- جۇغلانما
- 1316
UID59832 تىزىملاتقان2015-11-28 ئاخىرقى قېتىم2018-1-8 توردا345 سائەت
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvllinayli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-5-4 01:58
sewdaye يوللىغان ۋاقتى 2017-5-2 10:46 مەنچە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ھەرىپ پارچىلاش ئەمەلگە ...
سۆزلەرنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىشلېتىش ئىھتىمالى بولغانكى سۆزلەرنىڭ بارىنى ئامبارغا قوشۇش كېرەك. بىز ئەڭ كۆپ ئىشلېتىمىز دېگەن سۆزنى يىغقاندىمۇ بەش ئالتە مىڭچە سۆزلۈك چىقىدۇ. لېكىن مۇشۇ سۆزلەر لۇغەت شەكلىدىكىدەكلا قوللىنىلمايدۇ، بۇ سۆزلەرگە ھەرخىل قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ بۇنىڭ بىلەن بۇ تۇراقلىق دەپ ھېسابلىغان سۆز سانىغا قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ ئۆزىنى بىر قاتلىشى مۇمكىن. بىز لۇغەتتىن «باشلىنىش» دېگەن خەتنى تاپالىشىمىز مۇمكىن، لېكىن لۇغەتتىن «باشلايلى» دېگەننى تاپالامدۇق؟ ياق، تاپالمايمىز. پەقەت «باشلاش، باشلا» دېگەنلەرنى تاپالايمىز، ئارقىسىدىكى قوشۇمچىلارنىمۇ قوشۇشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز توختىماستىن يېڭى سۆز قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن، بۇ جەرياندا لۇغەتتە يوق ھەم سۆز ياساش قائىدىمىزگە خىلاپ سۆزلەرمۇ پەيدا بولىدۇ. ئۇ ھالدا بۇنداق سۆزلەرنى ئاپپاراتقا تەڭلىسەك-پەرق ئېتەلمىدىم!- دېسە بۇنىڭدا قانداق بولىدۇ؟ شۇڭا «ھەرپنىڭ بارلىق شەكىللىرى» نى قوشساق ئامبار يېڭىلايمەن دەپ ئاۋارە بولمايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سۆز مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن پەقەت ئۇيغۇرچە ھەرپكە ئوخشىسىلا ئۇنىڭ تەسۋېرىنى پەرق ئېتىپ ئەسلىدىكى ھەرپكە تەقلىدلىيەلەيدۇ. شۇڭا بۇ ocr دېگەن نەرسىنىڭ ئامبىرىغا سۆز قوشۇپ تونۇتۇش دېگەننى ئويلىساق بولمايدۇ، سۆز توختىماي ئاۋۇپ تۇرىدۇ. [بىز نېمىشقا چەكلىك ئىشتىن چەكسىز ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان يولنى تاللىماي، ئەكىسچە چەكسىز ئىشتىن چەكلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان يولنى تاللىغۇدەكمىز؟ شۇنداققۇ؟] |
|