- جۇغلانما
- 1734
UID65451 تىزىملاتقان2016-7-14 ئاخىرقى قېتىم2017-5-11 توردا131 سائەت
| ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداش، ئالدى بىلەن ئەپنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باققىنىڭىزغا رەھمەت، سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغانلىرىڭىز توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆزلەپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈم. 1. باشقىلارنىكىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۆزۈم ياسىدىم دەپسىز دىگىنىڭىزگە قارتا دەيدىغىنىم، ئەگەر سىز مىنى تۇنىغان بولسىڭىز ياكى مىنىڭ نىمىش قىلىدىغىنىمنى بىلگەن بولسىڭىز خەقنىڭكىنى تەرجىمە قىلىپسىز دىگىنىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭمۇ كۈلگىسى كېلىپ قالاتتى، مەن ئادەتتە ئۇيغۇرچە ئەپلەر بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغان، ئادەتتە خەنزۇچە ياكى ئېنگىكىسچە پروگراممىلارنى تۈزەتتىم، بەلكىم بىلەرسىزكىن www.github.com،http://stackoverflow.com قاتارلىق ئېنگىلىسچە تور بېكەتلەردە ھەمدە csdn, cnblog قاتارلىق خەنزۇچە پروگراممىرلار توربېكەتلىرىدە مەن دائىم بار، ئاز بولمىغان ھەقسىز پروگراممىلارنى يىزىپ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشغا سۇنغان ئىدىم، كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۇ تور بېكەتلەرگە قەدىمىڭىز يىتىپ قالسا ئۇچۇرىشىپ قېلىشىمىزمۇ مۇنكىن، شۇڭا ماڭا نىسپەتەن خەقنىڭكىنى تەرجىمە قىلىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى خالاس... 2. جاۋا توغرىلىق تور بېكەت تەمىنلەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەگەر ياردىمىم كېرەك بولسا دىسىڭىز سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ نوچى توربېكەتتىن بىرقانچىنى دەپ بېرەي ، پايدىلىناسىز. 3. ئىملا خاتالىقىغا كەلسەك، مىنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئىملايىم راسلا دىگەندەك ياخشى ئەمەس، بۇنى مىنىڭ ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتىپىمدىن سۈرۈشتۈرۈپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ، ھازىر بېكار بولساملا ئۇيغۇرتىلىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمەن. 4. ئەپنى يىشىۋەتكىنىڭىزگە قارىتا، ئەپنى يىشىشنى ئازىراقلا ساۋادى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى قىلالايدۇ، بۇ يېڭىلىق ئەمەس، بىز ئادەتتە تەجىرىبەخانىمىزدا ئەپ يىزىپ قالساق java بىلەن ئەمەس c++ ndk jni بىلەن يازىمىز، بۇنداق ئەپنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق يىزىپ قويسام ئەپنى يىشىمەن دەپ ئولتۇرۇپ قېرىپ كىتىشىڭىزمۇ مۇنكىن، ئەمما مۇنداق يىزىلغان ئەپ ئۇيغۇرچىنى ياخشى قوللىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بەك ئەزۋەيلەپ باشقىلار كۆرىۋالمىسۇن ئەسلى كودىنى دەپ تورۋالمىدىم، كۆرسە شۇ ئۇيغۇر باللار كۆرە، ئېلىپ ئايدىلانسا يامان ئىش ئەمەس. ئەپنى يىشىپ مۇلازىمىر ئادرىسىنى بىلىۋېلىپ، قالايمىقان ئىشلىتىپ مۇلازىمىرنى قاتۇرۋەتمىسۇن دەپ يادرولۇق كود قىسمىغىلا قۇلۇپ سېلىۋەتكەن، يىشىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرەسىز، سىزگە ئامەت تىلەيمەن. 5. ئەپنى ھازىرچە 30 نەچچەخىل تىل قوللايدىغان قىلىشنى ئويلىشىپ كەتمىدىم، ھازىرچە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قازاقچە قوللايدۇ، قازاقچە قىسمى پۈتمىگەن بولغاچقا ئىتىۋېتىپ تۇردۇم، سىز دىگەن 30 نەچچە تىلنىڭ ھۆججىتى 百度APP加固 مۇلازىمىتىغا سۇنۇلغاندىن كىيىن ئاپتۇماتىك قۇشۇپ قۇيۇلغان ھۆججەتلەر خالاس. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئۆزىگە ئىشىنىش ياخشى ئىش، پروگراممىرلاردا مۇشۇنداق ئىدىيە بۇلىشى كېرەك، لىكىن ئۈزىگە بەك ئىشىنىپ كېتىپ باشقىلارنى بەك چۈشۈرىۋېتىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، نىمىلا دىگەن بىلەن تاغنىڭ ئارقىسىدا يەنە تاغ بار ئەمەسمۇ، گەپلىرىم ئېشىپ كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلاسىز دوستۇم، چۈشتە تاماق يىمىگەچ كەيپىياتىم سەل بوش ۋاقتىدا كۆرۈپ قاپتىمەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى. |
|