+تېما يوللاش
hawaskar27يوللانغان ۋاقتى:2016-10-24 01:17 12538 قېتىم كۆرۈلدى204 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى دوستلار، بۈگۈن ئەمدىلا پۈتتۈرگەن يېڭى ئەپتىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم، ئىسمى "يۇرتۇم ھاۋارايى".
مەزكۇر ئەپ باشقا ئەپتىن كۈچۈرۈپ ياكى تەرجىمە قىلىپ ياسالغان ئەمەس!
بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى تورداش دوستلارنىڭ مەدىتى ۋە ئىلھامى بىلەن ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بېرىدىغان ئەپتىن بىرنى ياساش قارارىغا كەلگەن ئىدىم، شۇنىڭدىن باشلاپ بىر تەرەپتىن كىتاب كۆرۈپ بىلىمىمنى چۇڭقۇرلاشتۇرغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇستىلاردىن مەسىلىھەت سوراپ تەييارلىق قىلدىم. بۇ جەرياندا "ئۇلىنىش ھاۋارايى" قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى نادىر ھاۋارايى ئەپلىرىنىڭ بارلىقىدىنمۇ خەۋەردار بولدۇم. ئەمدىلا ياساشقا كىرىشكەندە ئانچە تەس بىلىنمىگەن ئىدى، ئۆزۈمچە دوستلىرىمغا ئىككى ھەپتىدە پۈتتۈرۋەتكىدەكمەن دەپ پومۇ ئېتىۋەتكەن ئىدىم، ئەمما ئىشكىرلەپ كىرگەنسىرى بۇ ئىشنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپلا كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان سۆرەپ بۇيان سۆرەپ ئىككى ئايدا ئاران بىرىنجى نۇسقىسىنى ياساپ پۈتتۈردۈم، تۆۋەندە مەن بۇ ئەپنى تۈزۈش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىمنى پروگراممىر دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن، سىلەرنىڭ ئەپ تۈزۈش ئىشلىرىڭلاردا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
1. ھاۋارايى ئۇچۇرىغا ئېرىشىش: ھاۋارايى ئۇچۇرلىرىنى شىركەتلەر api ئارقىلىق ھەقلىق تارقىتىدىكەن، ئادەتتە باھاسى 1000 قېتىم تەكشۈرۈلسە 15 يۈەن ئالىدىكەن، ئەگەر مەن ياسىغان ئەپنى 1000 ئادەم ئىشلەتسە ، ئۇلار ھەر كۈنى 10 قېتىم ھاۋارايىنى تەكشۈردى دىسەك مەن ھەر كۈنى شۇ شىركەتكە 150 يۈەن تاپشۇرىدىكەنمەن، بۇنى كۆرۈپ ئۆرۈلۈپ كەتتىم، مەن بىر يالاڭتۆش ئوقۇغۇچى تۇرسام، ھەر كۈنى 150 يۈەننى تۆلىۋەتسەم شامال يەپ يۈرسەم بولغىدەك، شۇنىڭ بىلەن ئىزدىنىپ يۈرۈپ مۇنداق ھەل قىلدىم، ھەقسىز ھاۋارايى api سىدىن ئۈچنى تاپتىم، بىرسىنىڭ ئۇنىمىسى كامچىل ، يەنە بىرسىنىڭ بۇبىرنىمىسى كامچىل بولىدىكەن، يەنە بىرسى پات پات ئۇلانمايدىكەن، بىراق ئۈچىنى بىريەرگە ئەكەلسە ھاۋا رايى ئۇچۇرىغا تۇلۇق ئېرىشكىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئالى يۈن مۇلازىمىردىن بىرنى ئايلىق ئىجارىسىگە 65 يۈەن تۆلەپ ئالدىم . ئاندىن مۇلازىمىردا java تىلى ئارقىلىق بۇ ئۈچىنى بىريەرگە ئېلىپ كەلدىم، ئاندىن  يانفۇننى مىنىڭ مۇشۇ مۇلازىمىرىمغىلا ئۇلىنىپ ئۇچۇر ئالىدىغان قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ھەل بولدى.
2. يانفۇن ھالەت سىتونىغا ئۇيغۇرچە چىقىرىش، پروگراممىر دوستلارغا مەلۇم، ھالەت سىتونىغا RemoteView ئىشلىتىمىز، بۇ بىرنىمىگە ئۇيغۇرچە فونت قوشقىلى بولمايدىكەن، بىراق ImageView قوشقىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇرچە خەتنى Canvas ئارقىلىق رەسىم قىلىپلا ساقلاپ چىقاردىم، شۇنىڭ بىلەن ھالەت سىتونىدا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈندى.
3. يانفۇننىڭ باش ئېكرانىغا ھاۋارايىنى چىقىرىش، ھەر قېتىم ھاۋارايىنى بىلىش ئۈچۈن ئاتايىتەن ئەپنى ئاچ دىسە ھەممە ئادەمنىڭ ئىچى پۇشىدۇ ئەلۋەتتە، شۇڭا خەنزۇچە ھاۋارايى ئەپلىرىگە ئوخشاش باش ئېكراندىلا چىقىپ تۇرىدىغان قىلىپ قويدۇم، بۇ يەردىمۇ ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى ، يۇقىردىكىگە ئوخشاش ھەل قىلدىم.
4. ھاۋارايى ئەھۋالىنى تەرجىمە قىلىش، api دا تەمىنلەپ بەرگەن ھاۋارايى ئۇچۇرلىرى خەنزۇچە، بۇنى يانفۇن قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچىگە ئۆرۈپ ئاندىن كۆرسىتىش كېرەك، مەن قارىسام ھاۋا بۇلۇتلۇق، يامغۇر ياغدى، شامال چىقتى ...دىگەنندەك 60خىلغا يېقىن ھاۋا رايى ئەھۋالى باركەن، مەن بۇلارنى ئەپنىڭ ئىچىگە يىزىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ھاۋارايى ئەھۋالى ئاپتۇماتىك ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلۈپ چىقىدىغان بولدى.
5. ئەپنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستا بۇلۇش مەسىلىسى، بۇ مەسىلە مىنى خېلە ۋاقىت قىينىدى، مىنىڭ ياسىغىنىم 1.3 سىكونتتا قوزغىلىدىكەن، توردا 0.8 دىن ئېشىپ كەتكەنلىرى ياخشى ئەمەس دەپتىكەن، سۈرئىتىنى تېزلىتىمەن دەپ يامان ھەپىلەشتىم، ئاخىرى سۈرئىتى ئادەمنى رازى قىلدى.
6. ئەپ بازىرىغا چىقىرىش، ئەپنى ئوتقاش ئەپ بازىرىغا چىقارماقچىتىم، ھىچ چىقىرالمايۋاتىمەن. خەنزۇچە ئەپ بازارلىرىغا چىقىراي دىسەم چىقارغىلى بولمىدى، نىمىشقا دىسەم، خەنزۇچە بولسا بولىدۇ دىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەپنى ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە قىلدىم، ئاندىن چىقىرىشقا ئۇنىدى، شۇنداق قىلىپ بەيدۇ ئەپ بازىرىغا، ۋەندوۋجا ئەپ بازىرغا تىچ ئامان چىقىرىۋالدىم.
7. ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلەش مەسىلىسى، ئەپتىكى ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلىگىلى بولىدىغان قىلغۇم بار ئىدى، ئۈندىدار تەرەپنىڭ دىيىشىچە ئەپ خەنزۇچە بولسا ھەمدە خەنزۇچە ئەپ بازىرىغا چىقىرىلغان بولسا ئاندىن بولىدىكەن، مەن بۇلارنى قىلىپ بولغاچقا مىنىڭكىنى ئۈچ كۈندە تەستىقلاپ بەردى، ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلىگىلى بولىدغان بولدى.
پروگرامما توغرىلىق مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، يەنە بىرقانچە ھەل قىلىپ بولالمىغان مەسىلەم بار، بۇلارنى ھەل قىلىپ ئەپنىڭ كىيىنكى نۇسقىسىنى چىقارغاندا توختىلىپ ئۆتەي. ئىچىڭلار پۇشۇپ كەتتى ھەقاچان   ، ئەمدى ئەپ كۆرۈنمە يۈزلىرىدىن ئىككى-ئۈچ ئاققۇر كەلتۈرەي:

ئەپنىمۇ بىرەقۇر كۆرۈپ بولدۇق ، ئەمدى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى بېرەي، چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاسىلەر، بايقالغان مەسىلىلەر بولسا ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ قالدۇرساڭلار ياكى ئەپنىڭ ئۆزىدىكى ئىنكاس بېرىدىغان يىرىگە يىزىۋەتسەڭلار مىننەتتار بولاتتىم، رەھمەت:
چۈشۈرۈش ئەسلى ئادرىسى:
http://115.159.28.64:8080/weather.apk
خەنزۇچە ئەپ بازىردىكى ئادرىسى:
http://shouji.baidu.com/software/10035254.html
http://www.wandoujia.com/apps/com.bodekjan.uyweather

تولۇقلىما مەزمۇن (2016-10-24 22:11):
خەنزۇچە ئەپ بازىرىدىكىسى تېخى يېڭىلانماپتۇ، ئەسلى ئادرىستىن چۈشۈرگەيسى....

تولۇقلىما مەزمۇن (2016-10-25 05:10):
ئەپنىڭ نەشىرىنى يېڭىلىۋەتتىم، مەسىلىلەر ھەل بولدى

تولۇقلىما مەزمۇن (2016-10-25 11:49):
ئاكتىپلىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، قايتا چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز كۈچكە ئىگە بو...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10تەجرىبە +89يىغىشسەۋەبى
دولان ئوغلى + 15مەن قوللايمەن
بارچۇق520 + 10
uyghurr007 + 2
mamatezizjan + 5ئىجادىي ئەسەر
ayixa + 2
ataman138 + 3
uyghurdetal + 10مەن قوللايمەن
بۆرە216 + 10ئىجادى ئەپ
secret + 30ياخشى دېتال
BazilaR + 2بەك ياخشى ياساپسىز.

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5ھەمبەھرھەمبەھر1قوللايمەنقوللايمەن25قوللىمايمەنقوللىمايمەن

204ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
hawaskar27 ۋاقتى: 2016-10-24 13:09:05
VOGA يوللىغان ۋاقتى  2016-10-24 11:50
بەزى يەرلىرىدە ئازراق ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن،شۇنى ت ...

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداش، ئالدى بىلەن ئەپنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باققىنىڭىزغا رەھمەت، سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغانلىرىڭىز توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆزلەپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈم.
1. باشقىلارنىكىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۆزۈم ياسىدىم دەپسىز دىگىنىڭىزگە قارتا دەيدىغىنىم، ئەگەر سىز مىنى تۇنىغان بولسىڭىز ياكى مىنىڭ نىمىش قىلىدىغىنىمنى بىلگەن بولسىڭىز خەقنىڭكىنى تەرجىمە قىلىپسىز دىگىنىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭمۇ كۈلگىسى كېلىپ قالاتتى، مەن ئادەتتە ئۇيغۇرچە ئەپلەر بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغان، ئادەتتە خەنزۇچە ياكى ئېنگىكىسچە پروگراممىلارنى تۈزەتتىم، بەلكىم بىلەرسىزكىن www.github.com،http://stackoverflow.com قاتارلىق ئېنگىلىسچە تور بېكەتلەردە ھەمدە csdn, cnblog قاتارلىق خەنزۇچە پروگراممىرلار توربېكەتلىرىدە مەن دائىم بار، ئاز بولمىغان ھەقسىز پروگراممىلارنى يىزىپ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشغا سۇنغان ئىدىم، كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۇ تور بېكەتلەرگە قەدىمىڭىز يىتىپ قالسا ئۇچۇرىشىپ قېلىشىمىزمۇ مۇنكىن، شۇڭا ماڭا نىسپەتەن خەقنىڭكىنى تەرجىمە قىلىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى خالاس...
2. جاۋا توغرىلىق تور بېكەت تەمىنلەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەگەر ياردىمىم كېرەك بولسا دىسىڭىز سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ نوچى توربېكەتتىن بىرقانچىنى دەپ بېرەي ، پايدىلىناسىز.
3. ئىملا خاتالىقىغا كەلسەك، مىنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئىملايىم راسلا دىگەندەك ياخشى ئەمەس، بۇنى مىنىڭ ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتىپىمدىن سۈرۈشتۈرۈپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ، ھازىر بېكار بولساملا ئۇيغۇرتىلىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمەن.
4. ئەپنى يىشىۋەتكىنىڭىزگە قارىتا، ئەپنى يىشىشنى ئازىراقلا ساۋادى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى قىلالايدۇ، بۇ يېڭىلىق ئەمەس، بىز ئادەتتە تەجىرىبەخانىمىزدا ئەپ يىزىپ قالساق java بىلەن ئەمەس c++ ndk jni بىلەن يازىمىز، بۇنداق ئەپنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق يىزىپ قويسام ئەپنى يىشىمەن دەپ ئولتۇرۇپ قېرىپ كىتىشىڭىزمۇ مۇنكىن، ئەمما مۇنداق يىزىلغان ئەپ ئۇيغۇرچىنى ياخشى قوللىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بەك ئەزۋەيلەپ باشقىلار كۆرىۋالمىسۇن ئەسلى كودىنى دەپ تورۋالمىدىم، كۆرسە شۇ ئۇيغۇر باللار كۆرە، ئېلىپ ئايدىلانسا يامان ئىش ئەمەس. ئەپنى يىشىپ مۇلازىمىر ئادرىسىنى بىلىۋېلىپ، قالايمىقان ئىشلىتىپ مۇلازىمىرنى قاتۇرۋەتمىسۇن دەپ يادرولۇق كود قىسمىغىلا قۇلۇپ سېلىۋەتكەن، يىشىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرەسىز، سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
5. ئەپنى ھازىرچە 30 نەچچەخىل تىل قوللايدىغان قىلىشنى ئويلىشىپ كەتمىدىم، ھازىرچە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قازاقچە قوللايدۇ، قازاقچە قىسمى پۈتمىگەن بولغاچقا ئىتىۋېتىپ تۇردۇم، سىز دىگەن 30 نەچچە تىلنىڭ ھۆججىتى 百度APP加固 مۇلازىمىتىغا سۇنۇلغاندىن كىيىن ئاپتۇماتىك قۇشۇپ قۇيۇلغان ھۆججەتلەر خالاس.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئۆزىگە ئىشىنىش ياخشى ئىش، پروگراممىرلاردا مۇشۇنداق ئىدىيە بۇلىشى كېرەك، لىكىن ئۈزىگە بەك ئىشىنىپ كېتىپ باشقىلارنى بەك چۈشۈرىۋېتىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، نىمىلا دىگەن بىلەن تاغنىڭ ئارقىسىدا يەنە تاغ بار ئەمەسمۇ، گەپلىرىم ئېشىپ كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلاسىز دوستۇم، چۈشتە تاماق يىمىگەچ كەيپىياتىم سەل بوش ۋاقتىدا كۆرۈپ قاپتىمەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى.
تەۋسىيىلەش
دولان ئوغلى ۋاقتى: 2016-10-24 16:02:36
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دولان ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-24 16:06  

مەن ئەپنى چۇشەندۇرشىڭىزنى ۋە چۇشكەن بارلىق ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ چىقتىم ھەقىقىتەن كۆپ جاپا تارتىپسىز ، ھەم بۇ ئەپنى ئىشلەش جەريانىدا ئەقلى مەبلەغ سالغاندىن سىرىت پۇل مەبلىغىمۇ ساپسىز مەيلى كۆپ بولسۇن ئاز بولسۇن 65 يۇئەنمۇ پۇل ، شۇڭا ھەقلەق تارقاتقان بولسىڭىزمۇ ئەرزىيتتى (بەزىلەر ئانچە مۇنچە قىلىپ تەرجىمە قىلىپ ساتىدۇ ، سىز يېڭىدىن يېزىپ ساتسىڭىز نىمە بولۇپتۇ ) ھېچ بولمىسا سالغان پۇلىڭىز چىقىپ بىر ۋاخ ھۇزۇرلۇنۇپ تاماق يىۋالسىڭىزمۇ ئەرزىتتى ، ئۇ ئۇنى دەيدۇ بۇ بۇنى دەيدۇ سىزنىڭ كارڭىز بولمىسۇن ، ئادەمىڭ قانچە بىلىم سەۋىيەسى ئاشقانسىرى ئېغىر - بېسىق ، سەۋىرچان بولۇپ كىتىدۇ ، جىق ئىشلاردا ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلشنى ئۈگۈنىڭ ، نەتىجە بولسا سىز ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن نەرسىنى باشقىلارنىڭ قوللغان قولىمىغانلىقى ، سىزنىڭ بۇ ئەپنى بەيدۇدەك چوڭ ساھەگە ۋەندۇجادەك چوڭ ئەپ بازىرغا چىقارغىنىڭىز ئەمىلى نەتىجە . ئاخىردا سىزگە دەيدىغىنىم سىز ئۆز تىلىمىزدا ئۇقۇمغان ئوخشايسىز شۇڭا ئىملا خاتالىقى كۇرلىشى نۇرمال ئەھۋال شۇڭا ئانا تىلىڭىزنى يەنىمۇ تىرشىپ پىشىقداڭ . ئەڭ ئاخىردا چىن دىلىڭىزدىن چىقىرىپ تىرىشقىنىڭىزغا چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ، سىز مۇشۇنداق تىرىشىدىغانلا بولسىڭىز كەلگۈسىڭىزدىن ئۈمۈت بار ، يەنىمۇ تىرشىپ ياشاڭ
تەۋسىيىلەش
VOGA ۋاقتى: 2016-10-24 11:50:12
بەزى يەرلىرىدە ئازراق ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن،شۇنى تۈزىتىۋەتسدەڭلا ياخشى بىر تەرجىمە ئەپ بولغۇدەك

ھە راس،تەرجىمە ئەپنى بىز ياسىدۇق دەۋالمىساڭلا،تەرجىمە قىلغاندىكىن تەرجىمە ئەپ دەپ يوللىساڭلا بولاتتى
مىنىڭ بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەب ئەمىلىيەتتە سىز يوللىغان بۇ ئەپنىڭ تىل تاللاش رايونىدا ئىككىلا تىل بار ئىكەن يەنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە لىكىن ئەپنى يېشىپ قارايدىغان بولساق 30 تىن ئارتۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولغان تىل ھۆججەتلىرى بار ئىكەن....ئەمىلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ياخشى ئىش ئەمەستى لىكىن بۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ تېخنىكىسى خېلى يوقۇرىمۇ نىمە دەپ شۇ خوشاللىقىمدا ئەپنى ئوپراسسىيە قىلىپ كۆرۈپ باقساق كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم،
ئەسلى كودقا كەلسەك ئەپلەرنىڭ ئەسلى كودىغا ئېرىشىش ئانچە تەس ئەمەس ھەتتا ھېچنىمە چۈشۈرمەي تۇرۇپمۇ ئەسلى كودىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان تور بەتلەر كۆپ مەسىلەن http://www.javadecompilers.com/
بۇ تور بەت ئارقىلىقمۇ ئەپ ۋە Jar ھۆججەتلىرىنىڭ ئەسلى كودىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ

ئەڭ موھىمى سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەپنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن
تەۋسىيىلەش
hawaskar27 ۋاقتى: 2016-10-24 21:24:08
كەچلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن دوستلار، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن نۇسقىسىنى يېڭىلاپ قويدۇم، ئۇيغۇرچە خەتلەردىكى ئىملا خاتالىقلىرى ۋە پروگراممىدىكى ھەل قىلىش تەسراق بولغان يەرلىرىنى ھازىر ئوڭشاۋاتىمەن، خەنزۇچە ئەپ بازىرىغا چىقىرىلغان نۇسقىسىنى ئەتە كۈندۈزدە ئاندىن يېڭىلاپ بېرىدىكەن، شۇڭا ئەسلى ئادرىسىدىن ئەڭ يېڭى نۇسقىسىنى چۈشۈرۈۋالغايسىلەر.
تەۋسىيىلەش
abduwali180 ۋاقتى: 2016-10-24 18:39:11
بۇ يازمىنى abduwali180 دا 2016-10-24 18:42 تەھرىرلىگەن

بۇ يازمىنى abduwali180 دا 2016-10-24 18:41 تەھرىرلىگەن

تۇنجى قەدىمىڭىز مۇۋاپپىقىيەتلىك بوپتۇ مۇبارەك بولسۇن. ئەپتىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىشتە ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى تۈزگەن ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە تەرجىمە ياردەمچىسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. http://imla.uighursoft.com/ug-CN/cat.cshtmlhttp://imla.uighursoft.com/ug-CN/default.cshtml
تەۋسىيىلەش
qwer ۋاقتى: 2016-10-24 14:20:29
ئەپ خېلى سەۋىيىلىك يېزىلىپتۇ ، رەھمەت !
ئەپنىڭ ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىشىغا يول قويساق ، سائەت مەسلىسى ئوڭشىلىدۇ ...بۇرۇنمۇ نۇرغۇن مۇشۇ خىلدىكى ئەپنى قاچىلاپ ، سائەت كىيىن قېلىپ ، ئاخىرى مۇشۇ مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىغان ، يەنى ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىشىغا يول قويماي ، سائەتنى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىشىنى تەلەپ قىلىش بىر -بىرىگە قارىمۇ -قارشى ئىش ئىكەن .
تەۋسىيىلەش
adel7 ۋاقتى: 2016-10-24 10:46:14
ئەپ سىغىمى بەك چوڭمۇ قانداق ماڭا شۇنداق بىلىندى....

باھا سۆز

كەچۇرۇڭ قىرىندىشىم ، ئىھتىياتسىزلىقتىن ناچار دىگەن بەلگۇگە چىكىلىپ كىتى..  ۋاقتى: 2016-10-24 19:05
كەچۇرۇڭ قىرىندىشىم ، ئىھتىياتسىزلىقتىن ناچار دىگەن بەلگۇگە چىكىلىپ كىتى...  ۋاقتى: 2016-10-24 19:03
تەۋسىيىلەش
ھەۋەس2 ۋاقتى: 2016-10-24 20:56:11
ئەپنىڭ  تەڭشەك رايۇنىدىكى خەتلەرنى ئۇقۇغىلى بولمىدى  

تەۋسىيىلەش
بۆرە216 ۋاقتى: 2016-10-24 18:16:33
رەھمەت سىزگە    كۆپ رىيازەت تارتىپسىز ..   تېخىمۇ  تىرشىپ   كۆپلەپ ئۇيغۇرچە ئەپ لەرنى ياسىشىڭىزنى  ئۈمۈت قىلىمەن ..گەرچە  ئەپ ياساشتا  قىلچە  بىلىمىم   بولمىسىمۇ   سىزگە  مەدەت بەرگەچ   تۇراي   بەك ئىسىل چىقىپتۇ .. ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئەپلەرنى   كۆپلەپ ياسىشىڭىزنى  ئۈمۈت قىلىمەن  ئەپ ئىچىگە  كۆڭلۈمىزنى  بىلدۈردىغان  ئىقتىدارنى  قۇشۇپ قويسىڭىز   ئازدۇر كۆپتۇر كۆڭلۈمۈزنى  بىلدۈرسەكمۇ   بۇلۇدۇ ...   شۇ  چاغدا   ئازراق ھاردۇقىڭىز  چىقاتتى ...   يەنە بىر گەپ     تەرجىمە قىپسىز   دىگەنلە   ئىشنىڭ   ئېغى - بېغىنى  ئۇقۇپ  گەپ قىلىڭ  
تەۋسىيىلەش
hawaskar27 ۋاقتى: 2016-10-24 13:18:22
ھازىرغىچە بايقالغان مەسىلىلەر:
ئاساسى ئېكراندىكى سائەت توختاپ قېلىش - بۇنى مەنمۇ بايقىدىم ئامال بار تېزراق ئوڭشايمەن.
مۇلازىمىر ئۇلانماسلىق - ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئادەم كۆپ، مەن ئالغان مۇلازىمىر بەك ناچار بولغاچقا مۇشنداق بولۇپ قالىدىكەن.
ئەپنى تەرجىمە قىلىپسىز دىگۈچىلەرگە - دوستلار تەرجىمە قىلغان بولسام تەرجىمە قىلدىم دەيتىم، ئىشەنسەڭلاردۇ ئىشنەنمىسەڭلاردۇ ئىشقىلىپ ئەپ چىرايلىق چىققان ئوخشايدۇ، بولمىسا تەرجىمە قىلىپسىز دەپ تورۋالماسكەنسىلەر، رەھمەت.
ئىملا خاتالىقى - بۇنى تېزسۈرئەتتە ھەل قىلىمەن.
12-قەۋەت
肉孜买买提 ۋاقتى: 2016-10-24 10:39:30
بەك كۆپ جاپا تارتىپسىز ، ئەجرىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم ، مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ئىكەنسىز ، رەھمەت
13-قەۋەت
qinar120 ۋاقتى: 2016-10-24 10:42:12
تىمىنى ئوقوپ ئىكاس يىزىڭ
14-قەۋەت
1933315008 ۋاقتى: 2016-10-24 10:44:25
UMMATISLAM4080 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-24 10:24
بەك بەلەن تەرجىمە قىلىپسىز بۇرادەر رەھمەت سىزگە تېخىم ...

تېمىنى ئوبدان ئۇقۇپ ئىنكاس يېزىڭ!  ئۆزۈم ياسىغان دىسە «تەرجىمە قىلىپسىز» دەپ يۈرىسىزغۇ!
كۆپ رەھمەت تېما ئىگىسى!
15-قەۋەت
windows ۋاقتى: 2016-10-24 10:48:29
رەھمەت   ، ئىسىل  قوللارغا  دەت كەلمىسۇن  ، ئانا تىلىم  جان  تىلىم  
16-قەۋەت
palqi ۋاقتى: 2016-10-24 10:53:02
كوپ  رەھمەت  جاپا  تارتىپسىز  موشۇنداق ئىشلانى قىلىش ئارقىلىق  ئۇزڭىزنىڭمۇ بىلىمىنى  ئاشۇرالايسىز  رەھمەت  تىخىمۇ تىرىشىڭ
17-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2016-10-24 11:03:49
بەك ياخشى چىقىپتۇ   رەھمەت سىلەرگە داۋاملىق تىرشىڭلا  بەك ياختۇردۇم بۇنى

18-قەۋەت
palqi ۋاقتى: 2016-10-24 11:05:32
جىق  ئەجىر  قىپسىز  مەن  نۇرمال ئىشلىتىۋاتىمەن  بەلەن چىقىپتۇ

19-قەۋەت
chilek175 ۋاقتى: 2016-10-24 11:05:51
رەھمەت ئىسىلكەن  لىكىن سىغمى سەل چوڭدەك قىلىدۇ.يەنە ھىجىريە كالىندارىمۇ كۆرنىدىغان قىلىپ قويسىڭىز    ئۇلىنشقا ئوخشاش
20-قەۋەت
dilkax125 ۋاقتى: 2016-10-24 11:08:14
ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ . بولسا بۇنىڭغا ئۇسلۇپ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى قوشسىڭىز ، ئۇسلۇپلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەك ، تېخىمۇ ياخشى بولغىدەك
21-قەۋەت
qinar120 ۋاقتى: 2016-10-24 11:09:28
قانداق ئاكتىپلايدۇ ئاكتىپلىيامىدىم
22-قەۋەت
دىتالىم ۋاقتى: 2016-10-24 11:09:46
بەك ياخشى بوپتۇ ،قوللايمەن
23-قەۋەت
VOGA ۋاقتى: 2016-10-24 11:12:47
ۋاھ،بەك ياخشى چىقىپتۇ
24-قەۋەت
adiljan212917 ۋاقتى: 2016-10-24 11:23:25
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى