+تېما يوللاش
mardan123يوللانغان ۋاقتى:2017-9-4 16:25 2295 قېتىم كۆرۈلدى14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mardan123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-9-4 16:47  

10 يىل ئىچىدە سىز ياش يىگىتتىن ئوتتۇرا ياش تاغىغا ئايلاندىڭىز. لېكىن بۇ ھەممىسى ئەمەس  ،دۇنيادا يەنە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ؟

  بۈگۈن بىز بىر سېلىشتۇرۇپ باقايلى.

1.يېڭىدىن ئىلخەت ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەندە بىر پارچە خەت كەلسە يېرىم كۈن خۇشال بولاتتۇق.
ھازىر ھەركۈنى  ئىلخەتكە بىر پاتمان  خەتلەر دۆۋلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئاچىدىغان چولىمىز يوق


2.ئىلگىرى دېڭىز ساھىلىغا بارغاندا سۇ ئۈزەتتۇق، توپ ئوينايتتۇق .
ھازىر بولسا  پەقەت سۈرەت تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە  يوللايمىز.  


3.ئىلگىرى كومپيۇتېر سېمىز، مەن ئورۇق ئىدىم.
ھازىر كومپيۇتېر ئورۇق،مەن سېمىز.


4.ئىلگىرى تېلېفون يەرگە  چۈشۈپ كەتسە دەرھال بېرىپ پولغا دەز كەتكەن كەتمىگەنلىكىگە قارايتۇق، ھازىر تېلېفون  يەرگە چۈشۈپ كەتسە دەرھال  مەيدىمىزنى تۇتۇپ يۈرىكىمىزنىڭ  قانچىلىك پۇچىلىنىپ كەتكەنلىكىگە قارايمىز.


5.ئلگىرى تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەندە دوستلار جەم بولۇپ شام يېقىپ، تورت يەپ سوۋغا تەقدىم قىلاتتۇق.
ھازىر تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەندە دوستلار چەمبىرىكىگە توققۇز پارچە سۈرەتنى تىزىپ چىقىرىپ باشقىلارنى يۈرەك بېرىشىنى كۈتىمىز.


6.ئىلگىرى يۈگۈرۈش چېنىقىش ئۈچۈن ئىدى. ھازىر يۈگۈرۈش جابدۇقلارنى سېلىشتۇرۇش، سۈرەت چىقىرىش ئۈچۈن.


7.ئىلگىرى ئەڭ قاتتىق جازا قاينىغان ياغنى تۆكىۋىتىش ئىدى .
ھازىرقى ئەڭ قاتتىق جازا تورنى ئېتىۋىتىش.


8.ئىلگىرى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ تۈرى تولىمۇ كۆپ ئىدى.
ھازىرقى ئويۇن بولسا توردا ئويۇن ئويناش، توردا مال سېتىۋىلىش، دوستلار چەمبىرىكىى ئويناش.


9.ئىلگىرى ئويۇن ئوينىغاندا ئەمەلىي ئىقتىداردا بەسلىشەتتى.
ھازىر ئويۇن ئوينىغاندا بايلىقتا  بەسلىشىدىغان بولدى.


10.ئىلگىرىكى ئولتۇرۇشلار كۈلكە ئاۋازلىرىغا تولغان ئىدى.
ھازىرقى ئولتۇرۇشلار بولسا بىر پەس جىمجىتلىق.


11.ئىلگىرى ئاتا-ئانىلار مۇئەللىم ئىدى.
ھازىر مۇئەللىم بولسا  google


12.ئىلگىرى ھەممە سۇئاللار بالىلارغا قويۇلاتتى
ھازىر ھەممە سۇئاللار مۇئەللىمگە قويۇلىدۇ
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن5قوللىمايمەنقوللىمايمەن

14ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2017-9-4 17:39:57
ھازىر شۇنداق بۇلۇپ كەتتى
گىلەم
paykar ۋاقتى: 2017-9-4 17:43:35
بۇرۇن نامراتلار ۋېلىسپىت مىنەتتى،ھازىر بايلار مىنىدىغان بولدى.
ئورۇندۇق
رۇھ ۋاقتى: 2017-9-4 18:05:19
ئۆتمۈشنى كىچىك ۋاقتىمنى ئەجەپ سېغندىم شۇنچىلىك غەمسىز شۇنچىلىك خۇشال پەقەت ۋە پەقەت بىر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزسەمملا بۇلدى دەپ قارايمەن
5-قەۋەت
alfa215 ۋاقتى: 2017-9-4 21:18:25
ھەي ،،،، زامان راستىنلا تەرەققىي قىلدى جۇمۇ
6-قەۋەت
رىيال ۋاقتى: 2017-9-4 22:56:26
مىنىڭچە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى ياخشىكەنتۇق
7-قەۋەت
abjsoft ۋاقتى: 2017-9-4 23:05:27
ھەي....  بۇ ئىنتىرنت دەۋرىنى دېسە
8-قەۋەت
windows ۋاقتى: 2017-9-5 02:09:28
بۇرۇن  كۇنۇپكىلىق تىلفۇندا 30mb  ئېشىپ  قالاتتى ،  ھازىر  نەچچە يۈز  جى  يەتمەيدۇ  
9-قەۋەت
johndeere ۋاقتى: 2017-9-5 10:04:30
windows يوللىغان ۋاقتى  2017-9-5 02:09
بۇرۇن  كۇنۇپكىلى ...

بۇ تەرەققىيات ئاداش
10-قەۋەت
飞机 ۋاقتى: 2017-9-5 14:49:22
johndeere يوللىغان ۋاقتى  2017-9-5 10:04
بۇ تەرەققىيات ئاداش

بۇرۇن بىر ئايدا  10-1مىگا ئ‍ىشلەتسەك  ھازىر  ئ‍ون     ئونبەش جى  تور  ئ‍اي  ئ‍وتتىرىدىن ئ‍اشمايدۇ   ئ‍ۇنداقتا  كىم   تەرەققىي قىلدى  بىزمۇ    گوگىل
11-قەۋەت
ablizmansur ۋاقتى: 2017-9-5 17:15:44
ھەي غەمسىز، خۇشاللىققا تولغان بالىلىق چاغلار!!!

12-قەۋەت
伊力亚斯7747 ۋاقتى: 2017-9-6 13:54:06
ھازىرقى تەرەققىيات راستىنلا ئىنتايىن تېز بۇلاۋاتىدۇ  ھازىر ھەممىمىز يانفۇندىن ئاساسەن ئايرىلالمايدىغان بولدۇق مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىمىز يانفۇن بەزى ئىشلارغا پايدا ئېلىپ كىلىۋاتقان بولسا بەزى ئىشلارغا زىيان سېلىۋاتىدۇ مەسىلەن ئوقۇغۇچى بالىلار ھازىر تېلىفۇنغا بېرىلىپ ئۆگىنىشنىمۇ جايىدا بولمايۋاتىدۇ   مېنىڭچە بۇ ئەقلىفوننىڭ زىيىنىمۇ ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە شۇڭا مىنىڭ پىكىرىم ئوقۇغۇچىلار يانفۇننى ئاز ئىشلەتسە دېگەن ئۈمىدتە  
كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن پىكىرىڭلار بولسا مۇنبەردە ئورتاقلاشساق
13-قەۋەت
alpidapida0997 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
توغرا گەپ ، زىھنىنى  ئوقۇشقا بېرشى كرەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى