+تېما يوللاش
شەرەريوللانغان ۋاقتى:2017-4-27 00:33 4165 قېتىم كۆرۈلدى42 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۇيغۇرچە OCR ھەققىدە مېنىڭ تەجرىبىلىرىم (1)

ئاپتۇرى: Mars36

كىرىش سۆز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! OCR تېمىسى بىلىك، ئىنتىل، ئالىم ئەھەت تور بېكەتلىرىدە كۆپ قېتىم قىزىق باشلىنىپ سوغۇق ياكى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئىدى… مەنمۇ تەكرار ئويلاندىم، يازماي دېدىم. نېمىشقا؟
1. بۇ تېما باشقا ئادەتتىكى پىروگرامما لايىھەلەشتەك ئاددىي ئىش بولمىغاچقا بىلگەنلەر ئالدىراشلىق ياكى ئىچى تارلىق (بۇ-كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىرىمىزدا مەۋجۇت بولغان ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش نامىدىكى چىدىماسلىق، دەپ بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە تەجرىبىنى ئايىمايمۇ نان تېپىپ يېگىلى بولىدۇ) سەۋەبىدىن، بىلمىگەنلەر چۈشەنمىگەنلىكتىن پىكىر قاتناشتۇرماسلىق بىلەن نەتىجىسىز قېلىشى مۇمكىن.
2. بۇنى مەنمۇ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىغاچقا مۇكەممەل بولمىغان تەجرىبىنى داستىخانغا چىقارماي دېگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندىن تەجرىبىلىك، بىلىملىك، مەخسۇس كەسىپتە ئوقۇغان (مەن ئالىي مەكتەپنى رەسىم كەسپىدە پۈتتۈرگەن، كومپيۇتېر ۋە پىروگرامما لايىھەلەشنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەنگەن، ئۇستازىم يوق)، دىپلومى يوغان ۋە كۆپ ئۇستاملار بىزدە نۇرغۇن تۇرسا ماڭا سۆزلەپ نېمە كەپتۇ، دەپ ئويلىغان يېرىممۇ بار.
ئەمما بىر نەچچەيلەننىڭ تەكرار تەكلىپى بىلەن كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشىپ باقساق بەلكىم نەتىجىسى چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، دېگەن ئۈمىدتە يەنىلا بۇنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
خوش، ئەسلىي تېمىغا كېلەيلى (ناۋادا ئىزاھات بېرىلمىسە تېمىدىكى OCR پۈتۈنلەي ئۇيغۇر يېزىقىغا قارىتىلغان).
تۆۋەندىكى مەزمۇنلار توغرىلىق تەكرار توختالمايمىز:
1. OCRنىڭ نېمىلىكى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك OCRنىڭ تەرەققىياتى؛
2. كومپيۇتېردا رەسىم بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملار (كوردىنات، نۇقتا، سىزىق…).
ناۋادا يېڭى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز يۇقىرىقى مەزمۇنلار توغرىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرېسلارغا مەرھەمەت (يازما بىر يىل ئىلگىرى دەسلەپكى قەدەمدە يېزىلغان، بەزى ئۇلانمىلار ئېچىلماسلىقى مۇمكىن):
forum.php?mod=viewthread&tid=29865

OCR ئېنگىلىزچە Optical Character Recognition دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، خەت بويچە تەرجىمە قىلسا ئوپتىكىلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى تونۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا كىتاپ، قەغەزلەردىكى يېزىقنى رەسىم ھالەتتە كومپىيۇتېرغا ئەكىرىپ ئۇنى  OCR سىستېمىسىدا تېكىستكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە ... قاتارلىق تىللارنىڭ بۇ تېخنىكىسى پىشىپ يىتىلگەن بولۇپ، يانفوندا خالىغان يەرنى رەسىمگە تارتىپ، ئۇنىڭدىكى خەتنى تېكىستە ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.


ئەمدى گەپنى OCRنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى ۋە ھالقىلىق تېخنىكىلاردىن باشلايلى.
بىر پارچە رەسىمدىكى يېزىقنى تەھرىرلىگىلى بولىدىغان يېزىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەقەللىي قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
1. رەسىمنى ئەڭ مۇۋاپىق يەككە رەڭ ھالىتىگە ئۆزگەرتىش

2. بەت يۈزىنى ئانالىز قىلىش

1) قىڭغىر سايىلەنگەن بولسا تۈزلەش؛
2) بەت قىرىدىكى ئارتۇق قىسىمنى قالدۇرۇش؛
3) يېزىق، رەسىم (جەدۋەل) قىسمىنى ئايرىش؛
4) داغ نۇقتىلارنى يوقىتىش؛
3. يېزىق تونۇش

1) يېزىق قىسمىنى قۇرلارغا ئاجرىتىش؛
2) قۇرلارنى بۆلەكلەرگە ئاجرىتىش؛
3) بۆلەكلەرنى ھەرپكە پارچىلاش؛
4) ھەرپلەرنى بىرىكتۈرۈپ (ۋە ئىملا تەكشۈرۈپ) سۆزگە ئايلاندۇرۇش؛
5) بەتنى ئەسلى ھالىتى بويىچە (جەدۋەل، رەسىملەرنى جايىغا قويۇپ Word، Txt دېگەندەك شەكىلدە) ھۆججەتكە چىقىرىش.
قانداق، يېزىق تونۇتۇش سىز ئويلىغاندەك ئاددىيمىكەن؟
بۇ تېخنىكىنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە ھەر بىر باسقۇچتىكى توسالغۇ بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە قىيىنچىلىقنى «باغاشلاپ» تۇرغاچقا ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىيىن ھەم ئەڭ ھالقىلىقى ھەرپكە پارچىلاش جەريانىدۇر. ناۋادا ئاشۇ ھەل بولمىسا ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى باسقۇچلار قانچىلىك تەجرىبە ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىش ئاساسىدا روياپقا چىقسۇن، نەتىجە يەنىلا نۆلگە تەڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە يېزىقنى ھەرپكە پارچىلاش جەريانىدىن باشقىسىغا ماتېرىيال، تەجرىبە خاتىرىلىرى ھەر ھالدا توردا تېپىلىدۇ، باشنى تاشتەك قاتۇرۇۋاتقان ھەرپ پارچىلاشقا ئامال تاپماي OCR پۈتۈشى مۇمكىن ئەمەس.
خوش، بىر پارچە رەسىمنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى مەزمۇنلار بولغان رەسىممۇ ياكى بىرەر مەنزىرە، ئادەم، نەقىشنىڭ رەسىمىمۇ، دېگەنگە ھۆكۈم قىلىپ ئاندىن ئۇنى تونۇتىدىغان جەرياننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ تەس ئەمەس (ئەمما مۇھىم ئەمەس). يەنە تېمىنىڭ 1-، 2- باسقۇچلىرىدىكى بەزى تارماق تېخنىكىلارنىمۇ قويۇپ، تۆۋەندىكى ئاساستا تەجرىبە قىلىپ باقايلى (ناۋادا قىزىققۇچىلار بولسا باشقىسىنىمۇ سىناپ باقارمىز):
1. رەسىمنى يەككە رەڭ ھالىتىگە كەلتۈرۈش؛
2. قىڭغىر بەتنى تۈزلەش ۋە يېزىق، سۈرەت (جەدۋەل) قىسمىنى ئايرىش؛
3. يېزىق قىسمىنى قۇرلارغا ئاجرىتىش؛
4. قۇرلارنى بۆلەكلەرگە ئاجرىتىش؛
5. بۆلەكلەرنى ھەرپكە پارچىلاش.
يۇقىرىقىلار ئۇيغۇرچە مەزمۇن بولغان بىر بەت رەسىمنى ئاساس قىلىپ تەجرىبە قىلىنىدۇ. تېمىنىڭ قىزىق يېرىگە ئەمدى كەلدۇق (بەزىلىرىمىز ئۈچۈن تەييار كودنىڭ ئۇچراپ قېلىشى بەلەن ئىش بولسا، ماڭا مەسىلىنى ئەمەلىي تەھلىل قىلىش ھەقىقىي مەنىلىك، قىزىق ئىش).
1. رەسىمنى يەككە رەڭ (黑白) ھالىتىگە كەلتۈرۈش

بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتنى «ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ (خەت)»كە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. يەنى، بىز پەقەت قارا رەڭنى ئانالىز قىلىپ يېزىق تونۇيمىز (كىتاب كۆرگەندىمۇ ھېچقاچان كىتابنىڭ ئاق قىسمىنى ئوقۇمايمىز ئەمەسمۇ).
ئەسلى رەسىم ۋە يەككە رەڭ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگىنى:
  -->  

بۇ باسقۇچتا رەسىمنى ئانالىز قىلىپ ھەر بىر نۇقتىنىڭ رەڭ قىممىتى 255 (ئاق) ياكى 0 (قارا) بولغان ھالەتكە كەلتۈرىمىز.
كومپيۇتېردا رەسىمنىڭ بىر نۇقتىسىدىكى رەڭ قىزىل (Red)، يېشىل (Green)، كۆك (Blue) رەڭلەرنىڭ 1-255كېچە بولغان نىسبىتى بويىچە ئىپادىلىنىدۇ. يەنى:
Red=RGB(255,0,0)     Green=RGB(0,255,0)      Blue=RGB(0,0,255)
Cyan=RGB(255,255,0)  Magenta=RGB(255,0,255)  Gray=RGB(127,127,127)
Black=RGB(0,0,0)      White=RGB(255,255,255)

بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئالگورىزم (ھېسابلاش ئۇسۇلى 算法Algorithm) ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز (تەقلىدىي كود 伪代码):
  1. 'VB.NET

  2. Dim myColor As Color
  3. Dim gray As Integer
  4. For x = 0 To Picture.Width - 1
  5.     For y = 0 To Picture.Height - 1
  6.         myColor = Picture.GetPixel(x, y)
  7.         gray = myColor.R * 0.3 + myColor.G * 0.59 + myColor.B * 0.11
  8.         If gray > 127 Then gray = 255 Else gray = 0
  9.         Picture.SetPixel(x, y, Color.FromArgb(gray, gray, gray))
  10.     Next y
  11. Next x
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
  1. //C#

  2. Color myColor;
  3. int gray;
  4. for (int x = 0; x <= Picture.Width - 1; x++)
  5. {
  6.     for (int y = 0; y <= Picture.Height - 1; y++)
  7.     {
  8.         myColor = Picture.GetPixel(x, y);
  9.         gray = (int)(myColor.R * 0.3 + myColor.G * 0.59 + myColor.B * 0.11);
  10.         if (gray > 127)
  11.             gray = 255;
  12.         else
  13.             gray = 0;
  14.         Picture.SetPixel(x, y, Color.FromArgb(gray, gray, gray));
  15.     }
  16. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

يۇقىرىقى رەسىمدە چەك قىممەت(阀值) 160 قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، كودقا بولسا كۆڭۈلدىكى قىممەت 127 ئىشلىتىلگەن (يەنى، مەلۇم نۇقتىنىڭ رەڭ قىممىتى مۇشۇ قىممەتتىن چوڭ بولسا ئاق، كىچىك بولسا قارا رەڭگە ئۆزگەرتىمىز). بۇ -ئەمەلىي رەسىمگە ئاساسەن يەككە رەڭگە ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق چەك قىممەتنى تېپىش. ئەمما ماسلىشىشچان چەك قىممىتىنى تېپىش ئەمەس. ماسلىشىشچان چەك قىممەتتە بىر پارچە رەسىمدىكى ئوخشىمىغان قىسىملار ئوخشىمىغان چەك قىممەتتە يەككە رەڭ ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ (بۇنداق بولمىغاندا نۇر چۈشۈش تەكشى بولمىغان بەتلەرنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى يېزىق تونۇلماي قالىدۇ).

بۇنى ئويلىشىش تېمىنىڭ مەركىزىي نىشانىغا ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا كېيىنگە قالدۇرۇلدى. يۇقىرىقى رەسىمنىڭ چەك قىممىتىنى 160 قىلىپ بېكىتىپ تۇرايلى.
ئۆزىمىز بىلىدىغان پىروگرامما تىللىرىنىڭ بىرىدە يۇقارىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقامدۇق؟

پىروگىراممىغا قىزىقىدىغانلار ئاستىدىكى چىپار كود(ئىككىلىك كود)نى سايىلەپ ياكى «شەرەر»، «xarar_09» دەپ ئىزدىتىپ شەرەر سالونىنى قىتىۋالساڭلار بولىدۇ.



مەنبە: شەرەر تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6تەجرىبە +154ئاقچا +20يىغىشسەۋەبى
uyghurdetal + 10مەن قوللايمەن
kerindax + 30ياخشى يازما
mBektur + 20مەن قوللايمەن
qut + 20
Boy卍HEr〇 + 24ياخشى يازما
alip + 50 + 20مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش12ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن9قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

42ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-4-27 16:34:13
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-27 16:36  

OpenCV

گىلەم
شەرەر ۋاقتى: 2017-4-27 01:22:30
بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىڭلار ۋە ئالاقىدار تەجرىبىللىرىڭلار بولسا تېما ئاستىغا قالدۇرساڭلار بىرلىكتە ئورتاقلىشىپ باقايلى. بەلكىم يېڭى ئىدىيە ۋە ئويلار تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئورۇندۇق
p520x ۋاقتى: 2017-4-27 10:33:29
قايسى كۈنى ABBYY FineReader نىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى چۈشۈرگەن ئىدىم ،،،يېزىق تۇنۇتۇش دېگەن يېرىدە ئۇيغۇرچە دەپ تۇردۇ،،، لېكىن تېخى بىرەر پارچە  ۇيغۇرچە خەتنى تونۇتۇپ باقمىدىم ،،، قىزىقىدىغانلار www.dayanzai.me     توردىن  ئىزدەپ ئىشلىتىپ بېقىڭلار ،،،، پىروگرامما بىلگەن بولسام مەنمۇ چوقۇم ئىزدىنىپ باقاتتىم ،،،
5-قەۋەت
appchi ۋاقتى: 2017-4-27 11:05:08
مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئاندىرويىد ئەپ دېتالىنى ئۇچىراتقان  ،  ئۇنىڭدا  30 دىن ئارتۇق تىلدا رەسىمدىكى خەتنى تېكىست كە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىكەن  ،  ئەمما ئۇيغۇر تىلى يوق ئىكەن ، تىل ھۆججەتلىرىنى ئايرىم چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىكەنمىز .
6-قەۋەت
tursunxayar ۋاقتى: 2017-4-27 11:39:19
ئاخىرى چىقسا ياخشى بولاتتى ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچتەك
7-قەۋەت
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-4-27 12:39:30
ھەجەپ قىززىقتۇردىڭىز پىروگىراممىرلىققا . . .  
8-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-4-27 13:32:31
شۇنداقمۇ بازارغا چىقمىدى بۇ نەرسە
9-قەۋەت
ئافغان ۋاقتى: 2017-4-27 14:28:05
ABBYY FineReader بۇ دېتالدا ئۇيغۇرچە دەپ باركەن، ئەمما ھەرىپ يوقكەن، ئۇيغۇرچە ھەرىپ ئورنىدا ئېنگىلىز ھەرىپ ۋە بەلگىلەر بولغاچقا چىقىرىپ بېرەلمەيدىكەن....




ھەم تولۇقمۇ تونۇپ بېرەلمەيدىكەن، بىلىدىغانلار بولسا كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ...
10-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2017-4-27 15:40:53
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئىلىكتىرون  ئۇسكۇنلىرى ئۇستىدە ئىزدىنىپ ئۇن-تىنسىز  توھپە قۇشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا چىڭ كوڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن قۇلۇڭلا ھارمىغاي زېھنىڭلا تېخىمۇ  ئوتكۇر بولغاي ،
11-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-4-27 16:05:56
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-27 16:22  

مەنمۇ بۇرۇن بۇ توغۇرلۇق ئازراق ئىزدىنىپ باققان،
دەسلەپتە نەچچە كۈن ھەپىلىشىپ 0-9 غىچە بولغان رەقەملەرنى تونۇتتۇم،
كىيىن ئاددىي يەككە ھەرىپلەرنى تونۇتتۇم،
ئاندىن باش ئوتتۇرا، ئاياق، يالغۇز كەلگەن ھەرىپلەرنى ئەسلىدىكى تەسۋىر ئۈستىگە جىپىسلاپ قويۇپ تۇرۇپ ئوخشاشلىق نىسبىتى بويىچە بىرمۇبىر ھەرىپلەرنى تىپىپ چىقىشنى ئويلىغانتىم،

دەرۋەقە ھەر ھالدا ئۆلچەملىك يىزىلغان بەزى سۆزلەرنى تىپىپ چىقالىدىم،
لىكىن كىيىن ئويلاپ قالدىم، بۇلارنى بۇنداق ئاسانلا سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق پەرىق قىلغىلى بولمايدىكەن،

يىزىق دىگەن قولدا يىزىلغان بولىشىمۇ، ھەر قانداق خەت نۇسقىسىدا يزىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن،

مەنچە مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە ماتىماتىكىلىق فورمىلا قاتارلىقلار بىلەن بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىكەن،

كىيىن بۇ ئىشلارنى توختىتىپ قويغانچە،

لىكىن يىقىندا ئويلىنىپ قالدىم، بىز تەسۋىر بىر تەرەپ قىلىشنى OpenCV بىلەن بىرلەشتۈرسەك بەلكىم بەزى ئىشلار ئاسانغا توختىشى مۇمكىن




پەقەت نەچچە كۈنلا ئىزدىنىپ باققان بوپتىمەن
كىيىن باشقا ئىشلار...
12-قەۋەت
شەرەر ۋاقتى: 2017-4-27 17:53:48
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2017-4-27 14:05
مەنمۇ بۇرۇن بۇ توغۇرلۇق ئازراق ئىزدىنىپ باققان،
دەسلە ...

شۇنداق، مەيلى ھەرپكە پارچىلاش بولسۇن ياكى ھەرپنى تونۇش بولسۇن بۇلارنى بىر خىل ئۇسۇل بىلەن چىقىرىمەن دېيىش تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان ماتىماتىكىلىق، فىزىكىلىق ۋە باشقا خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. بىر خىل ئۇسۇل بىر قانچە ھەپنى تونىيالىسا شۇنىڭ ئۆزىمۇ نەتىجە. مۇشۇندا پارچە پارچە ئۇسۇللارنى بىرىكتۈرۈپ ئاخىرىدا بىر پۈتۈن نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. چەتئەللىكلەرنىڭ قىلىپ باققان بىر قانچە ئۇسۇللىرىمۇ بار ئىكەن. بىر قانچە خەنچە ئىلمىي ماقالىلەردە OpenCV توغرىسىدىكى گەپلەرمۇ باركەن. قېنى مۇشۇلارنى قىلىپ پىكىر قىلىپ باقايلى. بەلكىم تۇيۇقسىز بىرە ئەقىلگە ئېرىشىپ قالامدۇق تېخى.
13-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-4-27 19:13:13
p520x يوللىغان ۋاقتى  2017-4-27 10:33
قايسى كۈنى ABBYY FineReader نىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى چۈشۈرگەن ...

بىراق ئ‍ۇيغۇرچىنىڭ OCR ھۆججىتى چۈشمەيدىكەن ، باشقا تىللارنىڭكى چۈشىۋاتىدۇ
14-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-4-27 21:55:57
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-27 22:07  

OpenCV نىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كۈچلۈك،
تولۇق پايدىلىنالىساق ئالا بۇلىماچ، ھەر خىل رەڭلىك، ھەر خىل ئۆلچەمدە يىزىلغان يىزىقلارنىمۇ رەڭ بىلەن مۇناسىۋەتىسز رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ ئاخىرىدا پەرىق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ،

دىمەك بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ رەسىمگە قارىتا پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ھەل بولۇپ كىتىشى مۇمكىن،
ھەم OpenCV مۇ سۇپا ئاتلىغان ئوچۇق مەنبەلىك ھەقسىز،

لىكىن بىز دۇچ كىلىدىغان چوڭ مەسىلە:
سىز دىگەندەك بەتنى قۇرلارغا، قۇرلارنى سۆزلەرگە، سۆزلەرنى ھەرىپلەرگە...

ئاخىرىدا مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە شۇلارنى پەرىق قىلىش،
بىز ئامال قىلىپ ھەر قايسى ھەرىپلەرنىڭ قانۇنىيىتى، شەكلىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۇنى پروگرامما ئارقىلىق تەسۋىرلەپ چىقىش، يەنى پروگراممىدا شۇ قانۇنىيەتنى تەسۋىرلەش،

بىز قولدا يىزىلغان بىر خەتنى كۆرسەك دەقىقە ئىچىدە شۇ خەتنى پەرىق قىلىپ بولالايمىز،
دىمەك بىزنىڭ شۇ خەتنى تونۇشىمىزغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان، نەرسە بار،
يەنى بىزنىڭ خاتېرىلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا شۇ ھەرىپلەرنىڭ تەسۋىرى ساقلانغان،
كاللىمىزدا شۇ ھەرىپلەرنىڭ تەسۋىرى قانۇنىيىتى ئورناپ كەتكەن، بىز كاللىمىزدىكى شۇ قانۇنىيەت بويىچە دەرھال شۇ يىزىقنى پەرىق قىلالايمىز....
ئىنتايىن نازۇك جەريان...

مىنىڭ ئويلىغىنىمدا:
ئەڭ ئاۋال OpenCV دىن ئۆتكۈزۈلۈپ مۇناسىۋەتسىز تەركىبلەر سۈزىۋىتىلگەن، پارچىلىنىپ بولغان ھەرىپلەرنى يەنىمۇ OpenCV ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەپ شۇ ھەرىپنىڭ ئىسكىلىتىنى ئىپادىلەپ چىقساق
ئاندىن SVG غا ئوخشاش مەلۇم قانۇنىيەت، فورمۇلالار ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن قىلىپلارغا شۇ ھەرىپنىڭ ئىسكىلىتىنى كىرگۈزسەك...

ئىشقىلىپ مىنىڭ ئويلىيالىغىنىم مۇشىنچىلىككەن،
قالغىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى...

ئامال قىلىپ بىز ھەرىپلەرنى ئىسكىلىتقا ئايلاندۇرۇپ SVG غا ئوخشاش ئۆزىمىز بەلگىلىگەن فورمۇلا، قانۇنىيەت بويىچە ساقلاپ ئاندىن كىيىن شۇ قانۇنىيەت بويىچە باشقا ھەرىپلەرنى پەرىق قىلساق...
ئەگەر خالايدىغانلار بولسا بىر مۇزاكىرلىشىپ مۇلاھىزە قىلىپ قول تىقىپ باقىمىز.
15-قەۋەت
yiltizboston ۋاقتى: 2017-4-27 22:23:24
【维文识别维吾尔文OCR识别SDK藏文识别阿拉伯文识别VIN码识别】,点击链接再选择浏览器打开http://c.b0yp.com/h.g4SnWN?cv=NI7WZtDitQM&sm=ecf634,或复制这条信息¥NI7WZtDitQM¥后打开
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى