ياخشىمۇسىلەر ئالىپداشلار ! تۈنۈگۈن تېڭشۈن ئۈندىدارنى يېڭىلىغاندىن كىيىن ، يەنى 6.1.1 نەشىرىگە يېڭىلانغاندىن كىيىن 《سەكرەش 》نامىدىكى كىچىك ئۇيۇن ھەممىمىزنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى . لىكىن دوستلار بىلەن نۇمۇر پەرقىدە بەسلىشىش ، نۇمۇر ئالماقنىڭ قىيىنلىقى ، بەلكىم بەزى ئالىپداشلارنى زىرىكتۈرۈپ قويدىغۇ دەيمەن ؟! ئەمدى ئالىپ ئۈندىدار سالونى ھەم ئالىپ تورىنى زىيارەت قىلىدىغانلار چۇقۇم بۇ ئۇيۇندا دوستلاردىن ئۈتۈپ كېتىدىغان بولدۇڭلار ! ئالپ ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋالمىغانلار تېزدىن قۇشىۋېلىڭلە! نەق گەپنى قىلاي ، بۇ ئۇيۇندا ئېكراننى بېسىپ تۇرۇپ سەكرەپ نۇمۇر ئالىدىغان ئۇيۇن ، كىيىنىكى قۇرلۇشنىڭ نەق ئوتتۇرىغا سەكرىسىڭىز ئىككى نۇمۇر قوشىدۇ ، ئۇلاپلا ئوتتۇرىغا سەكرىسىڭىز 4،6،8مۇشۇنداق نۇمۇر بېرىدۇ . بەلكىم نۇرغۇن دوستلىرىمىز نۇمۇر ئالغىلى ئالدىراپ تېز تېز بېسىپ كىيىنكى قۇرلۇشلارغا سەكرىگەن بۇلىشى مۇمكىن ، ئەمدى ئۇنداق قىلماڭ . مۇزىكا قۇتىسىنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ بىردەم ناخشا ئاڭلىسىڭىز 30نۇمۇر بېرىدۇ . دۇكاننىڭ ئۈستىگە سەكرەپ بىردەم ساقلىسىڭىز دۇكاننىڭ ئىشىكى ئېچىلىدۇـ دە 15نۇمۇر بېرىدۇ . ماۋۇ قۇراشتۇرىدىغان نەرسىنىڭ ئۈستىدە بىردەم تۇرسىڭىز 10نۇمۇر بېرىدۇ . ماۋۇ قۇدۇق قاپقىغىنىڭ ئۈستىدە بىردەم تۇرسىڭىز 5نۇمۇر بىرىلىدۇ . مىنىڭ بايقىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىكەن يەنە باشقا نۇمۇر قوشىدىغان تۈرلەرنى بايقىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىنكاس رايونىغا يېزىپ قويارسىز! تېمىنى يانفۇندا يازغانلىقىم ئۈچۈن رەسىملەر ياخشى بىرتەرەپ قىلىنمىغان بۇلىشى مۇمكىن . تەھرىرلەرنىڭ ئازراق ۋاقتىنى چىقىرىپ تەھرىرلەپ قۇيىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!
|
|