+تېما يوللاش
uybeg01يوللانغان ۋاقتى:2017-8-24 18:28 3390 قېتىم كۆرۈلدى26 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى. بۈگۈن مەن سىلەرگە يەنە شۇ تىڭشۈن داۋاڭ كارتىسى ھەققىدىكى تىمىنى ئەكەلدىم.  بۇ يازمىدا تىڭشۈن كارتىسىنىڭ ئىلگىرىكى تىمىلاردا دىيىلمىگەن ھەقىقى ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىمەن .
تىڭشۈن كارتىسى چىققىلى بىريىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن. بۇ جەرياندا بۇ كارتا ھەققىدىكى گەپلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ كارتىنىڭ ئادەمنى قىززىقتۇرىدىغىنى  «تىڭشۈن داۋاڭ كارتىسىدا ئايدا 19يۈەن تۆلەپلا تىڭشۈننىڭ بارلىق ئەپلىرىدە تورغا چىقسا ھەقسىز، ئېقىم ھېسابلىمايدۇ». شۇ سەۋەپ نۇرغۇن ئادەملەر بۇ كارتىنى بىجىردى.  بۇلۇپمۇ مۇشۇ تىڭشۈن ئۇيۇنلىرىنى كۆپ ئوينايدىغان ياكى ئۈندىدار كىيۇكىيۇنى كۆپ ئىشلىتىدىغان كىشىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەس-بەستە بۇ كارتىنى بىجىردى.  دەسلەپتە بۇ كارتىنىڭ سانى چەكلىك دەپ ئىلان قىلىنغان، لىكىن بۇ كارتىنى ھازىرمۇ نورمال بىجىرگىلى بولىدىغان بۇلۇپ تىڭشۈن فىلىم كۆرۈش دىتالىغا كىرىپ ھەقسىز ئېقىم دىگەن يەردىن بىرىجىرىشكە بولىدۇ. تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

ۋە ياكى ئۈندىدار كىچىك ئەپ رايونىغا كىرىپ ئىزدەش كۆزنىكىگە 王卡申请助手 دەپ ئىزدەش ئارقىلىق بىجىرگىلى بولىدۇ.

بۇ كارتىدا تىڭشۈن ئەپلىرىنى ئىشلەتسە راستىنلا ئېقىم ھېسابلىمامدۇ؟ شۇنداق! بۇ كارتىدا تىڭشۈن ئەپلىرىنى ئىشلەتسە ھەقىقەتەن ئېقىم ھېسابلىمايدۇ. ئەمما مۇشۇ ئەپلەردە بەلگىلەنگەن مەشخۇلاتنى قىلسىڭىز ئاندىن ئېقىم ھېسابلىمايدۇ. مەسىلەن ئۈندىداردا پاراڭلاشسىڭىز، سالون مەزمۇنلىرىنى كۆرسىڭىز، چەمبىرەك ئارلىسىڭىز... دىگەندەك ئەھۋاللاردا ئېقىم ھېسابلىمايدۇ. ئەمما بىز ئۈندىداردا ئۈندىدار سالونلىرىغا يوللانغان كىنو فىلىملەر، ناخشىلارنى ئاڭلىساق كۆرسەك، ياكى سالونلارغا باغلانغان توربەتلەرنى زىيارەت قىلساق، ۋە ياكى ئۈندىداردا ئۆزىمىز تور ئادرىسنى بېسىپ باشقا توربەتلەرنى زىيارەت قىلساق  ئېقىم ھېسابلايدىغان بۇلۇپ بۇ مەشخۇلاتتا ھەرگىز ھەقسىز ئىش يوق ئىكەن. (سىناق قىلىندى) شۇنىڭغا ئوخشاش تىڭشۈن كىنو دىتالىدا كىنو كۆرسە ھەقسىز بولغىنى بىلەن كىنو چۈشۈرسەك يەنىلا ئېقىم ھېسابلايدىكەن. تىڭشۈننىڭ كىيۇكىيۇ توركۆرگۈسىدە تورغا چىققاندا بەلگىلەنگەن توربەتكە چىقساق ھەقسىز بولغىنى بىلەن باشقا توربەتلەرگە چىقساق ئېقىم ھېسابلايدۇ. يەنە كىلىپ،  بىرنەرسىلەرنى چۈشۈرسەك، كىنو فىلىم كۆرسەك يەنىلا ھەقسىز ئەمەس بۇلۇپ ئېقىم ھېسابلايدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز بىريۈەنگە بەشيۈز مىگا ئالغان ئېقىم مىقداردىن تۇتىدىغان بۇلۇپ بىرە كىنونىڭ يېرىمىنى كۆرگۈچە بۇ ئېقىم تۈگەيدۇ دىگەن گەپ. بىز ئۈندىدار ئىشلىتىش جەريانىدا سالوندىكى كىنولارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بىرنەچچە قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ بولغۇچە ئېقىم مىقدار تۈگەپ پۇلغا مېڭىپ كىتىدۇ. بۇ كارتا پەقەت تىڭشۈن ئۇيۇنلىرىنى كۆپ ئويناپ باشقا ئەپلەرنى ئانچە ئىشلەتمەيدىغانلارغا ياكى پەقەت ئۈندىدار كىيۇكىيۇلا ئوينايدىغان كىشىگە ئەڭ ماس كىلىدۇ.
مانا ئەمدى تىڭشۈن داۋاڭ كارتىسى چەكسىز ئېقىم مۇلازىمىتىنى يولغا قۇيىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. بۇ مۇلازىمەتنى بىجىرگەندە ئەسلىدىكى كارتىنىڭ 19يۈەن ھەققىگە 50يۈەن قوشۇلۇپ ئايدا جەمى 69يۈەن تۆلەيدىغان بولىدۇ. 69يۈەنگە ئايدا چەكسىز ئېقىم ئىشلەتسەك خېلى بولىدىغان ئىشتە. لىكىن ھەرقانداق توربەت، ھەرقانداق ئەپ دىتالنى زىيارەت قىلساق، ئىشلەتسەك چەكسىز ھەقسىز ئېقىمدىن پايدىلىنالامدۇق؟ باشقا شىركەتلەرنىڭ چەكسىز ئېقىم تور كارتىللىرىغا قارىساق نەچچە يۈز يۈەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرساق ئەلۋەتتە تىڭشۈننىڭ ياخشى. ئەمما بۇ مۇلازىمەتتە يەنىلا بەلگىلەنگەن مەشخۇلاتتىلا ھەقسىز بۇلامدۇ ياكى مەيلى قانداق تورغا چىقايلى ھەقسىز بۇلامدۇ؟ بۇنى شۇ مۇلازىمەت رەسمىي يولغا قۇيۇلسا بىلىمىز.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن3قوللىمايمەنقوللىمايمەن

26ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
1728 ۋاقتى: 2017-8-24 19:40:53
مىنىڭكىدە تېڭشۇن كىنو دىتالىدا كىنو چۈشۈرسەم ئېقىم ھىسابلىمايدىغۇ
گىلەم
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-8-24 20:02:50
ئابونىتلار تاش ساناپ بولغىچە  بۇلار قۇم ساناپ بولدۇدە ئەلۋەتتە.   ئەلۋەتتە  بۇرۇنقىدىن ھەر ھالدا ياخشى ، ئىقىممۇ ئەرزانلىشىپ كەتتى.
ئورۇندۇق
0903yakup ۋاقتى: 2017-8-24 20:16:06
ھە, ئەسلى مۇنداقكەندە,مەن بېجىرىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقان,توختاپ تۇرسام بولغۇدەك, دوسلار تۇغيار دىكىلەر يوقاپ كەتتىغۇ, تېلىفۇن ئالماقچىتىم, ياكى باشقا ئىشەنچىلىك تېلىفۇن ساتىدىغانلار بولسا ئۇچۇرىنى بېرىۋېتىڭلا دوسلار
5-قەۋەت
hawasman ۋاقتى: 2017-8-24 21:23:24
1728 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-24 19:40
مىنىڭكىدە تېڭشۇن كىنو دىتالىدا كىنو چۈشۈرسەم ئېقىم ھى ...

مىنىڭكىدمۇ شۇ چۈسلشەسەم ھەق ھىساپلىمايدۇغۇ بولمىسا مەن كۈندە بىرەر جىلىق كىنو چۈشۈرۋالمەن
6-قەۋەت
delyar ۋاقتى: 2017-8-24 21:33:14
قىززىق يىرى  تېڭشۇن 视频 دىكى فىلىمنىڭ ئالدىدا چىقىدىغان ئېلانمۇ ھەقسىز ئەمەس،  
7-قەۋەت
978832 ۋاقتى: 2017-8-24 22:00:51
تېڭشۈن كىنو كۆرگۈسىدە ئۇيغۇرچە كىنو يوقمۇ ؟ بالىلار؟ بار بولسا كۆرۈشنى دەپ بېرىڭلار.
8-قەۋەت
axigim ۋاقتى: 2017-8-24 22:04:51
مەن بۇ كارتىدىن قەتئى رازى بۇلمىدۇم، تۇر سۇرتى 3g شۇنداق ئاستا  ئۇندىداردىكى   بىرەر كىچىك سىنى چىكىپ قۇيسام بەزىدە تۇر يۇق دەپ قۇيۇلمايدۇ   مۇشۇ تۇر سۇرتى مېنى  رازى قىلمىدى مۇشۇ خەق
9-قەۋەت
uybeg01 ۋاقتى: 2017-8-24 22:04:57
hawasman يوللىغان ۋاقتى  2017-8-24 21:23
مىنىڭكىدمۇ شۇ چۈسلشەسەم ھەق ھىساپلىمايدۇغۇ بولمىسا م ...

سىلەنىڭ قانداق كارتا ئۇنى بىلمىدىم. مىنىڭكىدە كىنو كۆرگەندە ھەقسىز ئېقىمنى تاللاپ تۇرۇپ كۆرىمىز. كىنو چۈشۈرسەم چۈشۈرگەندىمۇ ھەق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
تىڭشۈن فىلىم دىتالىدا كىنو كۆرۈشلا ھەقسىز بۇلۇپ . كىنو ئىزدەش ياكى كىنولارنى ئارىلاش ئىنكاس يېزىش دىگەندەك ئىشقىلىپ كىنو كۆرۈشتىن باشقا ھەممە ئىشتا ئېقىم ھېسابلايدۇ. پەقەت كىنو كۆرگەندە ئېقىم ھېسابلىمايدۇ
10-قەۋەت
rewayat353 ۋاقتى: 2017-8-24 22:09:56
تېڭشۈن كىنو دېتالىدا كىنو كۆرگەندە  مەنبەسى باشقا توردىن ئۇلانما قىلغان فىلىملەرنى كۆرسە چۈشۈرسە  ئېقىم ھىساپلايدۇ ، ئېقىم ھىساپلىسا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىدۇ .  تېڭشۈننىڭ ئۆزىدە بار فىلىم بولسا ئېقىم ھىساپلىمايدۇ ھەم ئۈستىدە بىرلەشمىنىڭ بەلگىسى چىقىدۇ .
11-قەۋەت
ئۈمىد ۋاقتى: 2017-8-24 23:41:28
داۋاڭ كارتىسنىڭ تورىدا  تېڭشۈن ئويۇنلىرنى ئوينىساق شۇ ئويۇندىمۇ تېڭشۈن فىلىم قويغۇچىسىدا ئاكتىپلىغاندەك ئاكتىپلامدۇق ياكى تىڭشۈن فىلىم قويغۇچىسىدا ئاكتىپلاپ قويساق شۇ ئويۇندىمۇ ھەقسىز توردا  ئىشلەۋىرەمدۇ
12-قەۋەت
arslanhan ۋاقتى: 2017-8-25 00:00:33
تېلگىرافنىڭ ئايلىقى 9 يۈەنلىك 优酷 كارتىسى بىجىرەي دىگەنتىم ،لېكىن بۇكارتىنىڭ مەن تۇرۇشلۇق رايوننىڭ نۇمىرى تۈگەپتۇ ،ئەگەر ئۈرۈمچى دىگەندەك باشقا رايوننى تاللاپ كارتا بىجىرسەم ئۆز رايونىمدا ئاچقۇزغىلى بولامدۇ ،كۆپچىلىك بىر مەسلىھەت بىرىۋەتكەن بولساڭلار،بەك كۈزۈم چۈشكەن بۇ كارتىغا
13-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2017-8-25 00:05:55
0903yakup يوللىغان ۋاقتى  2017-8-24 20:16
ھە, ئەسلى مۇنداقكەندە,مەن بېجىرىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشى ...

ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى  tugyar   يېڭى ئۈندىدار نۇمۇرى ئوخشايدۇ ، مەنمۇ يامان تەتە تېپىپ قاچىلىدىم

14-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 2017-8-25 01:55:14
مەنمۇ يېڭى چىققان ۋاقتىتا توردىن زاكاس قىلغان ئىدىم،مۇنبەردىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئالمىدىم،ھازىرمۇ ياتدۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتدە 19يۈەن قەرزى بىلەن،
15-قەۋەت
1933315008 ۋاقتى: 2017-8-25 10:54:24
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2017-8-25 01:55
مەنمۇ يېڭى چىققان ۋاقتىتا توردىن زاكاس قىلغان ئىدىم،م ...

ئىلتىماس قىلىپ بۇلۇپ بىجىرمىسىڭىز يىگىرمە نەچچە كۈندە ۋازكەچتى دەپ قاراپ بىكار بۇلۇپ كېتىدۇ، قەرىز بىلەن ياتىدىغان ئىش يوق!
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى