+تېما يوللاش
uyghurيوللانغان ۋاقتى:2017-8-16 14:09 1753 قېتىم كۆرۈلدى3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفونغا بەزىدە ھەر خىل ئەخلەت قىسقا ئۇچۇر كېلىدۇ. ھەم T ھەرىپىنى كىرگۈزۈپ يوللىسىڭىز بۇ زاكاستىن چېكىنىسىز، (回复T即可退订) دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ. T نى كىرگۈزۈپ قايتۇرسىڭىز ئۇ ئۇچۇردىن چېكىنمەكتە يوق، داۋاملىق كېلىۋېرىدۇ.



شۇڭا بۇ خىل ئۇچۇر كەلگەندە ھەرگىز T ھەرىپىنى كىرگۈزۈپ ئۇچۇر قايتۇرماڭ. تۆۋەندىكى ئاماللارنى ئىشلىتىڭ.
1. چېكىنمەكچى بولغان ئۇچۇرغا 0000 نى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇڭ. يەنى تۆت دانە نۆل. ئاندىن 0 نى كىرگۈزۈپ ئۇچۇر قايتۇرسىڭىز ئۇ خىل «مۇشتەرى» بولۇنۇپ قالغان قىسقا ئۇچۇر كەلمەس بولىدۇ.



2. ئوخشاش نومۇردىن تەكرار ئەخلەت ئۇچۇر كەلسە قارا تىزىملىككە تىقىۋېتىڭ. ھازىر ھەر قانداق يانفوندا قارا تىزىملىك ئىقتىدارى بار.
3. ئۆزىڭىز تەۋە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە پاش قىلىڭ. قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئېلان كەلسە، ماۋۇ ئادېرسنى بېسىڭ، ماۋۇ ئەپ ياكى ئويۇننى چۈشۈرۈڭ دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر كەلسە ياكى ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كېلىپ مەھسۇلات تەشۋىق قىلسا ياكى باشقا ئۇسۇلدا پاراكەندە قىلسا خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ئەھۋالنى ئېيتىپ پاش قىلسىڭىز شۇلار بىر تەرەپ قىلىدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ مۇلازىمەت نومۇرى 10086، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 10010، تېلگىراف خەۋەرلىشىشنىڭ 10000
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن3قوللىمايمەنقوللىمايمەن

3ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-8-16 14:17:52
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنى ئېلىپ كەپسىز.رەھمەت مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۇچۇرلار كېلىپ بەك ئاۋارە قىلىدۇ رەھمەت .
گىلەم
nakix ۋاقتى: 2017-8-16 21:02:50
0000دىن توتنى يوللىسام مىنىڭ تىلفۇنىمغا ھىچقانداق ئىنكاس قايتمىدى
ئورۇندۇق
alfa215 ۋاقتى: 2017-8-17 02:23:46
رەھمەت، ياخشى تېما بوپتۇ، مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇققانلار ئۈنۈملۈك پايدىلانساڭلار  بولغىدەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى