- جۇغلانما
- 3509
UID1238 تىزىملاتقان2011-5-4 ئاخىرقى قېتىم2017-9-14 توردا1179 سائەت
| دۆلىتىمىزنىڭ قاراپ ئولتۇرسىمۇ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك ھەر تېلفۇنلىرى تۇرسا - ئالما ئىشلەتمىگەنگە بىز جۇڭگۇلۇقلار زۇكام بوپ قالمايمىز ! جۇڭگۇ يانفۇنلىرى دۇنيادا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ ئالمىنىڭ ‹ سېسىپ › كېتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىغا چىدىماپتۇدە ماۋۇ چاۋاش تىم كۇكقا ئوچۇق خەت : بولمىساڭ ئىللىق چىراي - ئاچمىغىن دۇكان - ساراي دېگەن گەپ بار ماۋۇ بىزنىڭ جۇڭگۇدا ، ئالمىڭىزنى چۈشۈرمىسىڭىزچېكىڭىزگە قىسىپ ، ئۆزىڭىز داڭلاپ ئولتۇرۇۋېرىڭ . بىز مېيزۇ ، شىياۋمى ، ئوپپو ، ۋىۋو ئىشلىتىپ ئىچىڭىزگە ھەسەت ئۇرۇقىنى ئۈندۈرۈپ يۈرىۋېرىمىز ! نۆۋەتتە مەنمۇ ئالما ئىشلىتىمەن . ئۇندىن باشقا بىر ئائىلە كىشىللىرى مېيزۇ ئىشلىتىمىز . سىزدىن سوراپ باقسام تىم كۇك ئەپەندى ، ئالمىڭىزنىڭ مېيزۇدىن ئېشىپ چۈشكىدەك نەرى بار ؟ ئىشلىتىۋاتقىنىم مېيزۇ mx3 يانفۇنى ، بۇ يانفۇننى سىزنىڭ iphone5 بىلەن سېىلىشتۇرسام - مېيزۇغا ئۆزۈم خالىغان نەشىردىكى سىستېمىسىنى قاچىلىيالايمەن ، ئەمما ئىشلىتىۋاتقان تېلفۇنۇم ئالما5 نى 10.3.3 دىن چۈشۈرەلمەي يۈرگىلى نىكەم ؟! ھەر ئىككى تېلفۇننى توشقۇچە زەرەتلەپ بىر كېچە ئوچۇق قويسام مېيزۇدا 6% ئەتراپىدا توك خورايدۇ ، ئالمىدا 15% خورايدۇ ، ئالما بەك كونىكەن دېمەڭ تىم كۇك ئەپەندىم ، مېيزۇ تېلفۇنۇمنى ئالغاندا ئالما5 نى مەن تېخى بىلمەيتىم ... ئالمىڭىزدا ئورۇن بەلگىلەش بار ، ئوخشاشلا مېيزۇدىمۇ بار ! مېيزۇدا تېخى ئوغرىغا ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بېرىش ،ئوغرىنى يۇشۇرۇن سۆرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ئارتۇق . بۇنىڭغا نىمە دەيسىز ؟! ئالمىنىڭ سۈرئىتى تېز ؟ - 7 مىڭ سوملۇق ئالمىنىڭ سۈرئىتىنى دۆلىتىمىزنىڭ 3 مىڭ سوملۇق تېلفۇنلىرى بېسىپ چۈشىدۇ ، ئىشەنمىسىڭىز بىرەر تالدىن مېيزۇ ، شىياۋمى ، خۇاۋېي .... سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ بېقىڭ ! تازنىڭ نىمىسى بار دىسە ئىككىلىك تۈمۈر تارغىقى دەپتىكەن ، شۇنىڭدەك ئۆزىڭىزنىڭ ئالمىسىنى ئىشلىتىۋېرىپ ئۆزىڭىزنى - ئۆزىڭىز داڭلاپ يۈرىۋەرمەي ..... دەرۋەقە ئايفۇن ئېكران سۈزۈكلىكى ، سىستېما راۋانلىقى ، ئەپلەرنىڭ مۇقىملىقى ...دېگەندەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىزلەرنىڭ ياختۇرىشىمىزغا ئېرىشتى ، لېكىن بۇلار بىز جۇڭگۇلۇقلارنىڭ چوقۇم ئالمىنى تاللايدىغىنىمىزغا سەۋەب بولالمايدۇ ! تېلىفۇن بازىرىدىكى ‹ نادان › لىق ئۆتۈپ كەتتى تىم كۇك ئەپەندى ، ھازىر جۇڭگۇدا قىسمەن ساندىكى ‹ ئالما › سىنى پەش قىلىدىغان نايناق خېنىملاردىن باشقا كىشىلەر ، بولۇپمۇ ئەرلەر ئالمىڭىزنى تاللىماسلا بولدى ... ئالمىڭىزنىڭ باھاسىنى چۈشۈرسىڭىزمۇ بۈگۈنكى بازاردا قانداق بولاركىن - تاڭ جۇمۇ ...... يۇقارقىلارنى يېزىپ سىزنىڭ جۇڭگۇ بازىرىدا باھا چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمەن ، يوتقانغا قاراپ پۇت سونىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . جۇڭگۇ بازىرىدا ئالما بولسا - بولمىسا بەرىبىر ..... ----------------------------------
|
|