ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3 ياشتىن بۇرۇن بالىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئېچىشقا تىرىشىڭ

3 ياشتىن بۇرۇن بالىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئېچىشقا تىرىشىڭ

ۋاقتى: 2016-05-20 ئاۋاتلىقى: 2146 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3 ياشتىن بۇرۇن بالىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئېچىشقا تىرىشىڭ

ئەمدىلا بىر نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقلار رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، يەنە تېخى قول ئىشارەتلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. يەسلى مائارىپى مۇتەخەسسىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىنىڭ ئوڭ مېڭىسىنىڭ ئېچىلىشى ئۇلاردا ئاتا-ئانىلىرىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك قابىلىيەتلەرنى يىتىلدۈرۈدىكەن. چەتئەللەردە ئوڭ مېڭىنىڭ ئېچىلىشى ئاللىبۇرۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئەمدىلا باشلىنىۋاتىدۇ، 3~0ياشقىچە بولغان ئارىلىق ئوڭ مېڭىنى ئېچىشتىكى ئالتۇن دەۋر بولۇپ، مۇشۇ دەۋىردىن پايدىلىنىپ ئوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ، ئوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن.


بالىلار ئۈچ ياشتىن بۇرۇن ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ
مىنو ئاپىسىنىڭ قولىدىكى ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان رەڭ كارتىلىرىنى كۆرۈپ ۋە ئاپىسىنىڭ ئوخشىمىغان رەڭ كارتىلىرىغا ئاساسەن ماس رەڭلەرنى ئوقۇغاندىكى ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ قىلچە پەرۋاسىز ھالدا قاراپ تۇراتتى، بىراق ئاپىسى مىنونىڭ بۇخىل پەرۋاسىزلىقىغا ئېتىبارسىز ھالدا، يەنىلا قولىدىكى كارتىلىرنىڭ رەڭگىنى ئوقۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئارقىدىنلا ئاپىسى قىزىل ۋە قارا كارتىلارنى ئىككى قولىدا ئايرىپ تۇتۇپ تۇرۇپ، مىنودىن< قىزىل كارتا قەيەردە؟> دەپ سورىدى. مىنو قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاپىسىنىڭ سول قولىغا ئېتىلدى. كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان بىر ئىش شۇكى، ئاپىسىنىڭ قولىدىكى كارتا دەل قىزىل رەڭدە ئىدى. ئاپىسى يەنە بىر نەچچە خىل رەڭدىكى كارتىلارنى چىقىرىپ مىنودىن سورىدى، ئۇ يەنىلا ماس كارتىلارنىڭ رەڭگىنى توغرا تاللاپ بېرەلىدى.


يەسلى مائارىپى مۇتەخەسسىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ بالىلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئېچىش دەرىسلىكىنى بىر ئاي(كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت) قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئىپادىسى ئىكەن. يەنە كېلىپ مىنو قىلالىغان ئىشنى ھەر قانداق بالا قىلالايدىكەن. گۇاڭدۇڭ سۈپەتلىك تۇغۇش-سۈپەتلىك بېقىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى فېڭ ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا < ئىجادكارلىق ئەقىل-پاراسەتتىن كېلىدۇ، ئەقىل-پاراسەت ئوڭ مېڭىدىن كېلىدۇ> دېگەن. ئوڭ مېڭىنىڭ رولى سول مېڭىدىن چوڭ بولۇپ، ئىمتىھان مائارىپى سول مېڭىنى يېتىشتۈرىدۇ، بىراق ئوڭ مېڭە سەل قارىلىپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئوڭ مېڭە ئەڭ ئاساسلىق ھېساپلىنىدۇ. ئۇ يەنە سۈپەتلىك تۇغۇش ھەمدە سۈپەتلىك بېقىش ھەر ئىككى ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى، سۈپەتلىك تەربىيىلەشتە قانداق قىلغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ چارە-تەدبىرلەرنى تۈزىشى ھەققىدە تەكلىپلەرنى بەردى. ئۇ مۇخبىرغا ئەنگىلىيىلىك ئالىم كار. ۋېيت بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا ئۆگىنىش قابىلىيىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى، تەرەققى قىلىشى، مۇستەھكەملىنىشىنى غىدىقلاپ تۇرمىغاندا، بالىنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان قوبۇل قىلىش قابىلىيىتى ئالتە ياش ئەتراپىدا بارا-بارا يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئوتتۇرغا قويغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتتى.


ئوڭ مېڭىنى ئېچىشتا ئاڭسىز ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ كىرگۈزۈش كېرەك
گۇاڭدۇڭ سۈپەتلىك تۇغۇش-سۈپەتلىك بېقىش جەمئىيىتى بالىلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تىيەن ئەييىڭ يەسلى مائارىپ مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇشقا مەسئۇل باش نازارەتچىسى لى لىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنى تېخى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆگىنىشكە يېتەكلەشنى ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا غېجەك چالغاندەكلا بىر ئىش دەپ قارايدىكەن، بالىلارنى كىچىك بولغاچقا بىر نەرسە ئۆگىنەلمەيدۇ، كىچىك تۇرۇپلا ئۆگىنىش بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ، ھازىر ئۆگىنىشى ياخشى بولغاندەك قىلغان بىلەن كېيىنچە ئۆگىنىشتىن بىزار بولىدىغان بوپ قالىدۇ دەپ ئويلايدىكەن، بىراق بالىلارنىڭ ئۈچ ياشتىن بۇرۇن يەنى 16~-0ئايلىق بولغان مەزگىلى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئىزدىنىشكە ئىنتايىن سەزگۈر ۋاقىتلىرى بولۇپ، ئۆگىنىش قابىلىيىتى بالىلاردا تۇغما بولغانلىقتىن قىلچە بېسىم ھېس قىلمايدىكەن.
بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكى چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىنتىلمەسلىك، پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا تېرىشىش، يەنە ئاڭسىز رەۋىشتىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇلار ئوڭ مېڭىنىڭ ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چوڭلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولسا چۈشىنىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەستە ساقلاش بولۇپ، مەيلى ئۆگىنىش سۈرئىتى ياكى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى جەھەتتە بولسۇن بوۋاقلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن. لى لى مۇخبىرغا يەنە ئوڭ مېڭىنى ئېچىش تەربىيسىنى ئۈچ ياشتىن بۇرۇنقى ئالتۇن دەۋىردە چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.


مەنبە: مەنزىل سالونى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى