+تېما يوللاش
uyghurdetalيوللانغان ۋاقتى:5 كۈن بۇرۇن 2273 قېتىم كۆرۈلدى24 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مۇئەللىم، ئېلىپبەنى قايتا ئۆتۈڭچۇ

« قۇۋان تازنىڭ بالىلىقى » ناملىق ئۇلانما يازما چايخانا سالونىدا ئېلان قىلىنىدۇ، باشقا سالون ياكى تور بەتكە كۆچۈرىدىغانلار مەنبەسى چايخانا سالونىنى ئەسكەرتىپ قويساڭلار.

قۇۋان تازنىڭ بالىلىقى
alxir
4 - قىسىم
مۇئەللىم، ئېلىپبەنى قايتا ئۆتۈڭچۇ


ئېلىپبەنى تۇنجى قېتىم ئۆگەتكەن مۇئەللىمىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ ساۋاتىڭىزنى چىقارغان مۇئەللىمچۇ؟ تۇنجى سائەت ماتېماتىكا دەرسىنى كىم ئۆتكەن؟ قايسى مۇئەللىملەردىن قورقۇپ قايسىنى بوزەك قىلاتتىڭىز؟
مۇشۇ كىچىكىمدە مەكتەپكە بەك ئامراق بولسام كېرەك، ئالتە ياش ۋاقتىمدا ئاكامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بىر يىل بۇرۇن مەكتەپكە كىرىۋېلىپ، ساننىڭ سىرتىدا زاپاس ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇغان ئىدىم.

شۇ چاغدا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئاز بولغاچ بىر ئوقۇتقۇچى بىر قانچە پەندىن دەرس بېرىدىغان ئىش جىق ئىدى. تۇنجى قېتىم ئېلىپبە ۋە ماتېماتىكىدىن دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچۇم تۇخان خانىم ئىدى. بىز تەرەپتە ئەر ئوقۇتقۇچىنى مۇئەللىم ( ئېغىزدا مەلىم)، ئايال ئوقۇتقۇچىنى خانىم دەيتۇق. شۇڭا خانىم دەۋەردىم.
شۇ چاغدا تۇخان خانىم ئەللىككە يېقىلاپ قالغان چاغلىرىمىكىن دەيمەن، شۇنداقتىمۇ بەك جانلىق ھەم ئاچچىقى يامان ئىدى. بالىلاردا كىتابمۇ تولۇق ئەمەس، بىر ئېلىپبەنى ئىككى - ئۈچ بالا تەڭ ئۆگىنەتتۇق.

تۇخان خانىمنى ئىسمىغا يۆگەپ « توخۇ » دەۋالاتتۇق. دوسكىغا چىقىرىپ، ھەرپلەرنى يازغۇزاتتى. يازالمىسا ئازراق دەپ بېرىپ يېزىشقا ئۈندەيتى، يەنە يازالمىسا بېشىدىن تۇتۇپ دوسكىغا بوشراق ئۈسۈتۈپ قوياتتى ۋە : « ما دوسكىغا ئۈسسىگىنىڭ ئېسىڭدە بولسۇن، ئاتا - ئاناڭ بىزدەك ساۋاتسىز قالمىسۇن دەپ مەكتەپكە ئوقۇغىلى ئەۋەتسە بىكار ناننى يەپ يۈرەمسەن؟ ساۋاتىڭ چىقماي ئەتە ئۆگۈن بىرەر توختامغىمۇ ئىسمىڭنى يازالماي ئۆتۈپ كەتمە » دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى.
بۇنداق دوسكىغا ئۈسسىگەن بالىلارنى توخۇ چوقۇۋالدى دەپ قوياتتۇق. لېكىن شۇ چاغدىكى بالىلارنىڭ كەپسىزلىكىگە قاراپ پات - پات چوقۇپ قويۇشمۇ ھەق ئىدى، چۈنكى بەزى بالىلار دەل شۇنداق دوسكىغا ئۈسسىمەسلىك ئۈچۈن ئۆگىنىپ ساۋاتى چىقىپ قالاتتى.

شۇ تۇخان خانىمنى ھەممە ئىشقا ئېپى بارمىكىن دەيمەن، بالىلارغا ھەرپلەرنى ئەستە ساقلىتىمەن دەپ ئېلىپبە ناخشىسى ئۆگىتەتتى.

ئا، ئا، ئايدىكى ئا،
ئە، ئە، ئەينەكتىكى ئە.
ئې، ئې، ئېيىقتىكى ئې،
ئى، ئى، ئىلمەكتىكى ئى

دەپ ئاھاڭغا سېلىپ، ھەرىكەتلىرى بىلەن ئوقۇيتۇق. دەم ئېلىشتا شوخراق بالىلار تېخى بۇ ئېلىپبە ناخشىسى لەپەر قىلىپ ئۇسسۇل ئوينىغاچ ئوقۇسا، سىنىپتىكى بالىلار كۈلۈپ تېلىقىپ قالاتتۇق.

ساۋاتىمىز چىقىپ تۇنجى ئوقۇغان تېكىستىمىز « غۇنچەم » ئىدى. بۇ تېكىستنىڭ بېشىنى ھەممىڭلار يادىغا بىلىسىلەرغۇ دەيمەن.
غۇنچەم مەكتەپتىن ناھايىتى خۇشال ھالدا قايتىپ كەلدى، دە دادىسىغا : - دادا، مەن ئېلىپبەنى تۈگەتتىم، - دېدى.

تېخى ساۋاتى چالا چىققان بالىلارمۇ يېنىدىكى بالىلار غۇنچەمنى ئوقۇۋەرسە يادىلىۋېلىپ، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە شۇ كۈنى ئۆتكەن تېكىستنى ئوقۇپ بېرىدىغان ۋەزىپىسىنى « شار - شۇر ئوقۇۋېتىپ » ئۆيىگە كېتەتتى، يۇ كېيىنكى كۈنلەردىكى تېكىستلەرنى ئوقۇيالماي بىر كەچكە قالاتتى.

ماۋۇ سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى ھەممىڭلار سۇدەك بىلىسىلەر ھە قاچان.

مۇشۇنى يادلىغاندا

يامۇلدا تولا يېتىپ،
چېچىم بىر قۇچاق بولدى.
يامۇلنى تېشەر چاغدا،
قۇيرۇقۇم پىچاق بولدى.

دەپ يادلاپتىكەنمەن.  سەل چوڭ بولۇپ بىلسەم قوۋۇرغا ئىكەن، شۇ چاغدا سادىر پالۋاننىڭ قۇيرۇقى بار دەپ ئويلاپ قالغان بولغىيمىتىم تاڭ.

ئېلىپبەدىن ساۋاتىمىز چىقىپ، ھېلىقى تېشىدا ئۆردەك چۈجىسى تۇتۇپ تۇرغان بالىنىڭ سۈرىتى بار ماتېماتىكا كىتابى قوشۇلدى. بۇرۇنقىدەك تۇخان خانىم دوسكىغا يېزىپ بەرگەن بىردىن يۈزگىچە سانلارنى يېزىپ يادلاشتىن ھەقىقىي كىتابنى ئۆگىنىشكە چۈشتۇق.
ماتېماتىكىدىكى رەسىملەرگە ئامراق ئىدىم، ساۋاتسىز بالىلارمۇ رەسىمگە قاراپ قوشۇش ئېلىشنى ئاسانلا ئۆگۈنۈۋالاتتى.

شۇنداق قىلىپ بىرىنچى يىللىق ھاياتىمىز ئاخىرلىشىپ ئىككىنچى يىللىققا چىقتۇق، ئېلىپبە ئورنىغا ئەدەبىيات ئالماشتى، يەنە تەبىئەت، جەمئىيەت، ئىدىيە - ئەخلاق، مۇزىكا، گۈزەل - سەنئەت دېگەن دەرسلەر قوشۇلدى.
لېكىن ئۈچىنچى يىللىققا چىققۇچە قېرىنداش قەلەم ئىشلىتىشىمىز شەرت ئىدى. ساۋاتى تولۇق چىقىپ ھەرپلەرنى پەرق ئەتسۇن، خېتى سەت بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۈچىنچى يىللىققىچە قېرىنداش قەلەمدە خەت يازاتتۇق.

ئۇ چاغلاردىكى دەرسلەر كۆڭۈللۈك ئىدى. تەبىئەت دەرسىدە مۇئەللىم ئىككى تال قەغەز ئىستاكاندا تېلېفون ياساپ كېلىڭلار دېسە، باشتا يىپىنى قىسقا قىلىپ ياساپ تامنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ بىر - بىرىمىزگە گەپ قىلىپ ئاڭلانسا بەك خۇش بولۇپ، خۇددى ئىدىسۇن لامپۇچكا كەشىپ قىلىپ دۇنيانى ئۆزگەرتكەندىكى ھاياجانغا چۈمگەن ئىدۇق.

كېيىن تېخى قوشنىمىزنىڭ بالىسى بىلەن بىر مۇنچە يىپنى بۇزۇپ ئىككى ئۆينىڭ ئارىسىغا مۇشۇنداق تېلېفون تارتىپ، ئوينىغاندا مۇشۇنىڭدا چاقىرىمىز دېگەنلىرىمىز قىزىق ئىدى.

ئىدىيە - ئەخلاق دەرسىدىكى مەسەل، چۆچەك، ئىبرەتلىك ھېكايىلەر قىزىق ئىدى. كۆتەك تۈۋىدە توشقان كۈتۈش، مىڭزىنىڭ مەكتەپكە بېرىشى دېگەندەك ھېكايىلەرنى قىزىقىپ ئوقۇيتۇق.

مۇزىكا دەرسىمىزدە ئۆگەنگەن ناخشىلار ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە. « مەن ئوقۇيمەن شاد - خۇرام، ئىلىم - پەنگە ئامراقمەن »، « جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار »، « ئاپام مېنى ئاي دەيدۇ »، « مەن يۇلغۇننى ياخشى كۆرىمەن »، « ئەتىرگۈل » دېگەن ناخشىلارنى ئىمام بارات دەيدىغان بىر مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ئوقۇيتۇق.
بۇ مۇئەللىمنىمۇ دەرسىگە يۆلەپ

ئىمام بارات،
دىڭگىل تارات.
بالىلىرىنىڭ نان دېسە،
ساندۇقىڭنى كولدۇرلات.

دەپ قوشاققا قاتاتتۇق. قانداق بالىلار تاپىدىن دەپ قالاتتىم مۇشۇنداق قوشاقلارنى. لېكىن بۇ مۇئەللىمنىڭ قاپىقى تۈرۈك تۇرغىنى بىلەن ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ - تىللىمايتى. تاكى بىز ئۆگەنگىچە، ئاۋازىمىز قايمىغۇچە سەۋر قىلىپ ئۆگىتەتتى. بەزىدە داپ، راۋاب ئېلىپ كىرىپ، « مەن تەڭكەش قىلىمەن، سىلەر ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇيسىلەر، كىم بۇزۇۋەتسە شۇنى ئايرىم ئوقۇغىلى سالىمەن » دەيتى ھەم نوتىغا ماسلاشتۇرۇپ چېلىپ كېتەتتى.

يەنە شۇ مۇئەللىم دەرستىن چۈشۈپ چىقىپ كېتىشىگە سىنىپتىكى شوخ بالىلار پارتا - ئورۇندۇقلارنى چېلىپ، ئۇ مۇئەللىمنى دوراپ ناخشا ئېيتسا بىر نەچچىسى مۇنبەرگە چىقىۋېلىپ قاش - كۆزلىرى غەلىتە قىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ سىنىپتىن ئوت چىقىرىۋېتەتتى.

ئۇ چاغلاردا مەكتەپلەردە تېخى توكمۇ تۈزۈك ئومۇملاشمىغان، مەكتەپنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى داڭ دەۋالغان بىر يۇمىلاق تۆمۈرنى تاش بىلەن ئۇرۇپ دەرسكە كىرىش - چىقىشنى ئەسكەرتىپ يۈرىيدىغان بولغاچ، سىنىپ مۇشۇنداق قىزىپ كەتكەندە داڭ چالغاننى ئاڭلىماي مۇئەللىملەر ئىشىك تۈۋىگە  كەلسىمۇ « ئوت چىقىرىۋاتقانلار » كۆرمەي، مۇئەللىممۇ بىزمۇ كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايتى.

شۇنداق قىلىپ شۇ دەرسلىك كىتابلارنى ئوقۇپ بولغاندا، ئەمدى بۇ كىتابلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ دەپ شۇ چاغدىكى بەزى كىتابلىرىمنى پاخپاق ياساپ ئويناپ كەتكەن ئىدىم.

مانا ھازىر شۇ كىتابلارنى ئىزدەپمۇ تاپالمايمەن. ساقلاپ قوياي دېسەممۇ يوق.

شۇ ساۋاتىمنى چىقارغان، بىزلەرگە مېھرىنى بېرىپ، مەكتەپكە بارمىساق ئۆيىمىزگىچە كېلىپ، قايسى پەن دەرس بۆلسە ۋايسىماي ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆتكەن، بىزنى قارا قۇرساق قالمىسۇن دەپ ئانچە - مۇنچە دۈشكەللەپ قويسىمۇ لېكىن ئىچىدىن چىقىرىپ ئۇرۇپ باقمىغان شۇ ئوتقۇچىلىرىم ھازىر ھاياتمۇ يوق بىلمەيمەن.
ئەگەر شۇلار ھايات بولسىدى بور تۇتقان شۇ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ رەھمىتىمنى ئېيتىۋالسام، ماڭا سۆزلەپ ھارمىغان ئېلىپبە، ماتېماتىكا، ھەممە دەرسنى قايتا شۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن ئاڭلىۋالسام ...

بۈگۈن جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بايرىمى ئىكەن، شۇ سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز سىزدىن ھېچنىمىنى كۈتمەيدۇ، ئۇلارغا بىرەر سوۋغا - سالام ئالمىسىڭىزمۇ بىر تېلېفون قىلىپ ياكى بىرەر پارچە ئۇچۇر يوللاپ ئەھۋال سوراپ، ئۆزىڭىزنىڭ رەھمىتىنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ.


ئاتا - ئانىڭىز، ئاچا - سىڭىللىرىڭىز، ئاكا - ئۇكىلىرىڭىز ياكى لايىقىڭىز ئوقۇتقۇچى بولسا دەيدىغان گېپىم

ئۇلارنى ئەپ چىقىپ بولدى دېگۈچە مېھمان قىلىڭ.
ئەي سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلار، سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايمەن، يازمىنى تارقىتىش سىلەرگە قالدى. بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.


چايخانا سالونىدىن ئېلىندى.
ID:chayxana

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30يىغىشسەۋەبى
secret + 30

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن6قوللىمايمەنقوللىمايمەن

24ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
secret ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈرش،،،،،،،،،،،،،

شۇ جاپاكەش ئۇستازىمنى بىرنەچچە قېتىم ئىزدەپ باردىم ، لىكىن كۈرىشەلمىدىم .
چىرايى شۇنداق ئىنىق يادىمدا،، بەكمۇ مىھىرلىك ئىدى.

بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!
گىلەم
XaTuR007 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
بۇ تېمىنى ئوقۇپ كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى بوپ قالدى
ئورۇندۇق
yasman ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
رەھمەت قىرىندىشىم باللىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم ، ،
رەھمەت سىزگە ، ئاخىردا بارلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ بايرىمنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن ، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، سىلەر جاپا چەكتىڭلار ··
5-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
ئورغاق ئايغا ئولتۇردۇم ،
ئاي بولدى كىچىك كىمەم .
كۆردۈم سانسىز يۇلتۇزنى ،
كۆك ئارا كىزىپ ھەردەم ....

16 يىل مۇقەددەم ،
بەزى ئەسلىمىلەر مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ ،
ياش قانچە چوڭ بولسىمۇ ئويلىغاندا مارجان كەبى ياشلار ئىختىيارسىز تۆكۈلىدۇ ، يۈزلەر سېغىنىشلىق كۈلۈمسىرەيدۇ ........
6-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
مۇئەللىم قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەل ،چاڭقىغان دىللارنى سوغارغۇچى سۈزۈك بۇلاق ،بارلىق ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمنى بەك سېغىندىم.
7-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
بەك ئېسىل تېما بولۇپتۇ. بالىلىققا قايتقاندەك بولدۇم.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارچە جاپاكەش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
8-قەۋەت
خام ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
باشلانغۇچتىكى ھاياتنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز دە، بىزنىڭ باشلانغۇچ ھاياتىمىز بىلەن بەكلا ئوخشىشىدىكەن، ئوقۇتقۇچىلارنى چاقىرىشلىرىمىزدىن باشلاپ
9-قەۋەت
alpidapida0997 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
ۋاھ بەك ياخشى تېما بۇپتۇ ، بۇرۇنقى چاغلارنى ئەسلەپ ،بۇرۇنقى چاغلارغا قايتقىم كەپكەتتى دىسە ، ھەييي... بالىلىق غەمسىز چاغلارھە!
10-قەۋەت
alpidapida0997 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
راس ئۇ چاغدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەنمۇ جاپا تارتقان  
خانىمنىڭ قىشتا مەشكە ئوت قالاپ بولغۇچە  ئسنىڭ دەستىدىن يۈتلۈپ كۆزلىردىن ياش چىقىپ كېتەتتى، ھەييىىىىىى بىچارە مۇئەللىم نەدە قانداق تۇرۋاتقانسىز؟
11-قەۋەت
永远爱情)╲_╲_ ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
مەن يىغلىۋېتەي دەپ قالدىم ، بەك ھاياجانلاندىم ، ھەي ئىسىت نىمىشقا شۇ چاغدا ياخشى ئۇقۇۋالمىغاندىمەن ، قەدىرلىمگەندىمەن، ئەمدى بەرىبىر كىچىكتىم باللىققا قايىتقىلى بولمايدۇدە
12-قەۋەت
吾卜力艾山 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
ئۇ ۋاقىتلار ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىتلار ئىدى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىمۇ جىق ئىدى   شۇ جاپاكەش  ئۇستازلارغا ھەممىمىزبايراملىق سالام يوللايمىز
13-قەۋەت
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
مانى ئوقۇپ يېغا تۇتۇۋالدى ،بەك سېغىندىن شۇ چاغلىرىمنى
14-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
تال چىۋىقنى ئات ئەتكەن،
ئەي بالىلىقم قايدا سەن،
15-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
باشلانغۇچتىكى شۇ مۇئەللىملىرىمنى ئويلاپ قالدىم ،
باشلانغۇچ ھاياتى نىمە دىگەن گۈزەل ئىدى ھە  
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى