ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىپداشلار، ئالدىنقى قېتىم «شىياۋمىغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇش توغرىسىدا» دەپ بىر تېما يوللىغان ئىدىم، مانا شۇندىن بۇيان كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئازدۇر- كۆپتۇر تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى شىياۋمى شىركىتىنىڭ نەزىرىنى بۇ ئىشقا قارىتالىدۇق، ئاز بولسىمۇ نەتىجىسى كۆرۈلدى. يەنى شىياۋمى مۇنبىرىگە ئىنكاس قالدۇرۇش، تور يۈزىدە شىركەتتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈش، ۋە بېيجىڭدىكى تونۇشلار ئارقىلىق شىياۋمى شىركىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغاتتۇق، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ماقۇللىقىنمۇ ئالدۇق، ئەمدىكى مۇھىم ھالقا بۈگۈن مەن شىياۋمى شىركىتىدىكىلەر بىلەن تور يۈزىدە مۇشۇ ئىشنى مۇزاكىرىلەشكەن، ئەمدى ئۇلارغا كېرەكلىكى ساپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان miui8 نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تىل بولىقى ئىكەن.( تەرجىمە قىلىنغان روم ئەمەس تىل بولاق) شۇڭا مۇشۇنداق تىل بولاق تەييارلىيالايدىغان قېرىنداشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇشۇ ئىشنى تاماملىساق دېگەن ئۈمىدتە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرىپتىمەن، ئەگەر ئىشلار داۋاملىق مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، پات يېقىن ئارىدا ئۇيغۇر تىلى شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇلغۇسى!!! ئەگەر بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ۋە قىلالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۈندىدار نومۇرىنى قاچىلاپ، بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى سورايمەن. ئۈندىدار نومۇرى: muradil242
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|