+تېما يوللاش
esirيوللانغان ۋاقتى:6 كۈن بۇرۇن 1776 قېتىم كۆرۈلدى16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-8 10:37  

بارماقدېسكىدىن سىستېمىنى قوزغىتىش دېسكىسى ياساش


بەزىدە سىستېما ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە باشقا بۇزغۇنچىلىقلار تۈپەيلىدىن مۇھىم سىستېما ھۆججەتلىرى يوقاپ كېتىش، بۇزۇلۇپ كېتىش سەۋەبلىك، كومپيۇتېر نورمال قوزغىلالماسلىق ياكى قوزغالسىمۇ نورمال خىزمەت قىلالماسلىق مەسىلىلىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز. بۇنداق ۋاقىتتا، يېنىمىزدا بىر تال بارماقدېسكا بولسىلا سىستېمىنى بارماقدېسكىدىن يېتەكلەپ، كومپيۇتېرىمىزنى ئوڭشاشقا ئامال بار.
بارماقدېسكىنى قوزغىتىش دېسكىسى قىلىپ ياساشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتاللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بىز تۆۋەندە ئىقتىدارى بىر قەدەر تولۇق، ئۆزى يەڭگىل ۋە ئەپچىل بولغان USD (U深度) يۇمشاق دېتالىنى مىسال قىلىمىز.
1. ئالدى بىلەن يۇمشاق دېتالنى توردىن چۈشۈرىمىز. ئورگان تەرەپ تور ئادرېسى: www.ushendu.com تور بەت ئېچىلغاندىن كېيىن، 下载装机版 دېگەن ئۇلانمىنى چەكسەك، كومپيۇتېردىكى چۈشۈرۈش قورالى قوزغىلىدۇ، چۈشۈرگەن ھۆججەتنى ساقلايدىغان مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.

چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن رەسىمدىكىدەك ھۆججەت پەيدا بولىدۇ:

2. قاچىلاش ئۈچۈن بۇ ھۆججەتنى قوش چېكىپ ئىجرا قىلساق، قاچىلاش يېتەكچىسى قوزغىلىدۇ:

«كېلىشىمگە قوشۇلۇش» قا بەلگە ئۇرۇپ، «كېيىنكى قەدەم» (下一步) نى باسىمىز. قاچىلىنىدىغان مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان رامكا چىقىدۇ، چېقىلمايلا «قاچىلاشنى باشلاش» (开始安装) نى باسساق قاچىلاشقا باشلايدۇ. قاچىلاش تاماملانغاندا رەسىمدىكىدەك كۆرۈنمە يۈز چىقىدۇ:

打开U深度官网 دېگەن تاللاشنى بىكار قىلىۋېتىپ، 开始体验 نى باسساق، قاچىلاش ئاياغلىشىپ، پروگرامما قوزغىلىدۇ.

3. بۇ باسقۇچتا بارماقدېسكىنى تەييارلىۋالىمىز. بارماقدېسكىدىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىمىزنى ۋاقتىنچە كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈپ قويۇپ كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالساق بولىدۇ. بارماقدېسكىنىڭ سىغىمى 1 گېگابايتتىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر گوست سىستېمىلارنى بارماقدېسكىغا بىللە كۆچۈرمەكچى بولساق تېخىمۇ چوڭراق سىغىم لازىم بولىدۇ.

4. پروگرامما ئىجرا بولغاندىن كېيىنكى كۆرۈنمە يۈز ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى. بارماقدېسكىنى كومپيۇتېرغا چاتقاندىن كېيىن، رەسىمدىكى 1- رامكىدا بارماقدېسكىنىڭ ئۆزەك تىپى، سىغىمى كۆرۈنىدۇ، ئەگەر كومپيۇتېرغا بىردىن ئارتۇق بارماقدېسكا (ياكى باشقا يۆتكەلمە ساقلىغۇچ) ئۇلانغان بولسا بۇ يەرگە قاتتىق دىققەت قىلىڭ، خاتا تاللاپ قويسىڭىز، سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.

رەسىمدىكى 1- تۈردىن بارماقدېسكىنىڭ تىپى ۋە سىغىمىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرىسىز. 2- تۈر ھۆججەت سىستېمىسىنىڭ تىپىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا چېقىلماڭ، 3- تۈرگە كەلگەندە تاللىمىسىڭىزمۇ ياكى NTFS نى تاللاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ (كېيىن ئۆزگەرتكىلىمۇ بولىدۇ). NTFS نى تاللىسىڭىز، بارماقدېسكىنى كېيىن يانفونغا چېتىپ ئىشلىتىش ئېھتىياجى بولسا يانفون نورمال تونۇمايدۇ،  لېكىن تاللىمىسىڭىز يەككە سىغىمى 4 گىگابايىتتىن چوڭ بولغان ھۆججەتنى قوللىمايدۇ. بۇ ئىككىلا مەسىلىنى ئەپچىل ھەل قىلىدىغان ئۇسۇل بار، ئۇنى كېيىنكى دەرسلىرىمىزدە داۋاملىق سۆزلەيمىز.
ئاندىن [一键制作启动U盘] نى باسسىڭىز بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىرىدۇ.

بۇ ئۇچۇرنىڭ مەنىسى «بارماقدېسكىدىكى بارلىق ھۆججەت يوقىلىپ كېتىدۇ، داۋاملاشتۇرامسىز» دېگەنلىك بولۇپ، «جەزملەش (确定)» نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن بارماقدېسكا قوزغىتىش دېسكىسى تەييار بولىدۇ ۋە تەقلىدىي سىناپ كۆرۈش كۆرسەتمىسى چىقىرىدۇ، بۇنى سىناپ كۆرسەك ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ.

5. «كومپيۇتېرىم» كۆزنىكىگە قايتىپ، بارماقدېسكىنى قايتىدىن فورماتلىۋېتىپ، ئەسلىدىكى ھۆججەتلىرىمىزنى (دەسلەپتە كومپيۇتېرغا زاپاسلاپ قويغان) ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالساق بولىدۇ. فورماتلىۋەتسەك قوزغىتىش دېسكىسى بۇزۇلۇپ كەتمەمدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن، بۇ پروگرامما بارماقدېسكىدا 500 مېگابايىتلىق ئايرىم رايون قۇرۇپ، سىستېما ھۆججەتلىرىنى شۇ رايونغا يېزىپ، ئاندىن بۇ رايوننى يوشۇرۇۋەتكەن بولغاچقا، سىز قىلغان بارماقدېسكا ئىچىنى فورماتلاش ياكى ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى بۇ قوزغىتىش دېسكىسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

سىز «كومپيۇتېرىم (计算机)» نى ئوڭ چېكىپ، «باشقۇرۇش (管理)» تاللاپ، چىققان كۆزنەكتىن «ماگنىتلىق دېسكا باشقۇرۇش (磁盘管理)» نى چەكسىڭىز (يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك) بۇ بارماقدېسكىدا ئىككىدانە رايون بارلىقىنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەردىكى 500 مېگابايتلىق يوشۇرۇن رايونغا چېقىلمىسىڭىزلا، 计算机 ئىچىدىن بارماقدېسكىنى فورماتلىسىڭىز، 2-رايوننى فورماتلىغان بولىسىز ۋە نورمال ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

تۆتىنچى باسقۇچتا ئېيتىلغان بارماقدېسكىنى ھەم يانفون نورمال تونۇيدىغان، ھەم يەككە 4 گىگابايتتىن چوڭ ھۆججەتنى قوللايدىغان قىلىش ھەققىدە ئايرىم دەرس يوللىنىدۇ.

مەسىلە بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ، بىرلىكتە ئىزدىنىمىز.

بوستان كومپيۇتېر تېخنىكا سالونى تەييارلىدى.
ھەمبەھرىلەش: QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپQQ ھويلىسىQQ ھويلىسىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش26ھەمبەھرھەمبەھرقوللايمەنقوللايمەن6قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
bengbash ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
ياخشى تېما بوپتۇ. مەن ئادەتتە 大白菜 نى ئىشلىتەتتىم.
NTFS شەكلىدىكى بارماق دېسكىنى 一加5 تېلېفونۇم نورمال تونۇۋاتىدۇ، شۇڭا يانفۇن تونۇمايدۇ دېسەك بولمىغۇدەك. يەنە باشقا تېلېفونلارمۇ NTFS شەكىلدىكى بارماق دېسكىنى تونۇشى مۇمكىن.

باھا سۆز

ئاندىرويىد نەشرى 6.1 دىن باشلاپ نورمال تونۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، بۇ ي...  ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
گىلەم
25yax ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
بولسا بىر تەپسىلاتنى تۇلۇق يازسىڭىز بۇپتىكەن، قايسى كۇنۇپكا ئارقىلىق قوزغىتىمىز، قايسى خىل ئۇسۇلدا  ئوڭشايمىز دىگەندەك

باھا سۆز

ىقوزغىتىش دېسكىسى ياساش ئۇسۇل تەپسىلىي بولدى، سىستېما قاچىلاش ئۇسۇلى با...  ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
5-قەۋەت
oyqil ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
سېستىمىسى بۇزۇلغان كومپىيوتۇرنى بارماق دېسكا ئارقىلىق قوزغۇتۇپ ، ئېكران يۇزىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۇرۋالغىلى بولامدۇ ؟ كۆچۇرۋالغىلى بولسا قانداق ئۇسۇلدا كۆچۇرۋالغىلى بولىدۇ ، مەسلىھەت بەرسىڭىز ؟ رەھمەت !!!!!
6-قەۋەت
ئىقرار ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
مەندە بىر دانە 128gb لىق  بارماق ، دېسكا بار ئىدى.NTF شەكلىدە قوزغىتىش پروگراممىسى يازغان ئىدىم،  يان تېلېفون ھە تېلېۋىزور ھېچقايسى تونۇمىدى. بارماق دېسكىنىڭ چوڭلۇقى تۈپەيلىدىن تونۇمىدىمۇ ياكى. يۇقارقى تورداش دېگەندەك مەسىلە كېلىپ چىقتىمۇ بىلمىدىم. بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن. قايسى فورمات شەكلىدە فورماتلىسام ئوڭشىلىدۇ؟  فورمات شەكلىنى ئۆزگەرتسەم قوزغىتىش دېسكىسى بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ.
7-قەۋەت
esir ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
كومپيۇتېر ئالدىغا كەپ بولالماي، بىر بىرلەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ بولالمىدىم، بۇ ئىنكاسىمدا ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە بىرلا جاۋاب بېرىپ ئۆتەي:
@bengbash
@ئىقرار
بارماقدېسكىنى exFAT شەكلىدە فورماتلىساق ھەم 4 گ ب دىن چوڭ ھۆججەتنى قوللايدۇ ھەم يانفون ۋە تېلېۋىزور نورمال تونۇيدۇ. مەخسۇس ئۆزەكلىك ساقلىغۇچقا چىقىرىلغان ھۆججەت سىستېمىسى بولغاچقا، ھۆججەتنى ئوقۇش ۋە يېزىش سۈرئىتىگىمۇ بەلگىلىك ياردىمى بار.
@oyqil
سىستېمىسى بۇزۇلغان كومپيۇتېرنى بارماقدېسكا ئارقىلىق قوزغىتىپ، ئۈستەل يۈزىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. WinPE ھالىتىدە قوزغىتىپ، س رايون ئىچىدىكى ئىشلەتكۈچى نامى مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ، ئۈستەل يۈزى دېگەن تارماق مۇندەرىجىنى ئاچساق، ئەسلىدىكى ئۈستەل يۈزىدىكى ھۆججەتلىرىمىزنى كۆرەلەيمىز.
8-قەۋەت
15509974200 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
تېما ئىگىسى بۇ تېمىنى مەن ئۈچۈن يوللىغاندەكلا يوللاپسىز !
سىزگە كۆپ تەشەككۈر !!!
مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان بىر نەچچە سۇئاللىرىم بار ئىدى .
بولسا بىر جاۋاپ بەرسىڭىز !!
مەن بەزىلەرنىڭ بارماق دېسكىدىن قوزغىتىلدىغان سېستىمىللىرى ئىچىدە ،  WIN XP, WIN 7 ,WIN 8, WIN 10 سېستىمىللىرىنى خالىغانچە تاللاپ قاچىلاش ھالىتىنى كۆرگەن ، مۇشۇ سىز يوللىغان تېمىدىكى ئۇسۇل بىلەنمۇ شۇنداق قىلغىلى بولارمۇ ؟
ياكى بۇنىڭ باشقىچە ئامالى بارمۇ ؟
بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان سېستىما بىلەن بارماق دېسكىدىن سېستىما قاچىلاش ئوخشاش بىر ئۇقۇممۇ ؟
كەچۈرۈڭ !
تېما ئىگىسى سۇئاللىرىم بەك كۆپ بولۇپ كەتتى . مەندە پەقەت بىلمىگەننى سوراپ  بىلۋېلىش مەقسىتىلا بار ، كۆپرەك تەلىم بەرگەيسىز !
باشقۇرغۇچىلار ئىنكاسمنى تەستىقلاپ قويساڭلار !!!  
9-قەۋەت
سانغۇن ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
oyqil يوللىغان ۋاقتى  2018-1-8 22:05
سېستىمىسى بۇزۇلغان كومپىيوتۇرنى بارماق دېسكا ئارقىلى ...

تامامەن بولىدۇ . كومپىيۇتېرنى بارماق دېسكىدا قوزغۇتۇپ، WNPE ھالەتتە كومپىيۇتېر سىستېمىسىغا كىرىپ، كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.
10-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
oyqil يوللىغان ۋاقتى  2018-1-8 22:05
سېستىمىسى بۇزۇلغان كومپىيوتۇرنى بارماق دېسكا ئارقىلى ...

ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئەگەر سېستىمىڭىز win7 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى سېستىما بولسا
C:\Users\Administrator\Desktop  مۇشۇ يەرگە كىرسىڭىز ئېكران يۈزىدە ساقلىغان ھۆججەتلىرىڭىز كۆرۈنىدۇ. شۇ يەردىن باشقا رايۇنغا ياكى بارماق دېسكىغا يۆتكىۋالسىڭىز بولىدۇ.
11-قەۋەت
oyqil ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئەتراپلىق مەسلىھەت بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت !!!!!!!! مەن ماتىرياللارنى كۆچۇرۇۋالدىم ، يۇيۇلۇپ كەتمىدى .    توردارشلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن !!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى