچىدە كونترول قىلىپ، بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن يەنە 15 ئادەم قوشۇش كېرەك. بىر قېتىمدا بىراقلا كۆپ ئادەم قوشۇۋەتسە ئۈندىدار ھېساباتى توختىتىلىدۇ.
3. ئۈندىداردا مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە تەركىبىدە تۆۋەندىكىدەك سەزگۈر سۆز بار گەپلەرنى 10 قېتىمدىن كۆپ يوللىۋەتسە، ئۇنداق ئۈندىدار ھېساباتى توختىتىلىدۇ ياكى بۇ ئۈندىدار ھېساباتى خەتەرلىك دەپ ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىرىدۇ.
支付宝、银行、银行卡、汇款、打款、打钱、帐号、帐户、转帐、网银、多少钱、怎么卖、价格

4. تۇيۇقسىز كۆپ ئادەم سىزنى قوشۇۋالسا، ئۈندىدارىڭىز توختىتىلىشى مۇمكىن. كۆپ ئادەم سىزگە قوشۇلۇش ئىلتىماسى يوللىغاندا ھەممىنى بىراقلا قۇبۇل قىلماي، ئاز-ئازدىن، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ قوبۇل قىلىڭ. ئەڭ ياخشىسى بىر كۈندە قوشقان ئادەم 15 تىن ئېشىپ كەتمىسۇن. قارشى تەرەپنىڭ باش رەسىمى، ئىسمى، ئىزاھاتىدا سەزگۈر رەسىم، گەپ-سۆزلەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ.
5. ئۈندىدارىڭىز، دوستلار چەمبىرىكىڭىز كۆپ قېتىم پاش قىلىنغان بولسا بۇنداق ئۈندىدارنىڭ تاقىلىش نىسبىتى يۇقىرى. شۇڭا سەزگۈر مەزمۇنلارنى، باشقىلارنى بىزار قىلدىغان، ئەخلاقسىز مەزمۇنلارنى ياكى تەكرار ئېلان يوللىماڭ.

6. بىر كۈندە كۆپ قېتىم تاۋ پارولى (淘口令) يوللىسا ئۈندىدار تاقىلىدۇ.
7. ئىگە تەرەپنىڭ ئەمەس ئۈندىدار تېرمىنالىنى، ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئۈندىدارنى ئىشلەتسە ئۈندىدار تاقىلىدۇ.

8. يېڭى ئۈندىدار نومۇرىدا توپلاردا كۆپ گەپ-سۆز يوللىسا. (يېڭى ئۈندىدار نومۇرىنىڭ مەلۇم مەزگىللىك كۆنۈش ۋاقتى بار. يېڭى نومۇردا توپلاردا توختىماي كاسىلدىسىڭىز بۇنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بار دەپ قاراپ نومۇرىڭىزنى توختىتىۋېتىدۇ)


9. مەيلى ئىگە تەرەپتىن قوش ئەپ ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە شىياۋمىغا ئوخشاش يانفون بولسۇن ياكى iPhone دا بولسۇن ھەر قانداق سەۋەب بىلەن قوش ئۈندىدار، كۆپ ئۈندىدار ئاچسىڭىز ئۈندىدار ھېساباتىڭىزنىڭ توختىتىلىش خەۋىپى يۇقىرى.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن4قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
oyqan1 ۋاقتى: 2017-9-25 13:55:16
ئۈندىدار سودىگەرلىرىنىڭ ھالاكىتى كەلدىمۇ نىمە
گىلەم
پارىژ11 ۋاقتى: 2017-9-25 14:10:17
قوللايمەن بۇنى بولۇپمۇ مۇشۇ كۆپ ئىقتىدارلىق ئۈندىدار دىگەندەكلەرنى توختاتسا بولىدۇ
ئورۇندۇق
qaq ۋاقتى: 2017-9-25 14:46:53
جىفۇباۋ بانكا دېگەن سۆزلەرنى كۆپ دېيىشكە بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟
5-قەۋەت
سەھرا@ ۋاقتى: 2017-9-25 14:50:41
تەرجمە ئۈنددارنى ئشلەتسەك قانداق بۇلدغاندۇ ئەمدى؟ ئۇممۇ  ئگە تەرەپنىڭ ئەمەس
6-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-9-25 16:36:09
بالدۇرراق مۇشۇنداق قىلىش كىرەكتى ئەسلى  ئەمدى ياخشى بوپتۇ
7-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-9-25 17:42:11
ئاپىپاينى ئىشلەتمەي ئۈندىدارنى ئىشلەتسۇن دىگەن ئوخشىمامدۇ  بۇ كاززاپلا،شۇڭا جىفۇباۋ دىگەن سۆزنى چەكلىگەن گەپ

   ئۈندىدارنى 10 يىل پۇل مۇئامىلدە ئىشلىتىڭ ئىناۋەت شۇ پېتى،   ئاپىپاينى بىر يىل ئىشلىتىڭ ئىناۋەت باشقىچە!
8-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-9-25 18:14:03
پاراڭلىشىشتا جىفۇباۋ ئەپىمۇ كۆپ ياخشى ئىكەن. چىراي ئىپادىلىرىنىڭ ئوماقلىقى تېخى.
ئۈندىداردا قىلغاننىڭ ھەممىنى جىق بولدى قىلغىلى بولىدىكەن. ئانچە مۇنچە ئادەمگە ئەسقاتمايدىغان ئىقتىدارلارنىڭ بارلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئۈندىداردىن جىفۇباۋ ياخشى.
9-قەۋەت
ئويلاپ ۋاقتى: 2017-9-25 20:52:07
بۇيەردە دىمەكچى بولغىنى  جىفۇباۋ  بانكا     ھىساپ نۇمۇرى  دىگەندەك گەپ  سۆزلەرنى  توردا  ئالدامچىلىق قىلىش ئۈچۈن كۆپ  ئىشلىتىدۇ  دىمەكچى  ھەرگىزمۇ چەتكە قىقىپ چەكلەپ قويغان ئىش  ئەمەس  مىكىن  مىنىڭچە
10-قەۋەت
sahzada007 ۋاقتى: 2017-9-25 21:35:15
مەسىلەن كۆپلەپ يازما يوللىسا قىزباللا بىلەن رومانتىك پارالاشساق تەسىرى بولماس ھە
11-قەۋەت
infinite ۋاقتى: 2017-9-25 22:30:10
ئاخىرى ئىلاندىن خالى ئۈندىدار ئوينايمىزكەندە ،ئەمدى دوسلار چەمبىرىكىگە توختىماي ئىلان يوللايدىغانلارغا بىرە قائىدە چىقسا بولىدۇ
12-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-9-26 00:01:09
ئويلاپ يوللىغان ۋاقتى  2017-9-25 20:52
بۇيەردە دىمەكچى بولغىنى  جىفۇباۋ  بانكا     ھىساپ نۇمۇرى ...

قوللايمەن چۈشىنىپسىز
13-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-9-26 00:36:48
ئىككى ئىقتىدارنى قوشسا بولاتتى
بىرى بىزنى يۇيۋەتسە بىزدە جەسەت ساقلىنىپ قالمىسا  ، يەنە بىرى ، توردا بار يوقلىقىنى بىلگىلى بولسا .
14-قەۋەت
Tehnikam ۋاقتى: 2017-9-26 09:20:36
بەك قالتىس بوپتۇ
15-قەۋەت
Tehnikam ۋاقتى: 2017-9-26 12:54:38
شۇ ئاشۇنداق ئىقتىدارلىق ئۈندىدار ئىشلىتىپ بىكار تۇرماي دوسلار چەمبىرىكىگە ئېلان يوللايدىغانلارغا بۇنىڭدىن كىيىن تەس بوغىدەك ھە  
ھەجەپمۇ بىزار بولغان مەن شۇلارنىڭ ئېلانلىرىغا
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى