+تېما يوللاش
uyghurيوللانغان ۋاقتى:ئۈلۈشكۈن 15:34 2707 قېتىم كۆرۈلدى12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى چوڭ ئىنتېرنېت گورۇھى ئالى بابا بىلەن تېڭشۈننىڭ رىقابىتى ئىنتايىن كەسىكەنلەشتى. بۇلارنىڭ رىقابىتى ئۈندىدار چىقىمدانى بىلەن ئالىپايدا گەۋدىلىك. ئالى بابا ئۈندىدار چىقىمدانىدىن خېرىدار تالشىپ، 2 مىليارد يۈەن قىزىل بولاق تارقىتىپ ئىشلەتكۈچىلەرنى جەلىپ قىلدى.

ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە، ئالى بابا ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى 钉钉 (دىڭ دىڭ) نى چىقىرىپ ئۈندىدار بىلەن رىقابەتكە چۈشتى. دىڭ دىڭ ئېلان قىلىنىپ 1075 كۈن بولغاندا ئىشلەتكۈچى سانى 100 مىليونلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتتى. بۇ 100 مىليون ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەممىسى تىزىملاتقان ئەزا.
دىڭ دىڭ شەخىسلەر ئالاقىسىدىن باشقا يەنە، ئۈندىدارغا ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى كارخانا مۇلازىمىتىنى نىشانلىدى. ئىشخانا ئىشلىرىدا دىڭ دىڭ ئۈندىدارغا قارىغاندا نۇرغۇن قولايلىقلارغا ئىگە. نۆۋەتتە  دىڭ دىڭغا تىزىملاتقان كارخانا 5 مىليوندىن ئاشىدۇ.  
دىڭ دىڭنىڭ 100 مىليون ئىشلەتكۈچىسى گەرچە ئۈندىدارنىڭ 800 مىليون ئىشلەتكۈچىسىگە قارىغاندا ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئالى بابانىڭ مەبلەغ ئۈستۈنلىكى ۋە كارخانا ئىشلىردىكى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۈندىدارغا كۈچلۈك رىقابەتچى بولالايدۇ.
دىڭ دىڭ كارخانىلار ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشخانا قاتتىق دېتالىغا كۆپ خىل ئېچىۋېتىلگەن ئېغىزلار بىلەن تەمىنلىگەن. يىغىن، ۋەزىپە باشقۇرۇش، ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئىشخانا تېلېفونى؛ تېلېفون-تېلۋېزىيە يىغىنى، كارخانا باش بېتى... قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. دىڭ دىڭ ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇشنى كۆچمە ئىنتىرنېت دەۋرىگە باشلاپ كىرىدۇ. مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 100 خادىمى بار بىر كارخانا دىڭ دىڭنى بىر يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن 700 مىڭ يۈەن خىراجىتىنى تىجەپ قالغان.

قىزىققانلار ئەپ بازىرىدىن 钉钉 دېگەن ئىسىمدا ئىزدىتىپ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭلار.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن3قوللىمايمەنقوللىمايمەن

12ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
1933315008 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:49
مەن بۇرۇن ئىشلەتكەن، ھەقسىز تور تىلىفۇنى ئىقتىدارى باتى، كىيىن ئۇنى يوقىتۋەتكەندىن كېيىنى ئىشلەتمىگەنتىم!
گىلەم
tirixqan008 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:00
بۇ ئەپ چىققىلى ئۈچ يىل بولاي دىدى بىراق ھازىرغىچە ئۈندىدارنى يېڭىپ باققىنى يوق .مەن بۇ ئەپنى 2015 يىلى ئىشلىتىپ باققان ئۈندىدارغا يەتمەيدۇ .بىراق بۇ ئەپنىڭ بەزەن  بىر ئالاھدىلىكى ئۈندىداردا يوق .
ئورۇندۇق
2635210282 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:47
مەن ئىشلىتىپ باقمىغان دېتالكەنيا بۇ ،بىر چۈشۈرۈپ باقاي
5-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:53
بۇ دېتال ئادەتتە شىركەتلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ . شەخسەن بىزنىڭ شىركەتمۇ مۇشۇنى ئىشلىتىمىز . بۇ دېتالنىڭ يادرولۇق ئالاھىدىلىكى مەنچە پاراڭلشىىش ياكى سۆزلىشىش ئەمەس بەلكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش . شۇڭا ئۈندىدارنىڭ ئورنىنى ئىلىشى ياكى خېرىس قىلىشى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ . ئىككىلا دېتالنىڭ تۇتقان يولى ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ .
6-قەۋەت
چۇمۇلەم ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:33
ئىشلتىپ باققانلار ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكى توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇر بىرۋەتسەڭلارمۇۋاپىق بولسا ئىشلەتسەك.
7-قەۋەت
yusanjan13 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:45
بىز  ئىشلىتىۋاتىمىز    شىكەت  ئىشخانا  قوراللىرى   بەكلام  ياخشى    يېڭى  ئۇقتۇرۇش   بولسا   يوللاپ   بەرسە  ناھايىتى   تىز  بىلىۋالىمىز  
8-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:58
oyghanbeg.com يوللىغان ۋاقتى  2018-1-12 15:53
بۇ دېتال ئادەتتە شىركەتلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ . شەخسەن  ...

دىتالنىڭ ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش جەھەتتىكى قانداق ئىقتىدارلىرى بار؟
9-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:17
بۇدىتالغا ئالىپاي ھىساۋاتى ئارقىلىق كىرگىلى بولامۇ ياكى يىڭىدىن تىزىملىتىدىغان ئىشمىدۇ؟
10-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 08:11
مەنمۇ شڭنى ئىشلىتىمەن، بەك قولايلىق، مائاش ۋە باشقا كارخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىكىنى توپ ئۇچۇرى بولسا كىمنىڭ كۆرۈپ كىمنىڭ كۆرمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ ئىشقىلىپ بەك قولايلىق.
11-قەۋەت
ئۇدۇنى ۋاقتى: تۈنۈگۈن 11:09
دىڭ دىڭ بولسا بۇنىمۇ ئىشلىتىپ كۈرۈپ باققان ياخشىمۇ نىمە؟ بۇنىڭغىمۇ ئۈندىدارغا تىزىملاتقانغا ئوخشاش تىزىملىتامدۇق؟ ئۈندىدار ئېچىپ بولغان كارتىدا بۇ ئەپكىمۇ تىزىملىتىپ كىرگىلى بولامدۇ يوق؟
12-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 12:08
تىلفۇن نومۇرى ئارقىلىق تىزىملىتىدىكەنمىز. جىفۇباۋ ھىساۋاتى ئارقىلىق كىرگىلى بولمايدىكەن.  قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن.
ئاندىن تىلىفۇن قىلىش ئىقتىدارىمۇ باكەن. لىكىن بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنپ تىلىفۇن قىلساق تىلفۇنىمىزدىن سۆزلىشىش ھەققىدىن تۇتامدۇ ياكى ھەقسىز تور تىلىفۇنىمۇ ... بۇنى بىلمىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى