ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكىلىقلار بالىلىرنى قانداق ماختايدۇ؟

ئامېرىكىلىقلار بالىلىرنى قانداق ماختايدۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-11 ئاۋاتلىقى: 1364 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكىلىقلار بالىلىرنى قانداق ماختايدۇ؟

بىزنىڭ ئۆيدە كىچىك بىر دەپتەر بار، ئۇنىڭ ئىچىدە 1500 دىن ئارتۇق قىزىقارلىق رەسىم بولۇپ، ئۈستىگە بالىلارنى ماختايدىغان ھەرخىل سۆزلەر يېزىلغان. ھەربىر پارچە رەسىمدىكى سۆزلەر قەتئىي قايتىلانمىغان، ناھايىتى سەمىمىي، گۈزەل. بۇنىڭدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىزگە قارىغاندا بالىلارنى ماختاش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئەجىرسىڭدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز ئەگەر بالىلارنى ماختىماقچى بولساق ئاساسىي جەھەتتىن «سەن ناھايىتى قالتىس!»، «ناھايىتى ياخشى» قاتارلىق بىر نەچچە ئېغىز سۆز بىلەنلا چەكلىنىمىز، بۇ بەلكىم بىز شەرقلىقلەرنىڭ كەمتەرلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، باشقىلارنى قانداق ماختاشنى بىلەلمەي مۈشكۈل ئەھۋالدىمۇ قالىمىز. بىراق ئەمەلىيەتتە، بالىلارلا ئەمەس، باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ماختاشقا موھتاج، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماختىغاندىمۇ باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇشى ھەم مۇھىم نۇقتىسى تەكىتلىنىشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا چىن يۈرىكىڭىزدىن چىققان ئېتىراپ قىلىشنى قارىشى تەرەپكە سەمىمىيلىك بىلەن يەتكۈزۈپ بېرەلەيسىز.
تۆۋەندە بالىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا يېقىنلىشىدىغان سۆزلەردىن بىر نەچچىنى كۆپچىلىك ھۇزۇرىغا سۇندۇم، بۇلارنىڭ كۆپچىلىككە ياردىمى تېگىپ قېلىشى، ھېچ بولمىدى دېگەندە ئىلھام بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بالىلار ناھايىتى ياخشى قىلغان ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغان سۆز-ئىبارىلەر
ناھايىتى قالتىس (Super)، ۋاھ! (Wow)، ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاپسەن (Great work) ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك (Incredible)،ئەڭ ياخشى (Awesome)، چولپانلاردەك (All star)
بالىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىشى ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش
داۋاملىق تىرىش (Keep it up)، چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىپسەن (Giant Step Forward)، ناھايىتى ئېسىل، غەيرەت قىل! (Neat, Way to Go)، داۋاملىق سىناپ كۆر (Keep trying)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى