+تېما يوللاش
uyghurيوللانغان ۋاقتى:ئۈلۈشكۈن 11:59 1894 قېتىم كۆرۈلدى20 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر 1 دە ئالما شىركىتى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى باش شىتابىنىڭ جوبىس تىياتىرخانىسىدا يېڭىدىن ئۈچ خىل ئايفوننى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالما دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش نەشىرى iPhone X مۇ بار.

iPhone X كە ئالىي دەرىجىلىك پۈتۈن ئېكران، چىراي تونۇش، AR قوش كامېرا قاتارلىق «قارا تېخنىكا» ئىشلىتىلگەن. iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plus بولسا iPhone 7 ۋە iPhone 7 Plus نىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرى. ئەممە يورۇق نۇقتىلىرى ئاز ئەمەس.

iPhone X نىڭ 64GB نىڭ نەشىرى 8388 يۈەن، 256GB نەشىرنىڭ باھاسى 9688 يۈەن. 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالدىن زاكاس قۇبۇل قىلىنىپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.
iPhone 8 نىڭ 64GB نىڭ باھاسى 5888 يۈەن، 256GB نىڭ باھاسى 7188 يۈەن. iPhone 8 Plus نىڭ 64GB لىق نەشىرنىڭ باھاسى 6688 يۈەن، 256GB لىقنىڭ باھاسى 7988 يۈەن. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى زاكاس قۇبۇل قىلىنىپ، 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.



iPhone X قا ئەنئەنىۋى قوش ئەينەك ۋە مېتال رامكا لايىھەسى ئىشلىتىلگەن. 10 يىل ئىشلەتكەن Home كۇنۇپكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بارماق ئىزى تونۇش سېنزورى Touch ID مۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن  3D چىراي تونۇش سېنزورى Face ID ئىشلىتىلگەن. چىراي تونۇتۇپ يانفون قۇلپىسنى ئېچىشقا، apple pay دا چىقىم قىلىشقا بولىدۇ. 3D قوش كامېرا+ئىنفىرا قىزىل نۇر قاتارلىق سېنزورلار ئالدى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



ئېكرانى 5.8 دىيۇملۇق 2436×1125  ئېنىقلىقتىكى AMOLED ئېكران. True Tone كۆرسىتىش تېخنىكىسىنى، HDR 10 ۋە 3D Touch نى قوللايدۇ. پۈتۈن ئېكران بولغاچقا 5.5 دىيۇملۇق  iPhone 8 Plus تىن كىچىك.




iPhone X كە A11 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. A11 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 10 نانومېتىرلىق  FinFET تېخنىكىسىدا ياسالغان ئۆزەك.  A10 گە قارىغاندا %25 تېز، GPU سى %30 تېز. كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ئېشىپ كېتىدۇ. A11 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا يەنە  AR نى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.





iPhone X نىڭ كەينىگە 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ئىشلىتىلدى. ئوپتىكىلىق تىتىرەشتىن ساقلىنىشنالايدۇ. ئالدىغا 7 مىليون پىكسېللىق كامېرا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.
سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى بار، توكنىڭ يېتىش ۋاقتى  iPhone 7 گە قارىغاندا ئىككى سائەت ئۇزۇن.



iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plus بولسا iPhone 7 ۋە iPhone 7 Plus نىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرى. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى A11 كە كۆتۈرۈلدى. سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى. باشقا يەرلىرى iPhone 7/7 Plus كە ئاساسەن ئوخشايدۇ. Home كۇنۇپكىسى ساقلاپ قېلىندى. چاڭ-تۇزاندىن، سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ.



iPhone 8/8 Plus كە ئەنئەنىۋى  LCD ئېكران ئىشلىتىلدى. iPhone 8 نىڭ ئېكرانى 1334x750P ئېنىقلىقتا  4.7 دىيۇم؛ iPhone 8 Plus نىڭ ئېكرانى 1920x1080P ئېنىقلىقتا 5.5 دىيۇم.

iPhone 8 كە 12 مىليون پىكسېللىق تاق كامېرا، iPhone 8 Plus كە قوش كامېرا ئىشلىتىلدى.  ئىككىلىسىنىڭ ئالدى كامېراسى 7 مىليون پىكسېل. AR نى قوللايدۇ.


ئۈچ خىل يانفوننىڭ سېلىشتۇرمىسى

\
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاشھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن3قوللىمايمەنقوللىمايمەن

20ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
barhan88 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:48
ماۋۇ iphone x بەك پەچەت چىقىپتۇ.ئەمما باھاسىمۇ قىممەتكەن.تىم كوك دىگىنىنى قىپتۇ.
گىلەم
燕山灰狼 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:59
توغرا  ،  ئۇ يېڭىلىقنىڭ بېشى ئەمەس  ،  لىكىن  ئۇ  شۇ يېڭىلىقنى  باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ مۇكەممەل ، ئىشلىتىشچان ھالىتىدە  ئوتتۇرغا  چىقارغۇچى   ... مەن  ئالمىغا  بەك   ئامراق

IMG_0090.JPG(161.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5)

IMG_0090.JPG
ئورۇندۇق
燕山灰狼 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:57
ئەرلە،يېڭى ئايفون چىقىشى بىلەن قىز-ئاياللىرىڭلارنىڭ قۇلىدىكى  تىلفۇن تۇيۇقسىز بۇزلۇپ قىلىش ، قولدىن يەرگە چۈشۈپ كىتىش ،كىر بىلەن قۇشۇپ يۇيۋىتىش ،قەستەن ئۇرشۇپ يەرگە غەزەپ بىلەن ئىتىش،خوگوخاندا ئۇنتۇپ قىلىش ،ئۆزى ئۇرۇپ چىقۋىتىپ بالىسىغا ئارتىپ قۇيىشتەك بىر تۈركۈم غالجىرلاشقان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن ، دىققەت قىلىڭلار
5-قەۋەت
appchi ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:06
燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-13 13:57
ئەرلە،يېڭى ئايفون چىقىشى بىلەن قىز-ئاياللىرىڭلارنىڭ ق ...

ئىنكاس بولا مۇشتا بولا ،  ئەمما لىكىن راستىنلا قاملىشىپتۇ ، مەن ئايالىمنىڭ يانفۇنىنى بىرمەزگىل مۇسادىر قىلمىسام بولماپتۇ ، رەھمەتلىك يانفون چېقىلىپ كەتمىسۇن بىكار .
6-قەۋەت
سەزگۇر555 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:37
بەكلا توغرا دەپسىز، دىمىسىمۇ  شۇ  ھازىرقى ئايال  زاتىلار  
7-قەۋەت
-نادىر- ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:13
بۇرۇنقىدىنمۇ جەلىپ قىلارلىق،ئالما ئىمىغا ۋە ماركىسغا چۇشلۇق چچىقىپتۇ،ياخشى كۆرۋاتقانلار تېخشىمۇ ياخشى كۆرگىدەك،ئالماXسېنى ساقلايمەن
8-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:20
appchi يوللىغان ۋاقتى  2017-9-13 14:06
ئىنكاس بولا مۇشتا بولا ،  ئەمما لىكىن راستىنلا قاملىش ...

باشتىن   ئۆتكەن   ئىش  دەڭلا   بۇ  ھى ھى
9-قەۋەت
(sirdax) ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:39
ئىسىت بىزنىڭ7پىلۇس يەنە زاماننىڭ كەينىدە قالىدىغان بولدىدە
10-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:48
ھە  راس  ماۋۇ  يانفۇنۇڭلارنى  ئاختۇرۇشنى ياقتۇردىغان  جۆرەڭلا بارلا   ئالماڭلا  ئالمىنىڭ  چىراي تۇنۇيدىغان ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلسىلەغۇ، يېرىم كىچىدە  ئۇخلاۋاتقاندا  چىرايىڭلارغا  بىرلا  قاراتسا  ئىشىڭلا  چاتاق[憨笑]
11-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:49
(sirdax) يوللىغان ۋاقتى  2017-9-13 15:39
ئىسىت بىزنىڭ7پىلۇس يەنە زاماننىڭ كەينىدە قالىدىغان بو ...

راسلا  ھەجەپ  تىزلا  كەينىدە  قالدىغان  بولدىدە  ھەي  ئىسىت

12-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:50
燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-13 13:57
ئەرلە،يېڭى ئايفون چىقىشى بىلەن قىز-ئاياللىرىڭلارنىڭ ق ...

ئالامەت ئىنكاس بوپتۇ ،   راس دىمىسىمۇ ھازىر يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمايدىغانلا كۆپ .   5/6 مىڭ كويلۇق تىلفۇن تۇتىۋالغان بىلەن ئۈندىدار ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ .   دۇنيادا ئالغا قاراپ مېڭىشتىنمۇ پەخىرلىك ئىش يوق !
13-قەۋەت
Abdusemet ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:26
(sirdax) يوللىغان ۋاقتى  2017-9-13 15:39
ئىسىت بىزنىڭ7پىلۇس يەنە زاماننىڭ كەينىدە قالىدىغان بو ...

غەم قىلماڭ، ئەرزانراق بېرىۋەتسىڭىز ئالىدىغانلار بار. ھىچكىم ئالمىسا مەن ئالىمەن
14-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 20:32
ئالما شىركىتى بەك ئالدىراقسانلىق قىلغان دەك بىلىنىپ قالدى ماڭا ،iphone7 نى چىقارغىلى تېخى ئاران بىر يىل بولغىلى تۇرسا ،سەل ئۈزۈنى توختىتىپ چىقارسا بۇلاتتى ،ئالما يەتتە   تېخى ئۈنچىۋالا ئۇمۇملىشىپ بولالمىغان تۇرسا .
15-قەۋەت
TAXNA  ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 20:43
ئۇنداق ئاستا مەھسۇلات چىقاسا  باشقا شىركەتلەرمۇ شۇك ياتمايدۇدە رىقابەت كەسكىن بازا چاققاننىڭ دە
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى