+تېما يوللاش
uyghurيوللانغان ۋاقتى:2017-9-3 18:10 9440 قېتىم كۆرۈلدى34 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا بەزى كىشىلەر بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىپ، نومۇر بىكار بولۇپ كەتكەن (空号) يانفون نومۇرىنىڭ نەچچە يىللىق قەرزىنى سۈيلەش تېلېفونىنى تاپشۇرۋالدى. ياكى مەلۇم سەۋەبلەردىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ كىملىكىدە بىجىرگەن ھازىر ئىشلەتمەيدىغان نومۇرلارنى ئۆلتۈرۋېتىشكە بارغاندا 4-5 يىل ئاۋال توختاپ كەتكەن نومۇرنىڭ قەرزىگە جەرىمانىسى (滞纳金) قوشۇلۇپ، بىر مۇنچە پۇلنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىمۇ قۇشقاچنى قار ياغقاندا تۇتۇپ «رەھىم» قىلماي پۇل يىغماقتا.
فۇجۇدىكى مەلۇم بىر تورداش فۇجۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 2008-يىلى بىجىرىپ كېيىن ئىشلەتمەي تاشلىۋەتكەن بىر كارتىنىڭ قەرزى+جەرىمانىسى قوشۇلۇپ 1500 يۈەن قەرزنى قايتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغان. فۇجۇلۇق بۇ تورداش توردىن ماتېرىيال كۆرۈپ، قانۇن ماددىلىرىنى تەدبىقلاپ، ئۇ پۇلنى تۆلىمىسمۇ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىگە ئەرز قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن ئۇ تورداشقا تېلېفون قىلىپ، مىنىسىترلىكنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇغانلىقىنى، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، بارلىق پۇلنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەچۈرۈم سورىغان.



فۇجۇلۇق بۇ تورداشنىڭ سەۋەبى مۇنداق:
1. يانفون نومۇرى قەرز بولۇپ توختاپ كەتكەندىن كېيىن بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىستىمالچىغا ئېنىق قىلىپ ئۇقتۇرمىغان. شۇڭا ئىستىمالچى بىر قانچە يىلدا بۇنچىۋالا قەرز بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن، ئاكتىپلىق بىلەن نومۇرنى ئۆلتۈرۈش رەسمىيىتىنى بىجىرمىگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» نىڭ 18 - ماددىسىدا «تىجارەتچىلەر ئۆزلىرى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت توغرىسىدا ئىستېمالچىلارغا ئەينەن چۈشەنچە ۋە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى، تاۋارنى توغرا ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى توغرا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ۋە زىيان يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىزاھلىشى ۋە ئېنىق ئىپادىلىشى لازىم» دېيىلگەن.
经营者应当保证其提供的商品或者服务符合保障人身、财产安全的要求。对可能危及人身、财产安全的商品和服务,应当向消费者作出真实的说明和明确的警示,并说明和标明正确使用商品或者接受服务的方法以及防止危害发生的方法
ئەمما كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بۇنداق قىلمىغان. شۇڭا بۇ مەسئۇلىيەتنى پەقەت كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.



2. يانفوننىڭ سۆزلىشىش ھەققى ئالدىن تاپشۇرۇش شەكىلىدە بولىدۇ. قانچە پۇل تاپشۇرسىڭىز شۇنچە پۇللۇق مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز. پۇل تاپشۇرمىدى دەپ مۇلازىمەتنى توختىتىۋەتكەندىن كېيىن يەنە نېمىشقا پۇل تۆلەش كېرەك؟ نومۇرنى توختىتىۋەتمەي تۇرۇپ ئاندىن پۇل ئېلىشنى تەلەپ قىلسا توغرا بولمامدۇ؟ 9 يىل بۇرۇنقى توختىتىۋەتكەن نومۇرغا ھازىر پۇل تاپشۇرسا ئۇ نومۇر ئەسلىگە كېلەمدۇ؟ 9 يىلدىن بۇيانقى توختاپ كېتىش سەۋەبىدىن ئىستىمالچىغا كەلتۈرگەن زىيانغا كىم مەسئۇل بولىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» نىڭ 24 - ماددىسىدا «تىجارەتچىلەر رەسمىي توختام، بايانات، دۇكان ئېلانى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمالچىلارغا ئادىل، مۇۋاپىق بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى يەڭگىللىتىشكە، بىكار قىلىشقا بولمايدۇ. رەسمىي توختام، ئۇقتۇرۇش، بايانات، دۇكان ئېلانى قاتارلىقلاردا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلار بولسا، ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ» دېيىلگەن.
