ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا- بالا مۇھەببىتىدىكى يۈرەكنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىلەر

ئانا- بالا مۇھەببىتىدىكى يۈرەكنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىلەر

ۋاقتى: 2016-04-03 ئاۋاتلىقى: 1417 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا- بالا مۇھەببىتىدىكى يۈرەكنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىلەر

بىرىنچى دەقىقە
ئانا ئەمدىلا رەتلەپ قويغان كىيىملەرنى بالا بۇزۇۋەتتى ، چېلەكتىكى ئەخلەتلەر پولغا چېچىلىپ تۇراتتى ، تازىلىق ئۆيىنىڭ ھەممىلا يېرى سۇ بولۇپ كەتكەن، مېھمانخانىدا بالىنىڭ پۇت ئىزلىرى چىقىپ تۇراتتى... تازىلىق قىلىۋاتقان ئانا ئاخىرى چىدىيالمىدى : ئەمدى قالايمىقان قىلما، جايىڭدا جىم تۇر! بالا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ھالەتتە ئانىسىغا قارىدى: ئاپا، پەقەت ساڭا ياردەم قىلاي دېگەن ئىدىم…

ئىككىنچى دەقىقە
ئانا كېتىپ قالدى، بالا ئانىسىنىڭ جەننەتكە كەتكىنىلا بىلىدۇ، بىر كۈنى سەھەردە بالا ئانىسى ئېلىپ بەرگەن سومكىسىغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شاكىلاتلىق كەمپۈت ۋە ئوقۇتقۇچىسى تارقىتىپ بەرگەن 100 نومۇرلۇق ئىمتىھان قەغىزىنى كۆتۈرۈپ، ئۆيدىن ئوغۇرلىقچە چىقىپ كەتتى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چۆچۈگىنىچە ئىزدىشىپ تاپالماي، ساقچىغا مەلۇم قىلدى، ساقچىلار بىر كېچە- كۈندۈز ئىزدەپ، كۆۋرۈك ئاستىدا ئۇخلاپ قالغان بالىنى تېپىۋالدى، بالىنىڭ ئوينىغىپ سورىغان بىرىنچى سۇئالى: جەننەت زادى قەيەردە؟

ئۈچىنچى دەقىقە
ئۇيۇن شەھەرچىسىدە ئادەم بەكلا كۆپ بولۇپ، ئانا بالىنى ئوينىغىلى ئاپاردى، ئەمما بالا كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئارلىقتا غايىب بولدى، يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەي دېگەن ئانا بالىنى تەلۋىلەرچە ئىزدەشكە باشلىدى، تۇيۇقسىز كۈلگىنىچە ئۆزىگە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بالىنى كۆرۈپ قالدى، ئاچچىقلانغان ئانا بالىنىڭ قۇڭىغا نەچچە شاپىلاق سېلىۋەتتى، بالا يىغلىغىنىچە بۇدرۇققىنە قوللىرىنى ئېچىپ، مىجىلىپ كېتەي دېگەن بىر تال كاپ- كاپ گۈلىنى ئانىسىغا سۇندى:«ئاپا، بۇنى ساڭا ئۈزدۈم!»

تۆتىنچى دەقىقە
كەچ سائەت 10بولدى، بالا زادىلا ئۇخلىغىلى ئۇنىماي، كارىۋاتتا ئېغىناپ جېدەل قىلاتتى، بىردەم سۇ ئىچىمەن، بىردەم سىيىمەن دەپ خاپا قىلاتتى، 11بولغاندا چارچاپ كەتكەن ئانىنىڭ سەۋر تاقىتى توشۇپ، ۋارقىرىۋېدى، بالا ئاندىن جىمىدى، ئاستاغىنە بۇلۇڭغا تۈگۈلگىنىچە ئۇخلاپ قالدى . يېرىم كېچە بولغاندا ئانا بالىنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانلىقىنى، كىچىككىنە قوللىرىنىڭ ئانا بوينىغا چىڭڭىدە ئېسىلغانلىقىنى كۆردى. مەڭگۈ ئاداۋەت ساقلىمايدىغان، مەڭگۈ ئانىنى ياخشى كۆرىدىغان مەۋجۇدات پەقەت بالا بولسا كېرەك.

بەشىنچى دەقىقە
بالىنىڭ قولىدا ئىرىپ كەتكەن ماروژنا تۇراتتى،ئاپپاق كىيىملىرىگە ماروژنا داغلىرى چۈشكەن، ئانا نېمىشقا يەيدىغان نەرسىلەرنى ئويناپ ھەمىشە كىيىملىرىڭنى مەينەت قىلىۋېتىسەن دەپ تىللىدى، تىللىغانسىرى يۈرىكى ئېچىشتى، بالا بولسا يىغلاپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنى ئانا قوشنىسىدىن بالىغا بىر تال ماروژنا ئېلىپ بەرگىنىدە ئازراقلا يەپ بولۇپ، نېمىشقىدۇر يىمەي ئۆيگە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئېيتتى.

ئالتىنچى دەقىقە
ئانا ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بالىنى ئوينىغىلى ئاپىرىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى، بالا كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مومىسىنىڭ ياردىمىدە كىيىمىنى كىيىپ تەييار بولدى- دە، كىچىككىنە ئۇرۇندۇقىدا ئولتۇرىۋېلىپ، ئانىسىنى ساقلىدى، ئۇ ناھايىتى خوشال ھالەتتە پەلەمپەيگە پات- پات قاراپ قوياتتى. كېيىن ئانا تېلېفۇن قىلىپ ئۆيگە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بالا ھەرقانداق قىلسىمۇ ئىشەنمىدى، تاكى ئانىسى سېمىنا ئىشلەپ ئۆيگە قايتقۇچە ساقلىدى، ئانا ئۆيگە كەلگىنىدە رەتلىك كىيىنىپ سافادا ئۇيقۇغا كەتكەن بالىنى كۆردى، بالىنىڭ قولىدا تېخى سىرتقا چىققاندا ئېلىۋالىدىغان سۇ بوتۇلكىسى تۇراتتى…

يەتتىنچى دەقىقە
بالا سىرتتا ئويناۋېتىپ بىر تال ئۈشتەك سېتىۋالدى- دە، ئانىسىغا چېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆيگە يۈگۈردى، ئانا ئۆيدە ئالدىراش تاماق ئىتىۋاتاتتى، ھەتتا بېشىنى كۆتۈرگىدەك ۋاقتىمۇ يوق ئىدى، بىر قولىدا تېخى تېلېفۇن پاراڭلىشىۋاتاتتى. «ئاپا، ئاپا...»بالا بىر چەتتە ئانىسىنى توۋلىدى، ئانا ئاڭلىمىغانغا سېلىۋالدى. «ئاپا، ئاپا....ئاپا....» بالا تىرىشىپ، ئانىنىڭ ئۆزىگە قاراتماقچى بولدى، ئويلىمىغان يەردىن ئانا ۋارقىرىدى:«ۋارقىرىما!» بالا خۇددى توك سوققاندەك جىمىدى، قولىدىكى ئۈشتىكىنىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىدىن نەگە قويۇشىنى بىلمەي قالدى، ئۇ سىرتتىن ئانىسىغا ئۈشتەك چېلىپ بەرگەندە ئۆزىنى قانداق ماختىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كىرگەن ئىدى…

ھەر بىر پەرزەنت تەڭرىنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن پەرىشتىسى، ئۇلار تولىمۇ ئوماق، ساددا ۋە پاك. بالا تەڭرى تەرىپىدىن ئادەملەر ئارىسىغا چۈشۈرىلىدىغان چاغدا ئىنتايىن قورقۇپ كىتەرمىش، ئەمما تەڭرى ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالىدىغان، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىپ كۈلدۈرىدىغان، ھەمدە بەكلا سەۋرچان ئادەملەر ئارىسىدىكى پەرشتىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ، بۇ پەرشتىلەرنىڭ ئانا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېيتارمىش. شۇڭلاشقا، بالىڭىز ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرگىنىدە، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، قاتتىق سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا قوينىڭىزغا يارىتىلغان كەلگەن ئەمەسمۇ؟!

مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى