+تېما يوللاش
hawaskar27يوللانغان ۋاقتى:2017-2-14 15:49 9819 قېتىم كۆرۈلدى110 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى دوستلار، بۈگۈن سىلەرگە نەچچە ئايدىن بىرى تۈزۈۋاتقان ئەپنىڭ پۈتكەن بىرىنجى نۇسقىسىنى ئېلىپ كەلدىم، دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ سىناپ كۆرىشىنى ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
ئەپنىڭ تەپسىلاتى:
ئىسمى: ئىزدەن كۆپ تىل تەرجىمانى
خارەكتىرى: رەسىمدىن خەت تۇنۇش، تەرجىمان
سىغىمى: سىناق نۇسقىسىنىڭ سىغمى 21 مېگابايىت
مەشفۇلات تىلى : ئۇيغۇرچە
سېستىما تەلىپى: ئاندروتىد 4.2 دىن يۇقىرى بولغان سېستىما
ئەپنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈلىشى:
مەزكۇر ئەپ رەسىمدىن خەت تۇنۇپ ئاندىن شۇ خەتنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان بۇلۇپ، ھەممىمىزگە مەلۇملۇقكى تەتقىقاتچى ئۇستازلار ۋە شىركەتلەرنىڭ شەخسىيەتسىز تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچىنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان مۇكەممەل كەسىپلەشكەن ئەپ ۋە تور بېكەتلەر خېلە كۆپ بارلىققا كەلدى، لىكىن رەسىمدىن خەت تۇنۇش ئۈستىدە ئىقتىدارى مۇكەممەلراق بولغان، كۆپ تىلنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىپ بېرىدغان ئەپ يوقتەك تۇيۇلۇپ، نەچچە ئايدىن بۇيان ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇ ئەپنى پۈتتۈردۈم، مەزكۇر ئەپنىڭ تۆت خىل ئاساسىي ئىقتىدارى بۇلۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. كامېرادىن خەت تۇنۇش ۋە تەرجىمە قىلىش، سىز مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق يانفۇن كامېراسىنى قوزغىتىپ مەلۇم تىلدىكى خەتكە توغرىلاپ كۇنۇپكىنى باسىڭىز، ئەپ كامېرا ئالدىدىكى خەتنى تۇنۇپ ئاندىن سىزگە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ، مەزكۇر ئىقتىدار ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق تىلنى قوللايدۇ.
2. يانفۇندىكى رەسىمدىن خەت تۇنۇش ۋە تەرجىمە قىلىش، سىز مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق يانفۇنىڭىزدىكى مەلۇم رەسىمنى ئېچىپ ئاندىن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز. ئەپ شۇ رەسىمدىكى خەتنى تۇنۇپ سىزگە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ، مەزكۇر ئىقتىدارمۇ ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق تىلنى قوللايدۇ.
3. تېكىست تەرجىمە قىلىش، مەزكۇر ئىقتىدار ئارقىلىق سىز 100 گە يېقىن تىلدىكى سۆز ياكى جۈملىلەرنى بىربىرىگە تەرجىمە قىلالايسىز، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىمۇ مۇشىنىڭ ئارىسىدا بار، ئەگەر سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىل تىزىملىكتە بولمىسا "خالىغان تىل" دىگەننى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەپ ئۆزى سىزنىڭ قايسى تىلنى كىرگۈزگەنلىكىڭىزگە ھۈكۈم قىلىدۇ.
4.  تىل بولىقى چۈشۈرۈش، رەسىمدىن خەت تۇنۇشقا تىل بولىقى كېتىدىغان بولۇپ، ھەممە تىل بولىقىنى ئەپكە قاچىلىۋەتسەم ئەپ بەك چوڭ بۇلۇپ كەتكۈدەك، شۇڭا تىل بولىقىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن چۈشۈرىدىغان قىلدىم.
ئەپتىن رەسىملەر:
ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا ئەپنىڭ كامېرا ئىقتىدارىنى ياساپ بولۇپ ،ھاياجانلىنىپ چەمبىرەككە چىقارغان ۋاقتىم

ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى

ئەپ چۈشۈرۈش:
بېسىپ ئاندرويد نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ
ئەسكەرتىش:
مەزكۇر ئەپ باشقا ئەپتىن تەرجىمە قىلىمنمىغان، تۆت ئايدىن بىرى ئاز ئازدىن ئىزدىنىپ ياساپ چىقىلغان ئىجادىي ئەپ ! ئەپنىڭ ئەسلى كودىنى GitHub ئۆزۈمنىڭ باش بېتىدە ھەمبەھىرلەپ قويدۇم، قىززىقىدىغان دوستلارنىڭ ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىنى قارشى ئالىمەن، ئەپنىڭ نەشىر ھوقوقى MIT ئۆلچىمى، ئەپنىڭ ئەسلى كودىنى پەقەت ئۆگۈنۈش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشقا بولىدۇ. GitHub كومپيۇتېرىدا ئېچىلمايدىغان دوستلار ماڭا ئايرىم خەت يىزىپ خەت ساندۇقىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار ئەۋەتىپ بېرەي.
ئەپتە ئىشلەتكەن تېخنىكىلار:
رەسىمدىن خەت تۇنۇش ئىقتىدىغارىغا tesseract ئىشلىتىلدى؛
رەسىم تاللاش ئىقتىدارىغا MultiImageSelector ئىشلىتىلدى؛
كىتابخانىنىڭ رەسىمىدىكى ئېغىرلىق سەزگۈچكە PanoramaImageView ئىشلىتىلدى؛
ئەپتىكى ئايكونلارغا iconic ئىشلىتىلدى؛
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا قاتارلىقلارغا PixlUI ئىشلىتىلدى؛
تورغا ئۇلانغان ئۇلانمىغاننى تەكشۈرۈش قاتالىق ياردەمچى ئىقتىدارلارغا utilcode ئىشلىتىلدى؛
رەسىم قىسمىغا Picasso ئىشلىتىلدى؛
ئەگەر سىز يۇقارقى ئىقتىدارلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەپلىرىگە قوشماقچى بولسىڭىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئامبارلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش41ھەمبەھرھەمبەھر1قوللايمەنقوللايمەن37قوللىمايمەنقوللىمايمەن

110ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-2-14 16:55:49
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆرەwolf تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-14 16:59  

كۆپتىن كۆپ رەھمەت تىما ئىگىسى  مەن بەك خوش بولدۇم بەك ئىھتىياچلىقتىم مۇشۇندا تەرجىمانغا
گىلەم
tursunxayar ۋاقتى: 2017-2-14 17:06:54
ياخشى، داۋاملىق مۇكەممەللاشكەي
ئورۇندۇق
uyghur26 ۋاقتى: 2017-2-14 17:06:57
بەك ياخشى ئەپكەن رەھمەت ،سىزدەك ئەزمەتلەر كۆپلەپ چىقىپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى تىكلىسە ،رەھمەت .
5-قەۋەت
tatligim1288 ۋاقتى: 2017-2-14 17:09:53
رەھمەت قىرىندىشىم ياخشى تىما،ياخشى ماتىرياللار، ئ‍ۈزۈلمىسۇن قۇلىڭىزدىن گۈللەر ئ‍ۈنسۇن
6-قەۋەت
opa ۋاقتى: 2017-2-14 17:10:34
ئالامەت  ياخشى  ئەپلەرنى  ياسۋېتىپسىزغۇ  ھەمەيلەنگە  كىرەكلىك ھەممىمىز ئىنتىلۋاتقان  ۋاھ  باركاللا  ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر تېخمۇ ياخشى ئتۇق نەتىجىلەرگە ئېرشىشڭىز گە  تىلەكداشمەن  ئۆز نامىمدىن رەھمەت سىزگە  
7-قەۋەت
بۆرە216 ۋاقتى: 2017-2-14 17:23:09
رەھمەت سىزگە ،   بىر ئىشنى سىزدىن سۇراپ باقسام  ئۇيغۇرچە خەتنى رەسىمدىن سۈزۈپ يېزىققا ئايلاندۇرالامدۇ ،   ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىققا ئايلاندۇردىغان تېخنىكا تېخى يوق دىگەن  ،ھەم جىق مەبلەغ ۋە ۋاقىت كىتىدۇ دىگەن،شۇنى بىلىپ باقسام   
8-قەۋەت
hawaskar27 ۋاقتى: 2017-2-14 17:28:27
بۆرە216 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-14 17:23
رەھمەت سىزگە ،   بىر ئىشنى سىزدىن سۇراپ باقسام  ئۇيغۇرچ ...

بۇ تېخنىكا ھازىر بار، لىكىن ئۇيغۇرچە خەت ئامبىرىنى بىردىن بىردىن سىناپ پروگراممىنى مەشىقلەندۈرىدىغان ئىشكەن، ئالىم ئەھەد مۇئەللىمنىڭ دىگىنىدەك بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن، ھازىرقى تۇنۇش توغرىلىق نىسپىنى 10% گىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ، ئىككى ئۈچ ئاي مەشىقلەندۈرسەم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈلسە كىيىنكى نەشىرىگە قۇشىمەن. قىززىقسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ مەن ئۇيغۇرچە رەسىم تۇنۇيدىغان سىناق نۇسقىسىنى بېرەي، ھازىرچە تۇنۇش توغلىرىق نىسپىتى 10% ئەتراپىدا
9-قەۋەت
nawayi ۋاقتى: 2017-2-14 17:41:21
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم رەھمەت سىزگە قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
10-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2017-2-14 17:54:49
رەھمەت ئۇندىداردىن چۇشىرەلمەي بەك ئاۋارە بوپ كەتكەن ئىدىم قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن  خەنزۇ چە بىلمەيدىغانكار ئۇچۇن بۇلۇپمۇ مىلىتىمىز ئۇچۇن بىر ياخشى ئىش قىپسىز داۋاملىق تىرىشىڭ يەنە بىر رەھمەت ،
11-قەۋەت
tormahiri ۋاقتى: 2017-2-14 17:57:34
ماڭا نىسبەتەن تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى ئوچۇق مەنبەلىك قىلغىنڭىز.ئوچۇق مەنبەلىك قىلىپ تارقاتقىنىڭىز ناھايتى ياخشى بولۇپتۇ،ئوچۇق مەنبەلىك ئوقۇمى ۋە تەرەققىيات جەھەتتە بەك كەينىدە قالغان ئىدۇق،بارماق بىلەن سانىۋالغىلى بولدىغان مەن ۋە باشقا بىرقانچە ئۇيغۇر پىروگىراممىرلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا باشقىلارنىڭ ئوچۇق مەنبەلىك قىلغىننى كۆرۈپ باقمىدىم،بۇ قوللاشقا تىگىشلىك ئىش.
860590125 نى ئۈندىدارغا قوشۇۋالسىڭىز ئوچۇق مەنبەلىك پىروگىرامما ھەققىدە مۇنازىرلەشسەك ۋە ئۆزئارا ئۈگەنسەك بولىدۇ،ھەمدە بىرلىكتە مۇشۇ ساھەگە كۈچ قوشساق.
12-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2017-2-14 17:59:52
بىرەرسىڭلار ئىشلىتىپ باقتىڭلارمۇ ؟
تىل بولىقى چۈشمەيۋاتىدۇ، نەچچە قېتىم سىناپ باقتىم %60 ئەتراپىغا بېرىپ توختاپ قالدى.
13-قەۋەت
مۇخلىس520 ۋاقتى: 2017-2-14 18:01:25
ئالما نۇسخىسى چىققان ئالدىنقى مەزگىللەردە ئاندىروئىدنىڭكى چىققىنى بەلەن بولدى رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن
14-قەۋەت
1933315008 ۋاقتى: 2017-2-14 18:05:27
كۆپ رەھمەت،ئىشلىتىپ باقاي!
سالونچىلارغا تازا بوپ بېرىدىغان بولدىدە ئەمدى!
15-قەۋەت
09032555 ۋاقتى: 2017-2-14 18:18:23
بەك ياخشى بۇپتۇ ،ئۇيغۇرچە ۇنۇش ئىقتىدارى تىزراق كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، تېخىمۇ تېرىشىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى