+تېما يوللاش
uyghurيوللانغان ۋاقتى:2017-9-7 09:42 2504 قېتىم كۆرۈلدى23 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-9-7 09:42  

كۆچمە چىقىم قىلىش ناھايتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ؛ ئادەتتىكى دۇكانلارغا كىرسەكمۇ ئۈندىدار ياكى ئالىپاي ئارقىلىق چىقىم قىلىپلا مال سېتىۋالالايمىز. شۇنداقتىمۇ نەقپۇل يەنىلا زۆرۈر. ئالىپاي ياكى ئۈندىداردىكى پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇ پۇلنى ئاۋال بانكا كارتىسىغا ئاغدۇرۋېلىپ ئاندىن  ATM دىن ئالاتتۇق. بۇ جەريان سەل ئاۋارىچىلىق، ھەم ئۈندىداردا بۇ خىل يۆتكەشكە مۇلازىمەت ھەققى تۇتىۋالىدۇ. كۆپىنچىمىز ئۈندىداردىكى ۋە ئالىپايدىكى پۇلنى بىۋاستە ئالغىلى بولسا تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى-ھە، دەپ ئويلىغان. بۇ ئارزۇ ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.

لەنجۇ بانكىسى تۇنجى بولۇپ، ئۈندىدار، ئالىپايدىكى پۇلنى ATM (ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇ) دىن بىۋاستە ئېلىشنى يولغا قويدى. مەشغۇلات جەريانى ئىنتايىن ئاددىي. ئۈندىدار، ئالىپايدا پۇلىڭىز بولسا ياكى پۇل بار كردېت كارتىسىغا باغلانغان بولسا، ATM غا ئالىدىغان پۇل سوممىسىنى كىرگۈزۈپ ئاندىن ئۈندىدار ياكى ئالىپايدا ATM دىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ، چىقىم قىلىش پارولىنى كىرگۈزسە پۇل چىقىدىكەن. يانفونلا بولسا بانكا كارتىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن گەپ.
ئۈندىدار، ئالىپايدا ATM دىن پۇل ئېلىشتىكى بىر قېتىمدا كۆپ بولغاندا 5000 يۈەن، بىر كۈندە 20000 يۈەن ئالغىلى بولىدىكەن.

ئىلگىرى ئايفوندا بەزى بانكىنىڭ ATM دىن پۇل ئالغىلى بولىدىغان قىلغان. خېلى كۆپ بانكا ATM نى ئۆزگەرتىپ Apple Pay دىن نەقپۇل ئېلىشنى قوللايدىغان قىلغان. ئەمما جۇڭگودا ئالما چىقىمدانى ئىشلىتىدىغانلار نىسبەتەن ئاز. ئالما چىقىمدانى ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە ئالىپاينىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرەلمەي قالدى.
لەنجۇ بانكىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن كېيىن قالغان بانكىلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۈندىدار، ئالىپايدىكى پۇلنى ATM دىن بىۋاستە ئېلىشنى يولغا قويۇشى ئېنىق.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن8قوللىمايمەنقوللىمايمەن

23ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
alfa215 ۋاقتى: 2017-9-7 10:51:54
ۋاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ جۇمۇ،  بۇ قەشقەر  تەرەپلەرگە قاچان يىتىپ كىلەر
گىلەم
چوغ ۋاقتى: 2017-9-7 10:54:29
تەرەققىيات نىمە دېگەن تىز بىز بۇياقتىن مۇنداق نەرسىلەر چېقسا دەپ بولغۇچە چېقىپ بولىدىغان.رەھمەت بەك ياخشى تېما بوپتۇ يېڭى چېققان تىخنىكىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
ئورۇندۇق
oguzhan ۋاقتى: 2017-9-7 11:05:16
ماۋۇ ياخشى ئىشكەن، مەن بىر قىسىم پۇلنى 余额宝 دا ساقلايتتىم، لازىم بولغاندا بانكا كارتىسىغا ئاغدۇرۇپ، ئاندى كارتىدىن ئېلىپ بەك ئاۋارىچىلىق بوپ كەتكەن، ماۋۇ ئىش تېزراق ئەمەلگە ئاشسا ياخشى بولاتتى.
5-قەۋەت
(tan:ha:boy)? ۋاقتى: 2017-9-7 11:09:34
ۋاھ ئەجەب ياخشى ئىش بۇپتىغۇ باشقا بانكىلارمۇ تېزراق قوللانسا بولاتتى تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
6-قەۋەت
mingyil2013 ۋاقتى: 2017-9-7 11:13:13
بۇ يېڭىلىق بولىدىكەن. بانكىلارغا يەنە بىر قىتىم ئىغىر بىسىم بولدىغان بولدى بۇ ئىش ئەمدى.
7-قەۋەت
گۈللە ۋاقتى: 2017-9-7 11:16:52
بۇ ياخشى خەۋەركەن ،بۇ تەرەپلەرگىمۇ تېزەرەك ئوموملاشقان بولسا ياخشى بۇلاتتىكەن ، بۇنىڭدا ۋاقىت خېلى تىجىلىپ قالغۇدەك  
8-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-9-7 12:25:12
نىمىدىگەن ياخشى،  بۇ تەرەپلەردە تىزراق يولغا قويۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،  
9-قەۋەت
margan65 ۋاقتى: 2017-9-7 12:30:43
ماڭا. نىسبەتەن.  يامان. خۇشاللىنارلىق ئىش. بوپتۇ بۇ.
10-قەۋەت
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2017-9-7 12:54:18
ۋاھ يىڭىلىق كەنغۇ ماۋۇ
11-قەۋەت
ablatjan0997 ۋاقتى: 2017-9-7 13:13:05
بۇ ناھايىتى بەلەن ئىش بولۇپتۇ ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى  تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەپ  كېتىۋاتىدۇ . كۆپ رەھمەت.
12-قەۋەت
浪漫小子 ۋاقتى: 2017-9-7 14:15:20
نىمىدىگەن قۇلايلىق،دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ ھازىر
13-قەۋەت
司令 ۋاقتى: 2017-9-7 14:38:34
تەرەققىيات
14-قەۋەت
siythan ۋاقتى: 2017-9-7 14:40:39
ناھايتى ياخشى بوپتۇ  تىزىراق  بۇ تەرەپلەرگە كەلسە  بولاتىى
15-قەۋەت
xereli132 ۋاقتى: 2017-9-7 15:14:42
پىچەتقۇ ، ئۇنداق بولسا ئىشلىرىمىز تخىمۇ قولايلىق بولىدىغان بولدىدە
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى