ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ, ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ, ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ؟ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ, ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻙ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺮﻭﮔﯧﺴﺘﯩﻦ ﮬﻮﺭﻣﻮﻧﻰ ﺗﯧﺮﻩ ﻳﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﭘﺮﻭﮔﯧﺴﺘﯩﻦ ﮬﻮﺭﻣﻮﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ, ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺮﻩ ﻳﯧﻐﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﯩﭗ, ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻙ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ, ﺟﺎﺭﺍﮬﻪﺕ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺮﯨﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻣﯩﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﯨﻤﺪﺍ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ, ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﺷﺴﺎ, ﺗﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ, ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﺷﺴﺎ ﺟﺎﺭﺍﮬﻪﺕ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ, ﺑﯘﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ. ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ, ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ, ﮬﻮﺭﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﻧﺴﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ, ﺭﻩﯕﮕﺮﻭﻳﻰ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ. ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﯨﻤﯩﺪﺍ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺟﯩﮕﻪﺭ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺴﻪ, ﺟﯩﮕﻪﺭ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ, ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﮬﻪﻳﺰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ, ﺭﻩﯕﮕﯩﺮﻭﻳﻰ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.
|