بىزنىڭ پىروگىراممىمىزدا تېكىست رامكىللىرىغا(TextBox) ياش قىممىتىنى، پۇل قىممىتىنى ۋە ياكى كىملىك قىممىتىگە ئوخشاش ئالاھىدە قىممەتلەرنى كىرگۈزىدىغان يەرلەر بولىدۇ. ئەگەر بۇ يەرلەرگە ماس كەلمەيدىغان ھەرپ-بەلگىلەر ئارلىشىپ قالسا ساندانغا ساقلىغاندا ياكى بىرتەرەپ قىلغاندا خاتالىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش دائىرىسىنى چەكلەپ بېرىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندە بىز پۈتۈن سان، پارچە سان ۋە كىملىكنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ ئۆتىمىز. ئەمەلىيەتتە ماسكىلانغان تېكىست رامكىسى(MaskedTextBox) ئارقىلىقمۇ بۇ ئۈنۈملەرگە ئېرىشكىلى بولسىمۇ لىكىن يەنىلا بەزى كەمچىلىكلەر بار. مەسىلەن: گەرچە سانلا كىرگۈزگىلى بولىدىغان قىلغىلى بولسىمۇ لىكىن چوقۇم رەقەم سانىنى مۇقىم قىلىۋىتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە بىز تېكىست رامكىسى(TextBox) ئارقىلىق بۇ ئۈنۈملەرنى كۆرۈپ ئېتىمىز.
ئەڭ ئاۋۋال ئۈچ تېكىست رامكىسى(TextBox) ئەكىرىمىز، ئاندىن بۇ تېكىست رامكىللىرىنىڭ KeyPress(كونۇپكا بىسىلىغاندا) ھادىسىگە تۆۋەندىكى كودلارنى يازىمىز.
- 'VB.NET
- '''
- ''' پۈتۈن سان
- '''
- Private Sub TextBox1_KeyPress(sender As Object, e As KeyPressEventArgs) Handles TextBox1.KeyPress
- If AscW(e.KeyChar) = Keys.Back Then Return
- If Not IsNumeric(e.KeyChar) Then
- e.Handled = True
- End If
- End Sub
- '''
- ''' پارچە سان
- '''
- Private Sub TextBox2_KeyPress(sender As Object, e As KeyPressEventArgs) Handles TextBox2.KeyPress
- If AscW(e.KeyChar) = Keys.Back Then Return
- If Not IsNumeric(e.KeyChar) AndAlso Not (e.KeyChar = "." AndAlso Not sender.Text.Contains(".")) Then
- e.Handled = True
- End If
- End Sub
- '''
- ''' كىملىك
- '''
- Private Sub TextBox3_KeyPress(sender As Object, e As KeyPressEventArgs) Handles TextBox3.KeyPress
- If AscW(e.KeyChar) = Keys.Back Then Return
- If Not IsNumeric(e.KeyChar) AndAlso Not (e.KeyChar.ToString.ToUpper = "X" AndAlso sender.TextLength = 17) OrElse sender.TextLength >= 18 Then
- e.Handled = True
- End If
- End Sub
- //C#
- ///
- /// پۈتۈن سان
- ///
- private void TextBox1_KeyPress(object sender, KeyPressEventArgs e)
- {
- if (Strings.AscW(e.KeyChar) == (int)Keys.Back)
- return;
- if (!Information.IsNumeric(e.KeyChar))
- e.Handled = true;
- }
- ///
- /// پارچە سان
- ///
- private void TextBox2_KeyPress(object sender, KeyPressEventArgs e)
- {
- if (Strings.AscW(e.KeyChar) == (int)Keys.Back)
- return;
- if (!Information.IsNumeric(e.KeyChar) && !(e.KeyChar == '.' && !TextBox2.Text.Contains(".")))
- e.Handled = true;
- }
- ///
- /// كىملىك
- ///
- private void TextBox3_KeyPress(object sender, KeyPressEventArgs e)
- {
- if (Strings.AscW(e.KeyChar) == (int)Keys.Back)
- return;
- if (!Information.IsNumeric(e.KeyChar) && !(e.KeyChar.ToString().ToUpper() == "X" && TextBox3.TextLength == 17) || TextBox3.TextLength >= 18)
- e.Handled = true;
- }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.
پىروگىراممىغا قىزىقىدىغانلار ئاستىدىكى چىپار كود(ئىككىلىك كود)نى سايىلەپ ياكى «شەرەر»، «xarar_09» دەپ ئىزدىتىپ شەرەر سالونىنى قىتىۋالساڭلار بولىدۇ.
مەنبە: شەرەر تورى
|