经营者不得以格式合同、通知、声明、店堂告示等方式作出对消费者不公平、不合理的规定,或者减轻、免除其损害消费者合法权益应当承担的民事责任。格式合同、通知、声明、店堂告示等含有前款所列内容的,其内容无效。
خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ نومۇرىنى توختىتىۋېتىپ، مۇلازىمەت قىلمىغان ۋاقتتىمۇ قەرز قىلىپ قويۇپ يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە جەرىمانە قويۇشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» نىڭ مەزكۇر ماددىسىغا خىلاپ.
3. ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ھەقدارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندە، بۇ ھەقدارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بىرىنجى كۈندىن باشلاپ، ئىككى يىل ئىچىدە قەرزنى سۈيلەش كېرەك. ئىككى يىللىق داۋا مەزگىلى ئۈتۈپ كەتسە، قەرز سۈيلەش ھەرىكىتى يولسىزلىققا كىرىدۇ.

يۇقارقىلار يالغۇز كۆچمە خەۋەرلىشىشكىلا ئەمەس، ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىشنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ماس كېلىدۇ.

社会趣多多 دىن ئالپ تورى تەرجىمىسى.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش32ھەمبەھرھەمبەھر1قوللايمەنقوللايمەن12قوللىمايمەنقوللىمايمەن

34ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئۇيغۇر، ۋاقتى: 2017-9-3 18:31:25
قالتىس خۇش خەۋەركەن.   ياخشى ئىشكەن بۇ،  بولمىسا باشقىلارنىڭ  2008-يىلدىن ھازىرغىچە تاشلىۋەتكەن قەرىز كارتىسى ھېچ بولمىسا 5 ,10دىن ئاشىدۇ ،قەرىز تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ  نەچچە ئونمىڭ يۈەن چىقىپ كىتە، بىلىپ قويساق بۇلدىغان ئىشكەن بۇ.
گىلەم
muzat1970 ۋاقتى: 2017-9-3 18:39:19
ئاغزىڭىزغا ناۋات سالغىلى بولغان بولسا ھە،مۇشۇنداق قانۇندىن مەسلىھەت بولسا ئايىمىغايسىز،بىزنىڭ يۇرتتا ئۈچ خەۋەرلىشىشنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق پۇل تەلەپ قىلىۋاتىدۇ،مەنمۇ 2014-يىلى تېلگىرافنىڭ كارىدىن بىرنى بېجىرىپ ئازراق ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىپتىكەنمە،قايسى كۈنى تەكشۇرۇپ كۆرۈپ بەشيۈز ئەللىك كويغا يېقىن قەرز بولۇپسىز دەيدۇ،تۆلىمىي يېنىپ چىقتىم
ئورۇندۇق
dana2013 ۋاقتى: 2017-9-3 18:42:40
7-ئايدا ئىلگىرى كىملىكىگە بىجىرىلىپ قالغان نومۇرلارنىڭ قەرزىنى تەكشۈرۈپ بىرىڭ دەيدىغانلار بەك كۆپ كىرىپ كەتكەن ،كۆپىنچە خېرىدارلارغا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھېچكىمدىن قەرىز سۈيلىمىدى ،ئۆزۈڭلارغا ئارتۇق ئىش تاپماي ئىشىڭلارنى قىلىپ يۈرىۋېرىڭلار دەپ چۈشەندۈرسەك خاپا چىقىپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى ،تېلېگىراف بىلەن بىرلەشمە شىركىتى قەرىز سۈيلەپ ھېلى مەن پالانى سوت مەھكىمىسىدىن ھېلى پوكۇنى سوت مەھكىمىسىدىن پالانى كارتىڭىزنىڭ مانچە پۇل قەرزى باكەن تۆلىمىسىڭىز سوتتىن چاقىرىلىسىز دىگەندەك ئىشلار كۆپكەن ،ئەمما كۆچمە خەۋەرلىشش شىركىتى قەرىز سۈيلەپ باققىنى يوق .ھەم بىزدەك كۆچمە خەۋەرلىشش ۋاكەلىتەن نوقتىلىرىغىمۇ قەرىز سۈيلەش توغۇرلۇق ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگىنى يوق ،شۇڭا ئابونتلارنىڭ ئارتۇق ئەنسىرەپ كىتىشىنىڭ ئورنى يوق
5-قەۋەت
رويال ۋاقتى: 2017-9-3 18:43:50
ھەقىقەتەن ، خۇشخەۋەركەن   دىمسىمۇ  مۇشتا قەرىزنى تۈلگەنلەر بەك جىقتى،مەنمۇ 640 كويدەك تۈلىگەنتىم تېخى 2...3 ئاينىڭ ئالدېدا، بۇنىمۇ بىلۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن رەھمەت تىما ئىگسى
6-قەۋەت
ゞFαんЯι ۋاقتى: 2017-9-3 18:57:08
نەق  مۇشۇ  ئىش بىشىمنى  قاتۇرۋاتقان  ئىدى 9_ئاينىڭ 1-كۈنى تېلىگىراف كارتام 350سوم قەرزە بوپتۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت 59سومتى سۈرۈشتۈرسەم تورغا جىق  چىقىپسىزدەيدۇ  ئادەتتە تورنى كۆپ ئىشلەتمەيمەن سىمسىزتورلام ئىشلىتىمەن كارتىنى تاشلىۋىتەي دىسەم تىخى  نەچچە يىل ئىلگىرى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىزدەپ كەلگەن ئىدى 8300سوم تۆلەدەپ مەن بەرمەيمەن  دىسەم سوتتا كۆرشىمىزدىگەن كىيىن يوقاپ كەتتى ، ھازىر تېلىگىرافنىڭكىنى قاندا قىلسام بولا ئەمدى ياكى توختىدى دىمەيدۇ كارتا نورمال ئىشلەۋاتىدۇ
7-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-9-3 18:58:58
مىنىڭ نامىمدا ئىككى تال بىرلەشمىنىڭ ئادەتتىكى كارتىسى باتى بىرنى ئىشلەتمەي توردىن چىقىرۋىتىش رەسمىيتى بىجىرەي دەپ تىجارەت زالىغا بارسام  توردىن چىقىرىپ بىرەلمەيمىز  دەپلا تۇرۋالدى ،10010غا تېلفۇن قىلىپ ئابۇنىت مۇلازىمەت ۋەكىلىگە ئەھۋالنى دىسەم ، بىز ئارقا سەپتىكى ئادەتتىكى خىزمەتچى بۇ ئىشنى بىز ھەل قىلالمايمىز دەيدۇ  ئەمسە ئابۇنىتلارنىڭ مۇشۇنداق ئىشلىرنى يۇقۇرغا ئىنكاس قىلىپ قۇيۇڭلا دىسەم ئۇنداق قىلالمايمىز ھەم پايدىسى يوق دەپ گەپنى تۈگەتتى ،
ھىچقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىپ ،ياكى توختاملاشقان ،ياكى بىرە نەسىگە باغلىغانمۇ كارتا ئەمەستى،ئىشلەتمەي تاشلىۋىتىمەن ۋاقتى كەلگەندە قەرىزنى تۆلە دىسەڭلا تۆلىمەيمەن دىسەم  ۋاقتى كەلگەندە جەرمانىسى بىلەن تۆلەيسىز ،بولمىسا ئەرىز قىلمىز دەيدۇ ،نورمال مېڭۋاتقان كارتىنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويساق كۆچمىنىڭ بولسا ئۈچ ئاي تىلگىرافنىڭ بولسا ئالتە ئايدا توردىن چىقىپ كىتىدىكە ،لىكىن بىرلەشمىنىڭ ئۇنداق بولدىغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم ،ئىشلەتمەيمەن دىگەن كارتام بىكا تۇرۇپ ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت دەپ 85كوي قەرىز بوپتۇ
ما تىمىدا دىيىلگەن ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق مەنپەتى دىگەن قانۇننى قەيەردىن تاپقىلى بولا ،كىتاپخانانىدا كىتابى بارمىدۇ
8-قەۋەت
WANDAY ۋاقتى: 2017-9-3 19:09:18
مۇشۇنداق قەرىز سۈيلەيدىغان ئىش ھەممە يەردە بامدۇ،نۇرغۇن كىشلەر جىق قەرىز تۆلەپ كەتتى
9-قەۋەت
خىلۋەت ۋاقتى: 2017-9-3 19:29:48
مەنمۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش دىگەن ئالدامچىلىغا 720يۈەن قەرىز تۆلىدىم
قەرىز تۆلىگەن تالۇننى ساقلاپ قويدۇم ، بىر كۈنلەدە قانۇن ئىگە بۇلا دەپ
10-قەۋەت
غازى ۋاقتى: 2017-9-3 19:58:07
مەنمۇ تۆلىگەن تىخى ئىككى ئاي بولدى تالۇنىمۇ با، كۇڭخاۋ بولغىلى 4 يىل بولغان كارتىلاركەن  4800 كوي دەپ تۆۋەنلىتىپ 1200 كوي بىلەن قۇتۇلدۇم ،تىلگىراف نىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ بىشىم ئاغرىيدۇ ،بۇنىڭدىن كىيىن ھەرگىزمۇ بىرلەشمە بىلەن تىلگىراف كارتىسى بىجىرمەيمەن،بولسا تۆلىگەن پۇلىمىزنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولسا بەك ياخشى بولاتتى ،بەش مىڭدىن ئونمىڭغىچە تۆلىگەنلەرمۇ با
11-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-9-3 21:00:02
ئۈزىمىز تىلفۇن سۆزلىشىپ ،ياكى تورغا چىقىپ قەرىز قىلىپ قويساق تاشلىۋىتىپمۇ قۇتۇلالمايمىز چۇقۇم قەرىزنى تۆلىشىمىز كېرەك چۈنكى ئۈزىمىز ئىشلىتىش جەريانىدا قەرىز بوپ قالدى ئەمەسمۇ ،لىكىن كارتىنىڭ پۇلى بار چاغدا تاشلىۋەتسەك ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت دەپ شىركەتتىن ئايمۇ ئاي قەرىز قىلىپ قۇيۇپ تۆلە دىسە ئاقمايدىغان گەپ بوپ قالدۇ ،شوڭا شىركەت تەرەپ قەرىزنى تۆلە ئەرىز قىلمىز دەپ ئۇچۇر ،ئۇقتۇرۇش ئەۋەتسىلا تۆلەشكە ئالدىرماي ،ئەرىز قىلساڭ قىل دەپ سوتنىڭ چاقىرىقنامىسنى ساقلاڭلە ،بىز ئۇلا بىلەن زاكونلىشىپ گەپتە يىڭەلمىگەن بىلەن قانۇن ناھايتى ئادىل بىتەرەپ قىلدۇ ،جۇڭگو دىگەن ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغدايدىغان ،قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىندىغان دۆلەت
12-قەۋەت
uybeg01 ۋاقتى: 2017-9-3 21:13:17
باشقىلارغا قارىغاندا مەن ئاز تۆلەپتىمەن. مەن پەقەت 230كويدەك پۇل تۆلىدىم
13-قەۋەت
uyunqibiz ۋاقتى: 2017-9-3 21:13:53
تۆلەپ  بولغان  قەرىزنى  قايتۇرۋالغىلى  بۇلامۇ  ؟   مەنمۇ  1300  يۈەن  قەرىز  تۆلىدىم
14-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2017-9-3 21:20:55
ياۋ ئالامەت تىما بوپتۇ ماۋۇ ، مانداق بى دەپ تۇرۇڭلار ئادەمنى يۈرىكى ئالدى قىلماي ، مىنىڭمۇ خېلى باتتى ، بۇلۇپمۇ بىرلەشمىدە ،  ھەتتا ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى كارتىمۇ باركەنتۇق  400 كوي قەرز بوپتۇ دىگەن ، تۈلىمەيمەن دەپ يېنىپ چىققانتىم ،نەدىن تاپىمىز ئۇ ماددىنى ، ياكى كىتاپخانىلاردا بارمىدۇ ،،،،
15-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-9-3 21:28:42
ھەقىقەتەن ياخشى خوشخەۋەركەن بۇ
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى