+تېما يوللاش
كومپيۇتېرنىڭ ئېكران يورۇماسلىق سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى


كومپيۇتېرنى توك مەنبەسىگە ئۇلاپ قوزغاتقاندىن كېيىن، ئېكران يورۇماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، ئومۇملاشتۇرغاندا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، سىم يوللىرىدىكى مەسىلە.
ئىككىنچى، ئېكراندىكى مەسىلە.
ئۈچىنچى، باش ئاپپاراتتىكى مەسىلە.
سىم يوللىرىدىكى مەسىلىنى بايقاش ۋە دىئاگنوز قويۇپ ئوڭشاش ئىنتايىن ئاددىي.  توك سىمى ۋە ئۇچۇر سىمىنى تەكشۈرىمىز، ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقىمىز.
ئېكراندىكى ۋە باش ئاپپاراتتىكى مەسىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى- ئېكراننى باشقا كومپيۇتېرغا چېتىپ كۆرۈپ بېقىپ، مەسىلىنىڭ ئېكراندا ياكى باش ئاپپاراتتا ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىمىز ۋە بىر- بىرلەپ تەھلىل قىلىمىز.
مەسىلىنى بايقىغاندىن كېيىن، سىرتقى ئامىللاردىن ئىچكى ئامىللارغا، فىزىكىلىق ئامىللاردىن يۇمشاق دېتال مەسىلىلىرىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە ئانالىز قىلىمىز. يەنى، ئالدى بىلەن «سىملىرى تېگىشمەي قالغان ئەھۋال بارمۇ- يوق، توك بېسىمى تۇراقسىزمۇ ئەمەسمۇ»، ئاندىن كېيىن «مەسىلە ئېكراندىمۇ ياكى باش ئاپپاراتتىمۇ»... دېگەندەك.
تۆۋەندە، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرنى بىر بىرلەپ يېشەيلى:
1. مەسىلە: ئېكراننىڭ توك مەنبە چىرىغى يورۇمىدى، ھېچقانداق ئىنكاس يوق.
ئانالىز: توك سىمى ياخشى تېگىشمىگەن ياكى ئېكراننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى  بېسىم ئۆزگەرتكۈچى دېتاللاردا  مەسىلە كۆرۈلگەن.
تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى: ئېكران توكقا ئۇلانغان ئەھۋالدا ئېكراننىڭ توك مەنبە چىرىغى يورۇمىغان بولسا، توك سىمىنى قايتا چېتىپ باقىمىز ياكى ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز. مەسىلە يەنىلا ئوخشاش بولسا، ئېكراننىڭ ئىچىنى ئاچماي ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

2. مەسىلە: ئېكرانغا توك ئۆتتى، لېكىن سىگنال يوق (باش ئاپپارات يەنى 主机 قېپى ئىچىدىكى CPU شامالدۇرغۇچى نورمال ئايلىنىۋاتقان ۋە كۆرسەتمە چىراغلىرى نورمال يورۇغان بولسا).
ئانالىز: بۇ باش ئاپپاراتنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، پەقەت ئېكرانغا ئۇچۇر كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇچۇر سىمى ياكى كۆرسىتىش كارتىسى (显卡) دا مەسىلە كۆرۈلگەن.
تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى: ئېكران ئۇچۇر سىمىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز، يەنىلا ئوخشاش بولسا، كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز. كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئائىلە ۋە ئىشخانىدا شارائىت بولمايدۇ، شۇڭا ئەپچىلرەك ئۇسۇل- ئېكراننى باشقا كومپيۇتېرغا چېتىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر باشقا كومپيۇتېردا ئېكران نورمال يورۇسا، مەسىلە چوقۇم كۆرسىتىش كارتىسىدا بولغان بولىدۇ.

3. مەسىلە: ئېكرانغا توك ئۆتتى، لېكىن سىگنال يوق (CPUشامالدۇرغۇچى ئايلانمىغان، كۆرسەتمە چىراغلىرى يورۇمىغان بولسا).
ئانالىز: باش ئاپپارات (主机) نورمال قوزغىلالمىغان. باش ئاپپاراتنىڭ توك سىمىدا مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، توك مەنبەسى (电源)، ئاساسىي تاختا (主板)، ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) ۋە CPU قاتارلىق تۆت زاپچاستىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ.
تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلى: تۆۋەندىكى ئىككى باسقۇچ بويىچە تەكشۈرىمىز:
بىرىنچى، باش ئاپپارات (主机) نىڭ ئىچى زىيادە چاڭ- توزان بولۇپ كېتىش سەۋەبلىك ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ تۇتىشىش ئېغىزى مەينەت بولۇپ كەتكەنمۇ يوق، تەكشۈرىمىز. ئىچكى ساقلىغۇچنى چىقىرىپ، پۈۋلەپ تازىلايمىز، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئاساسىي تاختىغا تۇتىشىش توك يولىدىكى مېتال ياپراقچە بار قىسىمىنى قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆچۈرگۈچىدە ئېھتىيات بىلەن سۈرتۈپ، يېپىشىپ قالغان مىكرو ئۆتكۈزگۈچ توزانلارنى ۋە داغلارنى پاكىز چىقىرىۋېتىمىز (قەغەز ياكى لۆڭگە بىلەن سۈرتمەڭ). يەنە بىر كىچىك ئېھتىماللىق- سىتاتىك ئېلېكتىر ھادىسىسى، يەنى تىنچ زەرەتنىڭ يىغىلىپ قېلىشى. كومپيۇتېرنىڭ ساندۇقى مېتالدىن ياسالغان بولغاچقا، نورمال ئەھۋالدا ئاساسىي تاختا (主板) دىكى نازۇك زاپچاسلارغا تىنچ زەرەت توپلىشىپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى مېتال قاپ زەرەت قويۇپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ناۋادا تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئاز ئۇچرايدىغان بۇ ھادىسە يۈزبەرسە، باش ئاپپارات (主机) غا ئۇلانغان بارلىق سىملارنى چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ، ئاساسىي تاختىنى قولىمىزدا يەڭگىل سىلاپ قويساقلا بولىدۇ، ئادەم بەدىنى ئۆتكۈزگۈچ بولغاچقا، ئېلېكتىر سىتاتىكنى تارقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىككىنچى، يەنىلا ئوڭشالمىسا، بۇ تۆت زاپچاسنى تەرتىپ بويىچە چىقىرىپ ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقىمىز. ئادەتتە، ئاسانراق ئۇسۇل- ئالدى بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) نى ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز. ئەگەر ئىككى دانە ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىتىلغان بولسا، تەرتىپ بويىچە بىر قېتىمدا بىرسىنىلا سېلىپ، باشقا- باشقا ئوقۇرغا ئالماشتۇرۇپ كۆرىمىز. ئىككىلا ئىچكى ساقلىغۇچ بىرلا ۋاقىتتا كۆيۈپ كېتىدىغان ئەھۋال ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. CPU بولسا ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولغان زاپچاس، كۆيۈپ كېتىشى ئادەتتە ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. مەسىلە ئىچكى ساقلىغۇچتا ئەمەسلىكى ئېنىق بولسا، كۆپىنچە توك مەنبە (电源) دىن، قىسمەن ئەھۋالدا ئاساسىي تاختا (主板) دىن چىقىدۇ. بۇنى كەسپىي ئۈسكۈنە بولمىغان شارائىتتا پەقەت بىر- بىرلەپ ئالماشتۇرۇپ بېقىش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. كاشىلىنىڭ ئورنى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، كاشىلا چىققان زاپچاسنى ئالماشتۇرىمىز ياكى رېمونت قىلدۇرىمىز.
مەسىلە بولسا ئۇچۇر قىلىڭ ياكى ئىنكاس قالدۇرۇڭ، بىرلىكتە ئىزدىنىپ ھەل قىلىمىز.
بوستان كومپيۇتېر تېخنىكا سالونى تەييارلىدى، ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ۋە ئىككىلىك كودنى قوشۇپ كۆچۈرۈڭ.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن2قوللىمايمەنقوللىمايمەن

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
uyghurum131 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:57
    مىنىڭ كومپىيۇتىرىم ئۆزلۈكىدىن قايتا قوزغىلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى، بەزىدە قايتا قوزغىلالماي يا ئاساسي ئاپاراتى ئۆچمەي تۇرىۋالىدۇ، ئامال يوق كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇن بىسىپ تۇرۇپ ئۆچۈرىمەن، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بەزىدە كومپىيۇتىرغا چىتىغلىق TV كارتىنى تونۇماي، كومپىيۇتىرنى توكتىن ساق ئۈزۈۋىتىپ ئاندىن چىتىپ قوزغاتسام ئاندىن تونۇيدۇ، بەزىدە بىرقانچە ئاي قايتا قوزغىلىۋالماي ئىشلتىمەن، ئەمما قايتا قوزغىلىپ  كىتىدىغان كىسلى تۇتقاندا 15-20 مىنۇتتا بىر قايتا  قوزغىلىۋالىدۇ، 3-4 كۈن مۇشۇنداق ئاۋارە قىلىپ ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىپ قالامدۇ تاڭ، بىرەر ھەپتە، ياكى بىرەر ئىككى ئاي بىر ئوبدان بولۇپ  قالىدۇ، ئاساسى ئاپاراتنىڭ ئىچى پاكىز، ئارتۇقچە دىتال ياكى ئويۇن دىگەندەكلەر قاچىلانمىغان، تورغا ئۇلانمىغان، نەچچە سىستىمىنى(ghost Win7) ئالماشتۇرۇپ قاچىلاپ باقتىم، قايتا قوزغالغۇسى كەلگەندە يەنە ئوخشاش قايتا قوزغىلىۋالىۋىرىدۇ...
گىلەم
abdut ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 01:02
ياخشى تىما بوپتۇ يەنەبىرسى ئىكىران يۇرۇپ ـ ئۈچۈپ يۇرۇپ ئۈچۈش    ياكى مائۇس ئىستىرالكىسى قېتىپ قېلىش سىمنى ئاجىرتىپ قايتا چاتسا نورماللىشىش  دىگەندەك ئىشلارچۇ   بۇنىمىنىڭ ئىشىدۇ      
ئورۇندۇق
3131446363 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:43
uyghurum131 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-12 00:57
مىنىڭ كومپىيۇتىرىم ئۆزلۈكىدىن قايتا قوزغىلىۋالىدىغ ...

cpu نىڭ شامالدۇرغۇچىنىڭ نۇرمال ئايلىنىۋاتقان ياكى ئىشلىمەيۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىقىڭ.
5-قەۋەت
2215643164 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:45
مېنىڭمۇ شۇنداق بولغان ئىدى،باش ئاپپاراتى جايىدا ئايلىنىۋاتقان ، لېكىن ئېكران يورۇمىغان ھالەتتە تۇرىدۇ.كۆرسىتىش كارتىسىنى باشقا كومپيۇتېرغا سالسام جايىدا ئىشلەيدۇ بولمىسا. ئېكرانغا چاتىدىغان سىملارنىڭمۇ ھەممىنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم ، پەقەت ئۈنىمى بولمىدى بۇ نېمە ئىش تۇ؟بەزىدە جايىدا قوزغىلىدۇ ، بەزىدە شۇ قوزغالمايدىغان ئەھۋاللار
6-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:58
مىنىڭ  كومپيوتىرىم  سېستىما قاچىلىماقچى بۇلۇپ سېستىما قاچىلدىم  قاچىلاندى ئەمما قايتا قوزغۇلۇپ يىشىلىدىغان چاغدا updateدەپلا ئىككى قۇر خەت لىپىلداپلا تۇرۋالىدۇ، نۇرغۇن قېتىم سىنىدىم شۇنىڭ بىلەن ئەپلەشمەي تۇرۋاتىدۇ، رايۇننىمۇ قايتا ئايرىدىم بىلدىغانلار دەپ بەسەڭلا ئېچىۋالسام، ھازىر ئەسقاتماي تۇردۇ،  
7-قەۋەت
جاھاندار ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:06
ئىسىل تېما ، ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ، رەھمەت بولسا ئۈندىدارڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز،
8-قەۋەت
esir ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:55
uyghurum131 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-12 00:57
مىنىڭ كومپىيۇتىرىم ئۆزلۈكىدىن قايتا قوزغىلىۋالىدىغ ...

توك بېسىمىنىڭ تۇراقلىق ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ، يېقىن ئەتراپتا يۇقىرى قۇۋۋەتلىك توك ئىشلەتكۈچى نەرسىلەر بارمۇ يوق. cpu نىڭ قىزىپ كېتىش ئەھۋالى بار يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈڭ. ھەممىسى نورمال بولسا، tv كارتىنى ۋە يەنە باشقا قوشۇمچە كارتا بار بولسا چىقىرىۋېتىپ بىر مەزگىل ئىشلىتىپ سىناپ كۆرۈڭ. يەنىلا مەسىلە ساقلانسا، ئۇ چاغدا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ توك مەنبە، ئاساسىي تاختا ئىككىسىدىن بىرىدە مەسىلە بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ.
9-قەۋەت
esir ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:57
2215643164 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-12 14:45
مېنىڭمۇ شۇنداق بولغان ئىدى،باش ئاپپاراتى جايىدا ئايلى ...

ئېكران پەقەتلا يورۇمامدۇ ياكى يورۇپ، سىستېمىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ سىستېما قوزغىلىش باسقۇچىدا ئۆچۈپ قالامدۇ؟ ئەگەر پەقەتلا يورۇمىسا، ئېكران ئالماشتۇرۇپ سىناپ كۆرۈڭ.
10-قەۋەت
esir ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:01

مەسىلىنى ئېنىقراق دېمەپسىز. قاچىلىغىنىڭىز قايسى سىستېما، ئەسلى نەشىر سىستېمىمۇ ياكى Ghost نۇسخىسىمۇ، update دېگەن خەت سىستېمىغا كىرىشتىن بۇرۇن قارا ئېكران ھالەتتە چىقىۋالامدۇ ياكى سىستېما نورمال يېتەكلىنىپ، قاچىلىنىش باسقۇچىدا چىقىۋالامدۇ.
11-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:45
esir يوللىغان ۋاقتى  2018-1-13 00:01
مەسىلىنى ئېنىقراق دېمەپسىز. قاچىلىغىنىڭىز قايسى سىست ...

قاچىلغىنى گوست ئىدى سېستىما  بارماق دىسكا ياكى  پىلاستىنكىدا  نورمال قاچىلىنىدۇ ئەمما بىر ئۈچۈپ سېستىمىلار يىشىلىدىغان چاغدا قارا ئېكران ھالەتتە updateدەپ لىپىلداپلا ھىچقانداق ئىنكاس يوق تۇردۇ  سېستىما  يىشىلمەيدۇ، ۋىندوۋىس 7  ھەر قاندىقىنى سىنىدىم ئەمما ھەممىسى گوست
12-قەۋەت
esir ۋاقتى: تۈنۈگۈن 22:13

مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمەپسىز.
ئېكراننى رەسىمگە تارتىپ يوللاڭە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى