+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتاليوللانغان ۋاقتى:2018-1-3 20:51 3388 قېتىم كۆرۈلدى13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-3 22:34  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

2017.يىلى 12. ئاينىڭ 28. كۈنىدىكى ئۈندىدارنىڭ 6.6.1  يېڭىلىنىشىدا ئۈندىدارغا ئىسمى tiao yi tiao ئىسىملىك بىر ئۈندىدار كىچىك پروگراممىسى شەكلىدىكى ئويۇن قوشۇلدى

يەنى بۇ ئويۇن،



ئىشىنىمەنكى بۇ ئويۇننى دوسلىرىمىز چوقۇم ياقتۇرۇپ ئويناۋاتقان بولىشى مۇمكىن،

توساتتىن ماۋۇ ئويۇننى ئاپتوماتىك ئوينايدىغان باشقا پروگراممىرلار يازغان بىر پروگراممىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، 2-3 كۈن ئىچىدىلا تىڭشۈن ئاۋۇ ئويۇننى چىقىرىپ بولغۇچە دەرھال ئوينايدىغان پروگراممىسىنى يىزىپ بولىدىغان گەپ  ئەمما يامان ئەدەملەدە بۇ پروگراممىرلار...
شۇنىڭ بىلەن پروگراممىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىززىقارلىق بىلىنىپ كومپىيۇتېرىمغا چۈشۈرۈپ مۇھىت ھازىرلاپ سىناپ باققانمۇ بولدۇم،

باشقىلار ئويۇننى قولىدا ئوينىسا بىز پروگراممىرلار ئويۇن ئوينايدىغان پروگرامما تۈزۈپ ئويۇننى پروگرامما ئارقىلىق ئوينايدىغان خەقكەنمىز
تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىمەن،
ئەگەر قىلالىسىڭىز سىزمۇ چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرىڭىزدا يۈرگۈزۈپ باشقىلارغا كۆز كۆز قىلسىڭىز بولىدۇ ھى ھى ھى
دەپ قوياي، سىزدە چوقۇم پروگراممىرلىقتىن ساۋاد بولىشى كىرەك، نۇرمال يۈرگۈزۈش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقىسىز، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشىڭىز كىرەك، ھەم بۇ يازمىنىڭ مەقسىدىمۇ ئاساسەن پروگراممىرلارغا قارىتىلغان،
ئەگەر ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز سەل كۈچىشىڭىزگە توغرا كىلىپ قالىدۇ، بولمىسا ئاستىدىكى سىننى كۆرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ئۈنۈم فىلىمىنى كۆرۈپ باقايلى










ئەمدى بىز باشلاپ كىتەيلى،

ئاۋال كىتەرلىك مۇھىت ۋە قۇراللار توغۇرلۇق ئازراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋالايلى،
بۇ پروگرامما Python 2 ۋە Python 3 دىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەشىردە يىزىلغان، يەنى Python پروگرامما تىلى ئارقىلىق يىزىپ چىقىلغان،
بۇ پروگراممىنىڭ پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە:
1. Android Debug Bridge يەنى ADB بۇيرۇقى ئارقىلىق كومپىيۇتېردىكى پروگرامما تېلېفوننىڭ ئېكرانىنى سۈرەتكە تۇتۇپ كومپىيۇتېرغا ADB PULL ئارقىلىق چىقىرىۋالىدۇ
2. چىقىرىۋىلىنغان ئويۇننىڭ كەسمە سۈرىتىنى OpenCV, PIL قاتارلىق ئامبارلار ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ ئويۇننىڭ ئىچىدىكى جىسىملەرنى پەرىقلەندۈرۈپ سەكرەپ بارماقچى بولغان نىشان نەرسە بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىلىقىغا ئىرىشىدۇ
3. بۇ ئارىلىقنى ھىساپلاش ئارقىلىق ئېكران قانچە مىللىي سىكۇنىت بىسىلسا سەكرەيدىغان ئۇرۇق ئاشۇ جىسىمنىڭ ئۈستىگە دەل چۈشىدىغىنىنى ھىساپلاش ئىلىپ بارىدۇ
4.  ئېكراننىڭ ئۆلچەملىك بىسىلىپ تۇرۇش ۋاقتىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئۇنى يەنە ADB Input Swipe بۇيرۇقى ئارقىلىق تېلېفونغا ئەۋەتىپ تېلېفوندا ئېكراننى ئۇزاق بىسىپ تۇرغاندىكى ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىدۇ (مەۋھۇم ھالەتتە)
5. كومپىيۇتېردىن كەلگەن ئېكراننى بىسىپ تۇرۇش ADB بۇيرۇقى تېلېفوندا ئىجرا بولۇپ كومپىيۇتېردىن كەلگەن بويىچە ئېكران تەقلىدي ھالەتتە بىسىپ تۇرۇلۇپ قويۋىتىلىدۇ، نەتىجىدە بۇلار ئىنچىكە ھىساپلاش ئارقىلىق كىلىپ چىققان نەتىجە بولغاچقا خاتالىق پەرقى ئىنتايىن كىچىك ھالەتتە بولىدۇ،

مىنىڭ نۆۋەتتىكى مەشغۇلات سىستېمام Linux Deepin 15.5

بىز يۇقارقى پىرىنسىپقا ئاساسەن كىتەرلىك نەرسىلەرنى تەييارلىۋالايلى،
1. Windows, Linux, Mac os X سىستېمىلىق بىر دانە كومپىيۇتېر (خالىغان بىرى بولسا بولىدۇ، ئەمما مىنىڭ سىستېمام Linux بولغاچ نۆۋەتتە مۇشۇنى مىسال قىلىپ سۆزلەيمەن، Windows  ۋە Mac ئىشلەتكۈچىلەر ئىزدىنىپ باقساڭلار بولىدۇ، بەك كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ)
2. كومپىيۇتېرىڭىزغا Python2 قاچىلانغان بولىشى كىرەك، Python3 نەشىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز كىتەرلىك قوشۇمچە ئامبارلارنىڭ Python3 نەشىرىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ، بۇ سەل ئاۋارچىلىق ئىش بولغاچ ھەم Linux قا Python2 سۈكۈتتە قاچىلاقلىق بولىدىغان بولغاچ مەن بىۋاستە Python2 نى ئىشلىتىۋەردىم، ئەمدى Windows ۋە Mac ئىشلەتكۈچىلىرى python.org دىن python نىڭ مۇناسىپ نەشىرىدىكى ماتورىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ
3. Python pip قاچىلانغان بولىشى كىرەك، بۇ ئەڭ ئالدىنقى شەرىت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، چۈنكى ماۋۇ پروگراممىنىڭ قوشۇمچە تايىنىدىغان ئامبارلىرىنى پۈتۈنلەي pip بىلەن چۈشۈرىسىز، pip بولسا python نىڭ package manager پروگراممىسى، يەنى Node.JS دىكى NPM, PHP دىكى Bower ھەم .Net دىكى Nuget, جاۋا Java دىكى Maven, Gradle لارغا ئوخشاش يۇمشاق دېتال،
Linux مەشغۇلات سىستېمىدا بولسىڭىز سىستېمىڭىز deebian, ubuntu ئائىلىسىگە تەۋە بولسا apt-get ئارقىلىق قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ، يەنى apt-get install python-pip ئارقىلىق قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، باشقا نەشىردىكى سىستېما بولسا مۇناسىپ بۇيرۇقلار ئارقىلىق قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ،
3. gitee.com دىن ئەسلى كودىنى چۈشۈرىۋىلىڭ،  بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادېرسى https://gitee.com/TF-boy/WeiXinTiaoYiTiao_python
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:
4. بىر دانە Android سىستېمىلىق مۇشۇ ئويۇننى نۇرمال ئوينىغىلى بولىدىغان تېلېفون،
5. Android debug bridge يەنى adb پروگراممىسى، ئەگەر linux بولسىڭىز apt-get install adb ئەگەر Windows, MAc بولسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللار بىلەن قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.








باشلاپ كەتتۇق.

چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىيىۋىلىپ شۇ مۇندەرىجىنى تىرمىنال بىلەن ئىچىۋىلىڭ



ئاندىن pip install -r requiments.txt بۇيرۇقى ئارقىلىق قوشۇمچە كىتەرلىك ئامبارلارنى قاچىلاڭ، بۇ پروگرمما pil, opencv for python, python-tk... قاتارلىق قوشۇمچە ئامبارلارنى ئىشلەتكەن، شۇڭىلاشقا پروگرامما يۈرگۈزۈلۈش جەريانىدا بۇ ئامبارلارغا تايىنىدۇ، بىز مۇشۇ بۇيرۇق ئارقىلىق مۇشۇ پروگرامما تايىنىدىغان ئامبارلارنى قاچىلىۋالساق بولىدۇ،



يۇقارقىلارنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن تېلېفوندا ئويۇننى ئىچىپ باشلاپ قويۇپلا تېلېفوننى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ كومپىيۇتېردا تىرمىنالدا python wechat_jump_auto.py نى يۈرگۈزۈپ باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ (ئەسكەرتىش، ئىجادىيەتچىلەر تەڭشىكى چوقۇم ئوچۇق بولىشى ھەم كومپىيۇتېرنىڭ تېلېفونىڭىزنى ADB بىلەن زىيارەت قىلىشقا ھوقوق بىرىلگەن بولىشى كىرەك،)



tk ئامبىرىنى تاپالمىغانلىق خاتالىقى چىقىۋالسا apt-get install python-tk
قالغىنىغا قايسى ئامبارنى تاپالمىغىنىغا قاراپ ماس ھالدا شۇ ئامبارنى قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ،

باشقا ياردەم كىرەك بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ

ئەسكەرتىش:
يازمىنى سالونغا كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ بۇ يازما ئالىپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا مۇنبىرىگە تەۋە.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن2قوللىمايمەنقوللىمايمەن
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
arwahjan ۋاقتى: 2018-1-3 21:53:25
ۋاھ مانا ماۋۇ خەۋەرنى سالونلاردىن كۆرگىلى خېلى بولغان  لىكىن سىناپ مەغلۇپ بولغانتىم  بىر يەرلىرىنى چۈشنىپ بولالماي
ما مەسىلەم ئەمدى ھەل بولىدىغاندەك تۇرىدۇ
گىلەم
تەنھا530 ۋاقتى: 2018-1-4 01:00:05
قاپ ئوتتۇرىغا سەكرىسە كۆپ نۇمۇر بىرىدىكەن بۇ ئۇيۇندا
ئورۇندۇق
13279734474 ۋاقتى: 2018-1-4 02:24:37
تىچلىقمۇ دوسلار بۇ ئويۇننى كومپىيۇتىر يوق ھالەتتىمۇ تىلفۇندىلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ ،،
تىلفۇنىڭىزغا ئاۋال 红手指  مەۋھۇم تىلفۇن دىن  بىرنى  قۇرۋالىسىز ،،،مەۋھۇم تىلفۇن  قۇرۋالغاندىن كىيىن   مەۋھۇم تىلفۇنغا تىزىملىتىپ  مەۋھۇم تىلفۇننىڭ ئۆزىنىڭ ئەپ بازىردىن  ئۈندىدار بىلەن  سەكرەش ئويۇنى ياردەمچى دىتالى  黑松鼠 دىتالىنى چۈشۈرۈپ  يىراق سەكرەش ئارلىقىنى  تەڭشەپ  مەھۋۇم تىلفۇندا ئويۇننى  قوزغىتىپ قويسىڭىز  ئىش تامام ،،،سىز  ئىشلىرىڭىزنى تۈگىتىپ  بولغۇچە  بىرە مىڭ  نۇمۇرنى  سەكرەپ بولىدۇ  ئۆزى  

تىلفۇندا  بەزى گەپلىرىم  قولاشمىدى  شۇنداقتىمۇ  يېڭى كىرىپلا  ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم
تىلفۇندا  رەسىم  يوللىيالمىدىم   بولمىسا  ئىسپاتنى يوللاكەنمەن  مۇشۇ  ئىنكاسنى  يىزىپ  بولغۇچە  460 نى  سەكرەپتۇ

چۈشەنمىگەنلەر  qq     1370868514

ئۈندىدار      m383873


قوشۇپ  ئالاقىلاشسىڭىز  تەپسىلى  چۈشەندۈرۈپ قويىمەن
5-قەۋەت
ھەسەنج ۋاقتى: 2018-1-4 11:49:51
تېما ئىگىسى ئېغىر كۆرمىسىڭىز مۇشۇ mac سېستىما قاچىلاشنى تېما قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز بىزمۇ پايدىلانغان بولساق مەن بەك ياقتۇراتتىم mac سېستىمىسىنى يوللىغان بولسىڭز مۇنبەرگە چۈشەندۈرۈلىشىنى
6-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2018-1-4 12:40:56
گەرچە مەن بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغان بولساممۇ پروگرامما تۈزۈشكە دەششەت قىززىقىمەن، ماۋۇ تېمىدىن يانفۇننى كومپىيوتىردا كونتىرول قىلىشنىڭ پىرىنسىپىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم
7-قەۋەت
ھۇجۇمچى ۋاقتى: 2018-1-4 18:33:51
تىما ئىگىسى بولسا ئۇنىدىدار ياكى چ چ نومىرىڭىزىنى قالىدۇرىسىڭىز بوپىتىكەن يارىدەم كىرەك بوپ قالىدى مىنىڭ چ چ نومۇرىمنى قوشىسىڭىز مۇ مەيىلىتى
چ چ :771185248
8-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: 2018-1-4 20:25:21
ئەمما  يامان  ئادەملەردە   بۇ پىراگىراممىرلار .داۋاملىق تىرىشىڭلار.
9-قەۋەت
RuZi/520 ۋاقتى: 2018-1-4 21:08:34
ۋۇييۇ ما باللىغا قول قويدۇم...يارايسىلە ھېي..
10-قەۋەت
???tanha!!! ۋاقتى: 2018-1-4 22:40:19
تىما ئىگىسى مۇشۇ Linuxنى قانداق قاچىلايمىز شۇنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭىز ،ياكى ئالاقىقلشش نۇمۇرىڭىزنى بولسىمۇ قالدۇرسىڭىز .
11-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2018-1-4 23:56:39
مەن سىنىسام مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى . ئەگەر بولماي قالسا تىلفۇننىڭ 开发者选项 غا كىرىپ 模拟点击  نى ئېچىۋەتسىڭىز بولىدىكەن .
12-قەۋەت
muhter23 ۋاقتى: 2018-1-5 22:21:09
سىستېمىڭىزنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى بەك ياقتۇردۇم بەك چىرايلىقكەن
13-قەۋەت
renat0999 ۋاقتى: 2018-1-6 20:00:22
13279734474 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-4 02:24
تىچلىقمۇ دوسلار بۇ ئويۇننى كومپىيۇتىر يوق ھالەتتىمۇ ت ...

مەن سىنىغان ئىدىم  لىكىن  ئارلىقنى قانداق تەڭشەيدىكەن  بىلەلمىدىم  ياردەم قىلغان بۇلسىڭىز
14-قەۋەت
流浪汉 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
قالتىسكىنسىلە جۇما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى