+تېما يوللاش
dilkax125يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 3379 قېتىم كۆرۈلدى45 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
MIUI روملىرى ئەسلىدىنلا چىرايلىق سىپتا لايىھىلەنگەن بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان تورداشلار يانفۇنىنىڭ كۆرۈنىشىنى يەنىمۇ ئۆزگىچە بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . گەرچە MIUI روملىرىدا كۆپلىگەن ھەقسىز  ئۇسلۇپلار تەمىنلەنگەن بولسىمۇ بىراق بىزگە ياقىدىغان ھەقىقى ياخشى ئۇسلۇبلار ھەقلىق ، كۆپىنچىسى 6 يۈەن ھەتتا 9 يۈەنلىكلرىمۇ بار . شۇڭا بىزدەك توردۇنياسىدىكى بىكارلىق نەرسىلەرگە كۆنۈپ قالغانلار ياكى نامراتلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇ ئۇسلۇبلارنىمۇ ھەقسىز قىلىپ ئشلىتىش ياخشى تاللاش ، ( جۈملىدىن مەن شۇنداق  ) ، شۇنداقمۇ يا  ! تورداشلار ،
ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك ئىلگىرىمۇ ئالىپ تورىغا MIUI ھەقلىق ئۇسلۇبىنى ھەقسىز ئىشلىتىش ئۇسۇلى يوللانغان ، ئۇنىڭدا ھەقلىق ئۇسلۇبنى چۈشۈرۋىلىپ ، سىناق ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىپ ، ئۇسلۇبنى قوزغاتقاندىن كىيىن چۈشۈرگەن ئۇسلۇبنى ئۆچۈرۋەتسەك ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇسلۇب داۋاملق ئىشلەۋىرىدۇ دىيىلگەن ، لىكىن مەن كۆپلەپ سىناق قىلىپ شۇنى بايقىدىمكى ، بۇ خىل ئۇسۇلدا بىرلا ئۇسلۇبنى بىر مەزگىل ئىشلىتىشكە بولىدىكەن ، يانفۇن قايتا قوزغالسىلا بۇ ئۇسلۇپمۇ يەنە يوق بولىدىكەن ، بەزىدە يانفۇن قوزغالمىسىمۇ بىر قانچە سائەت يانفۇنغا قارىماي ، كىيىن ئاچقىنىمدا ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبقا قايتىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم ، ھەم مەندەك كۈندە بىر يېڭى ئۇسلۇبلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ھىرىسمەن ئادەم ئۈچۈن بۇ ئۇسۇل تازا قولاي بىلىنمىدى . شۇڭا مەن  بۇھەقتە ئىزدىنىپ كۆپلىگەن ھەقلىق ئۇسلۇپلارنى ھەقسىز قىلىپ ئىشلىتىشنى ئويلاپ ئىزدىنىش ئارقلىق MIUI 主题破解器  نى چۈشۈرۈپ ، ھەقلىق ئۇسلۇبلارنى يشىشىپ ھەقسىزلەشتۈرگەن بولساممۇ لىكىن بۇ ئۇسلۇبلارنى يانفۇنغا قاچىلىغاندا MIUI 8 ، MIUI 9 سېستىمىلىردا بۇ ئۇسلۇبلارنى ئورگان تورى تەمىنلىمىگەن دەپ قوزغىتىشقا بولمىدى ، مەن يەنىىمۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق قولايلىق ، ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن يەنە بىر تېپىپ چىقتىم .
يەنى MIUI 主题编辑器手机版  ناملىق بۇ دېتالنى قاچىلاپلا كۆپلىگەن ھەقلىق ئۇسلۇبلارنى ھەقسىز قىلىپ تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم . قىزىقىدىغانلار سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار .
دېتالنى ئىشلىتىشتە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ياقتۇرغان ھەقلىق ئۇسلۇبتىن بىرنى ياكى بىر قانچىنى چۈشۈرۋالىمىز . ئاندىن كىيىن دېتالنى قوزغىتىمىز . دېتال كۆرۈنىشى
دېتال قوزغالدىن كىيىن مۇرەككەپ خەنزۇتىلى نۇسخسىدا قوزغىلىدۇ .ئاساسى ئېكراندا ئۈچ دانە قىزىل رەڭلىك كۇنۇپكا بار .  بىرنچى تۈرنى ئاچساق يانفۇنىمىزغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق MIUI ئۇسلۇبلىرى كۆرۈنىدۇ . ئۆزىمىز ھەقسىزلەشتۈرمەكچى بولغان ئۇسلۇبنى تاللايمىز. ئاندىن كىيىن يەنە ئاساسى بەتكە قايتىدۇ . ئاندىن ئۈچىنچى كۇنۇپكىنى باسىمىز . (ئىككىنچى كۇنۇپكىنىڭ نىمە رولى بارلىقىنى بىلمىدىم ، باسسام ھۆججەت باشقۇرغۇچقا كىرىۋاتىدۇ . بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلمىدىم ، ھەم بۇ تۈرنىڭ ھەقسىزلەشتۈرۈشكە تەسىرى بومىغاچقا بەك ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىپ باقمىدىم ) بۇ يەردە يەنە بىرمۇنچە كۇنۇپكىلار بار ، قارايدىغان بولساق بۇيەردىكى كۇنۇپكىلار ئارقىلىق ئۇسلۇپنىڭ تەگلىك ، سىنبەلگىلىرىنىمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . لىكىن مەن بۇ يەردە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسنى ئۇسلۇبقا قوشۇۋىتەي دىسەم پەقەت ئېنگىلىزچە خەت نۇسخىلىرلا ئۈنۈملۈك بولىدىكەن ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى گەرچە تاللىنىپ كىينكى قەدەمگە نورمال ئۆتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇسلۇب قوزغىتىلغاندا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۇرۇۋىرىدىكەن ، يەنە باشقا تۈرلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغانلار ئۆزۈڭلار سىناپ بېقىڭلار ، بىز يەنىلا ھەقسىزلەشتۈرۈشكە قايتساق ، بۇ بىر مۇنچە كۇنۇپكىلار بار كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى 下一步 كۇنۇپكىسىنى باسساق ئۆزگەرتكەندىن كىينكى ئۇسلۇبنىڭ نامىنى يېڭىدىن قۇيۇش ياكى بۇرۇنقىسىنى ئىشلىتىشنى تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ ، خالىساق بۇ كۆزنەكنى ئۆزگەتسەك بولىدۇ . ئۆزگەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۆزگەرتمىسىڭىز  يانفۇننىڭ ئۇسلۇپ رايۇنىدا ئوخشاش ئىسىمدىكى ھەم ئوخشاش رەسىمدىكى ئۇسلۇبتىن ئىككىسى كۆرۈنۈپ قالىدۇ ، ئۈستىدىكىسى ھەقسىزلەشتۈرۈلگىنى ، ئاستىدىكى بولسا ئەسلىدىكى ھەقلىق ئۇسلۇب ، ئەگەر ئىسمنىى ئۆزگەرتسىڭىز ئۇسلۇب رەسىمى ھەقلىق ئۇسلۇبقا ئوخشاش كۆرۈنگەن بىلەن ئىىسمىدا سىز قويغان ئىسىم كۆرۈنىدۇ ،ئايرىش قولايلىق . ئىسىمنى قويۇپ بولغاندىن كىيىن 完成  نى باسسىڭىز ئۇسلۇپ ھەقسىزلەشتۈرلۈپ ئۇسلۇپ رايۇنىغا قوشۇلىدۇ . يانفۇننىڭ ئۇسلۇپ رايۇنىغا كىرىپ 本地 دىن ھەقسىزلەشتۈرۈلگەن ئۇسلۇبنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز ، ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇشمۇ چىقمايدۇ . ھەم تاللىغان ئۇسلۇبىڭىز يانفۇننى قايتا قوزغاتسىڭىزمۇ ياكى قانچە ئۇزۇن ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ . ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىر قانچە ئۇسلۇبنى ھەقسىزلەشتۈرۈپ خالىغاندا تاللاپ ، ئىشلتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ .
ئەسكەرتىش : ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئۇسلۇبنى زىيادە ياقتۇرۇپ ، ئۇنى ئىزچىل ئىشلىتىشنى ئويلىغان بولسىڭىز ، يەنىلا ئەسلى نۇسخىىسىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىڭ ،   باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە قىلغان ھۆرمىتىڭىز بولۇپ قالا ،
تېما مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئىملا خاتالىقىدىن خالى بولالمىدىم ، ئەپۇ قلاسىلە  ، يەنە رەسىملەرنى چىقىرىشنى بىلمەيدىكەنمەن ، شۇڭا تەييار قىلغان رەسىملەرنى تىما ئارىسىغا قىستۇرالمىدىم . لىكىن رەسىم بولمىسىمۇ دېتالنى چۈشۈرۋالسىڭىزلا ئىشلىتىش قىيىن ئەمەس ،
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش7ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن4قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

45ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
RRR-3 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ياخشى ھۈنەردىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز ، شىياۋمى يانفونى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تورداشلار ئەمدى يېڭى يېڭى ئۇسلۇپلارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتەلەيدىغان بوپتۇدە ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت …
گىلەم
hakisa ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
مەن ئۈچۈنلا يوللاپسىز  ھەقلىق ئۇسلۇپلاردىن بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن  ئۇسلۇپ بازىرىغا قارىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئاخسا ئۇسلۇپلا ئادەمنىڭ ئىچىنى قىززارتىپ تۇرغان ھەممىسىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئورنى يوقتە  تىما ئىگىسى ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز رەھمەت
ئورۇندۇق
于于于于于 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
يارايسىز قېرىندىشىم ياخشىى ئۇسۇل كەن
5-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
راستىنى ئىيتسام 小米 تىلفۇنلېرىنىڭ بىر يېرى سۈپەتسىز ، ساختا تىلفۇنلاردەك كۆرۈنەتتى، كىيىن نىمە ئۈچۈنلۈكىنى بايقىسام ئەسلى ئەپ ئايكۈنلېرى بەك يوغان، ئالدى تەرەپ ئېكران ئەتراپى ئاق رەڭدە .  تېما ئىگىسىگە رەھمەت. ئاخىرى كىچىكرەك ئايكۇنلۇق ئۇسلۇبقا ئالماشتۇرۋالدىم.
6-قەۋەت
mawlanbodak ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
MIUI 主题编辑器手机版قەيەردىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ
7-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
ئىككىنچى كونۇپكىنىڭ ئىقتىدارى بولسا ئۆزگەرتىلگەن سىرتتىن چۈشۈرگەن ئۇسلۇبلارنى تاللاپ بېرىمىز.ئاندىن ئۈچىنچى كۇنۇپكىنى باسساق بولىدۇقاچىلىنىدۇ.
8-قەۋەت
浪漫小子 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلىمەپسىلەغو
9-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
دوستلىرىڭىزدا ، شىيامى ھەقلىق پىنيىن  فونتلىرى بولسا.ئايرىپ ئېلىپ ئىككىنچى كونىپكىدا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار ، ھەقلىق فونتلارمۇ قاچىلىنىدۇ.
10-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
دوستلار تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى.مېنىڭ خوڭ مى  بىر تېلېفونۇم ئىدى ، ئاخشام يېڭىلاش ئۈچۈن كېلىپتىكەن ، يېڭىلىغان ئىدىم.miui9غا يىڭىلاندى،تېز يەتكۈزۈش ئىشىكىنى تاپالمىدىم ، قەيەردىن ئېچىلىدۇ.
11-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-9-9 10:28  

ھەقلىق فونتلارنىمۇ قاچىلىيالايسىز.

Screenshot_2017-09-09-08-27-04-872_com.miui.home.png(1.02 MB, چۈشۈرۈش سانى: 58)

Screenshot_2017-09-09-08-27-04-872_com.miui.home.png

Screenshot_2017-09-09-08-10-41-904_com.android.updater.png(105.91 KB, چۈشۈرۈش سانى: 15)

Screenshot_2017-09-09-08-10-41-904_com.android.updater.png
12-قەۋەت
0035 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
دوسلار   مەن 红米note4xتېلفۇنىمغا  mimu 9نى  قاچىلسام  بولاتتى   قاندق   قاچىلاشنى  بىلمىدىم   ،ئېچىۋېتىلگەن سېستىمىسىنى نەدىن  تاپقىلى  بولىدۇ

باھا سۆز

http://www.miui.com/download-326.html  ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
13-قەۋەت
dilkax125 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
qaq يوللىغان ۋاقتى  2017-9-9 09:43
دوستلىرىڭىزدا ، شىيامى ھەقلىق پىنيىن  فونتلىرى بولسا.ئ ...

قايسىڭلاردا ھەقلىق پىنيىن فونتى بار  ، ئالىپ توىرىدىن چۈشۈرگەن پىنيىن فونتىنى 小米 يانفۇنلارغا قاچىلىغىلى بولمايدىكەن . 小米  ئۇسلۇب بازىرىدىن چۈشۈرۋالغان پىنيىن فونتى بارلار بولۇپ قالسا تەمىنلەپ بەرساڭلار بوپتىكەن
14-قەۋەت
dilkax125 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
MIUI 主题编辑器手机版
نى بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ
https://share.weiyun.com/87abdee7894854b1943cf0c88f881b16
چۈشۈرگەندىن كىيىن ئىچىدىن بىر دانە ئەپ ۋە يەنە بىر Android  نامدىكى ھۆججەت قىسقۇچ بار  ، ئەپنى قاچىلايسىز . ئاۋۇ ھۆججەت قىسقۇچنى يانفۇنىڭىزنىڭ باش مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ قويۇپ ، ئاندىن ئەپنى قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . ھۆججەت قىسقۇچنى كۆچۈرۈش جەريانىدا بۇ ھۆججەت ئەسلىدە بار دىگەندەك مەزمۇندا ئەسكەرتىش چىقىدۇ . بۇنىڭدا چوقۇم ئۈستىگە كۆچۈرۈرىمەننى تاللىشىڭىز كېرەك .

باھا سۆز

سىز دېگەندەك قىلغان ،下载失败,因为无法找到资源دەپ قاراپ تۇرىدۇ...  ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
15-قەۋەت
kokbora0999 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
qaq يوللىغان ۋاقتى  2017-9-9 09:56
دوستلار تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى.مېنىڭ خوڭ مى   ...

ئاپامغا توردىن خوڭمى ئىككى ئالغانتىم ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوقكەن،ئەڭ يېڭى مي9غا كۆتۇرسەممۇ يوق
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى