ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشتا بىر قىسىم تورداشلار يانفۇننىڭ روت ھوقۇقىنى ئېچىشنى ئالدىن ئويلىشىدۇ. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ S6 دىن باشلاپ يېڭى ئىقتىدارلىرى قوشۇلدى. ناۋادا روتنى ئېچىۋەتسىڭىز بۇ ئىقتىدارلار نورمال ئىشلىمەيدۇ. بولۇپمۇ Samsung Pay ئىقتىدارى ۋە يانفۇننىڭ بىخەتەرلىكى ئىشلىمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يانفۇنننى ئېغىرلاشتۇرۋىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇسۇل سامسۇڭنىڭ S6 , S6 EDGE, S7, S7 EDGE, S8, S8 EDGE لارغا ئورتاق ماس كىلىدۇ. مەن سامسۇڭنىڭ S3 دىن باشلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار مەن يۇقارقى يانفۇندا سىناق قىلغان ھەم ئىشلىتىپ كۆرگەن، سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇل. گەرچە %100 ئۇيغۇرچە تۇنۇپ كەتمىسىمۇ %98 ھاجىتىمىزدىن چىقىدۇ.
تۆۋەندىكى پرىسلانغان ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ ۋە يىشىڭ. يەشكەندىن كېيىن ئىككى پارچە app ھۆججىتى ئېچىلىدۇ. samsungfont.rar(3.91 MB, چۈشۈرۈش سانى: 13262)
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆك رامكا ئىچىدىكى ئىككى ھۆججەتنى يانفۇنغا كۆچۈرۈڭ.
ئەمدى يانفۇننىڭ كونترول تاختىسىغا كىرىپ، تەڭشەش (设置) دىن ئېكراننى قۇلۇپلاش ۋە بىخەتەرلىك (锁定屏幕和安全) نىڭ ئىچىدىكى نامەلۇم مەنبە (未知来源) نى ئاچىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرىدا كۆچۈرگەن ئىككى ئەپنىڭ ئىچىدىكى خەت نۇسخىسى كونترولى (自定义字体控件) نى قاچىلايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئەپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلايمىز. يۇقارقى باسقۇچلار تۈگىگەندىن كېيىن، كونترول تاختىسىغا كىرىپ كۆرسىتىش (显示) دىن خەت نۇسخىسىنى بىكىتىش ئورنىغا كىرسىڭىز UKIJCJK نامىدىكى خەت نۇسخىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز. شۇنى تاللاپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ھەرپلەر چىرايلىق كۈرۈنىدۇ.
ئەسكەرتىش. يۇقارقى ئىككى ئەپنى قاچىلاپ تەڭشەش ئارخىرلاشقاندىن كېيىن يانفۇننىڭ كونترول تاختىسىغا كىرىپ، بىكىتىش (设置) دىن ئېكراننى قۇلۇپلاش ۋە بىخەتەرلىك (锁定屏幕和安全) نىڭ ئىچىدىكى نامەلۇم مەنبە (未知来源) نى تاقىۋىتىڭ. بولمىسا ئەخلەت ئەپلەر ئۆزلىكىدىن قاچىلىنىپ كېتىدۇ. |