- جۇغلانما
- 788
UID61049 تىزىملاتقان2016-1-11 ئاخىرقى قېتىم2017-12-21 توردا271 سائەت
| ئازراق تەپسىلات: سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئاساسلىقى سۈرەتلەرنى پىكسېل ئۇقۇمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. تۇنجى بولۇپ 1987-يىلى مىچگان ئونۋىرستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان Thomas Knoll تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان. ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ئاق ۋە قارا رەڭنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈنلا قوللىنىلاتتى. 1988 يىلى Adobe شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كىيىن تەخمىنەن 21 يىللىق تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ھەرخىل نەشردىكى نۇسخىلىرى بازارغا سېلىنىپ تۇردى ۋە يېڭىلاندى. 2009-يىلى Photoshop CS4 كە ئاساس سالغان Photoshop 11.0.1 نەشرى ئېلان قىلىندى. 2010-يىلى CS5 بازارغا سېلىندى. CS5 تە نۇرغۇنلىغان يېڭلىنىشلار بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇرۇنقى نۇسخىلىرىدىكى ئەسلى ئىقتىدارلار ساقلاپ قېلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۈنۈملەر قوشۇلدى ۋە بۇ ئۈنۈملەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى سۈرەتلەرگە ئۈچ ئوق ئۈنۈمى قوشۇش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەلالاشتى. پىروگرامما ئاچقۇچىلار ئۇنىڭ ئىچكى كودى ئۈچۈن PHP · Python · Ruby · ASP · ASP.NET · JavaServer Pages قاتارلىق پىروگراممىلاردىن پايدىلاندى ۋە تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىقتىدارلارنى قوشتى،2016-يىلىغا كەلگەندە بولسا Photoshop CC 2015.1.1 غىچە ئەلالاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمىز. .................................................................................................................................... ئورنىمىز تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان Photoshop دەرسلىكى 2009-يىلى رەسمي يوسۇندا تارقىتىلىشقا باشلىغان ئىدى، 2009-يىلى تۇنجى قاراردا تارقىتىلغان دەرسلىكلەر Photoshop7.0 نەشرىگە ئائىت ئىدى،Photoshop نىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى بىلەن ئورنىمىز 2011-يىلى ئەسلىدىكى 95 قىسىملىق ھەقسىز تارقىتىلغان دەرسلىكنى پۈتۈنلەي توردىن چۈشۈردى ۋە يېڭى نۇسخىدىكى 165 قىسىملىق دەرسلىكنى تۈزۈپ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى. 2015-يىلى ئەسلىدىكى دەرسلىك MP4 فورماتىدا 78 دەرسلىك قىلىپ پىرىسلاندى، 2014-2015-2016-يىللىرى ئىشلەنگەن دەرسلىك پۈتۈنلەي ھەقلىق تارقىتىلدى ۋە ھەر ئايدا 30 دەرسلىك يېڭىدىن قوشۇلۇپ مېڭىۋاتىدۇ. يېڭى ئىشلەنگەن دەرسلىك Photoshop نىڭ قوراللىرى، Photoshop ئۈنۈملىرى، Photoshop ئارقىلىق كۆرۈنمە يۈز ئىشلەش، Photoshop ئارقىلىق ماركا ئىشلەش، Photoshop ئارقىلىق تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى لايىھەلەش .... قاتارلىق 10 نەچچە ساھەگە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ياخشى بىر تاللىشى بولۇپ قالغۇسى، ئورنىمىز تارقاتقان ھەقسىز دەرسلىكلەرنى ھەرقانداق بىر شەخس ياكى ئورۇن ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈن ھەقلىق سېتىشقا، باشقىلارنى ئالداشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەرسلىكنىڭ باش - ئاخىرىغا قالايمىقان، كىشىلىك ئەخلاققا يات بولغان ئېلانلارنى قوشۇپ تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تەمىنلىسە بولىدۇ. |
|