ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

گۈزەل قىزنىڭ خاتا يوللاپ قويغان بىر ئۇچۇرى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى

گۈزەل قىزنىڭ خاتا يوللاپ قويغان بىر ئۇچۇرى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى

ۋاقتى: 2016-02-11 ئاۋاتلىقى: 3166 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۈزەل قىزنىڭ خاتا يوللاپ قويغان بىر ئۇچۇرى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى

ئوغۇل دوستى بىلەن گەپ تەگىشىپ قالغان بىر قىز بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاپ يىگىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ.
"سىزنى بەك سېغىندىم" دېگەن ئۇچۇرنى يوللاپ بولۇپ خاتا يوللاپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ ۋە دەرھال يەنە بىر قېتىم يوللاپتۇ بۇ قېتىم ئۇ توغرا يوللىغان ئىدى.


لېكىن بىر ئاخشام ساقلىسىمۇ يىگىتى ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرمىدى.
ئىككىنچى كۈنى قىز خىزمەت ئورنىدا خوش ياقمىغان ھالدا خىزمەت قىلىۋاتقاندا "تىرىڭ" قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يىگىتىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئۇچۇردا "بىز ئايرىلىپ كېتەيلى، مەن سىزنىڭ ئوسال مىجەزىڭىزگە چىدىيالمىدىم دەپ يېزىلغان ئىدى."
بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز قىزنىڭ ئاپىسىدىن تېلېفون كېلىپ قالدى.
-ئاپا بۇ ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ قاپسىزغۇ؟
_جېنىم قىزىم سىزگە يۇرتتىن يوتقان كۆرپە ئېتىپ دادىڭىزدىن ماڭدۇرۋەتتىم، ئەمدى كەچلىرى يوتقاننى چىڭراق يېپىنىپ يېتىڭ، ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالدى.
-يەنە تاماقنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەڭ، ئۇششاق چۈششەك نەرسە يېگەنگە قورساق تويمايدۇ، ئورۇقلايمەن دەپ تاماق يېمەي يۈرمەڭ.
-ئاپا نېمىشقا تۇيۇقسىز ماڭا يوتقان كۆرپە ماڭدۇرسىڭىز كەپ قالدى؟
-جېنىم قىزىم ئاخشام سىز يوللىغان "سىزنى سېغىندىم" دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ بىر كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى
- ھە ... ھە ، ھېلىقى ئۇچۇر ..
-ئاخشام دادىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەتىگەندىن بىرى يوتقان كۆرپىنى تەييارلاپ ماڭدۇرۋەتتىم، ئەمدى ئۆيدە ياتقاندەك ئىسسىق ياتسىز قىزىم، خەقنىڭ يۇرتىدا بويۇن قىسىپ قالماڭ.
قىزچاق ئاپىسىغا مەن ئۇ ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قويغان دېمەكچى بولدىيۇ لېكىن دېيەلمىدى ، پەقەت كېكەچلەپ يۈرۈپ "ئاپا ئەنسىرىمەڭ، مەن ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن " دېگەن گەپلەرنى دېيەلىدى، ۋە تېلېفوننى قۇيۋېتىپلا ئۈن چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى
بىز لايىقىمىزغا، دوستلىرىمىزغا ، خىزمەتدېشىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز لېكىن ئاتا ئانىمىزغا ئەزەلدىن تۈزۈك ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆڭۈل بۆلمەيمىز.
بىز ئەزەلدىن ئىشىمىز بولمىسا ئاتا ئانىمىزغا بىرەر تال ئۇچۇر ياكى ئۈندىداردا بىرەر ئېغىز گەپ يوللاپ قويمايمىز، چۈنكى يانچۇقىمىزدا پۇلىمىز بار، پۇل تۈگىگەندە يوللىساقمۇ بولىدۇ.
ئاتا ئانىمىزغا تېلېفون قىلىپ 5 مىنۇتتىن ئوشۇق پاراڭلاشمايمىز ئەمما بەزى بىرلەر بىلەن تېلېفون پاراڭلىشىپ تاڭنى ئاتقۇزۋېتىمىز.
چوڭ بولغاندا ئۆيدىن ئايرىلدۇق ئەمما ھېچكىمنىڭ ئاتا-ئانىدەك ھەممە ئىشتا بىزنى ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنى، خاتالىقلىرىمىزنى سەردارىم كەچۈرمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق.
سىزنىڭ "سېنى سېغىندىم" دېگەن بىر ئۇچۇرىڭىزنى كۆرگەندە جاندىن كېچىدىغان لايىقىڭىز بەلكىم ئۇچۇرىڭىزغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ يەنە باشقا بىرسى بىلەن تانسا ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاتا ئانىڭىزغا شۇنداق ئۇچۇردىن بىرنى يوللاپ قويسىڭىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ، بىر ھەپتىگىچە يوللىغان ئۇچۇرىڭىزنى قوشنا قولۇم دوستلىرىغا تۇغقانلارغا دەپ يۈرۈيدۇ ، مانا بۇنى پەرق دەيمىز.






Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى