ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاتا-ئانىڭىز ياشىنىپ قالدى، ئۇلارغا ھەرگىز بۇ گەپلەرنى دېمەڭ

ئاتا-ئانىڭىز ياشىنىپ قالدى، ئۇلارغا ھەرگىز بۇ گەپلەرنى دېمەڭ

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 1400 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاتا-ئانىڭىز ياشىنىپ قالدى، ئۇلارغا ھەرگىز بۇ گەپلەرنى دېمەڭ

ئاتا ئانىڭىز سىزنى بۇ دۇنياغا ئېلىپ كەلدى، سىزنى بېقىپ چوڭ قىلدى، ئۇلارنىڭ ھىممىتىنى سىز چوقۇم ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. ئۆزىڭىزنى پۇشايمانغا قالدۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ، ئاتا-ئانىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلار سىزدىن ئايرىلغاندا ئاندىن قەدرىگە يېتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن! ئاتا-ئانىڭىزغا ھەرگىز بۇ ئون جۈملە سۆزنى دېمەڭ!
1، بولدى، بولدى، بىلدىم، نېمانداق كوتۇلداۋېرىسەن؟
( ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن، ئاتا-ئانىلارنىڭ كوتۇلدىشى سىزنىڭ بەختىڭىزدۇر)

2، يەنە باشقا ئىش بارمۇ؟ ئىش بولمىسا قويۇۋەتتىم ھە!
(ئاتا-ئانىڭىز سىزگە تېلفۇن ئۇرغاندا، بەلكىم پاراڭلاشقۇسى كەلگەندۇ؟ بىز ئۇلارنى چۈشىنەيلى بولامدۇ، ئالدىراپ تېلفۇننى قويۇۋەتمەڭ!)
3، دېسەممۇ بەرىبىر بىلمەيسەن، سورىما بولدى!
(بەلكىم ئۇلار پەقەت سىز بىلەن پاراڭلاشقۇسى باردۇ؟)
4، ساڭا قانچە قېتىم دېدىم بولدى قىلما دەپ، بەرىبىر ياخشى قىلالمىساڭ.
(بەزى ئۇلارنىڭ قۇربى يەتمىگەن ئىشلاردا بىز كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى قىلىشتىن توسۇيمىز، لېكىن بۇنداق دەپ ئۇلارنى ئۆزىنى كېرەكسىزدەك ھېس قىلدۇرماڭ)


5، سېنىڭ چىقارغان ئامالىڭنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى.
( ئاتا-ئانىلارنىڭ تەكلىپىنىڭ بەلكىم سىزگە پايدىسى يوقتۇر، لېكىن بىز باشقىچە رەت قىلساق بولارمۇ؟)
6، مېنىڭ ياتاق ئۆيۈمنى يىغىشتۇرما دېدىمغۇ، قارا، ھېچنىمىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
(ئۆزىڭىزنىڭ ياتاق ئۆيىنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز يىغىشتۇرۇڭ، يىغىشتۇرمىسىڭىز ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ)


7، نېمىنى يېيىشنى ئۆزۈم بىلىمەن، قاچامغا ئېلىۋەرمىگىنە!
( ئۆيگە قايتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا-ئانىمىز بارلىق غەمخورلۇقلىرىنى تاماق بىلەن ئىپادىلەشكە ئامراق، بىز ئەڭ ياخشىسى ئۈن-تىنسىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلغىنىمىز تۈزۈك)
8، ئاشقان تاماقنى يېمە دېدىمغۇ، نېمىشقا ئاڭلىمايدىغانسەن؟
(ئۇلار بىر ئۆمۈر تېجەپ كۆنۈپ قالدى، ئۆزگەرتىشى تەس، ئۇلارغا تاماقنى ئازراق ئېتىشنى ئېيتساقلا بولمىدىمۇ؟)


9، مەن بىلىمەن، دەۋەرمىگىنە، ئادەمنى بىزار قىلىپ!
( ئۇلار ھەمىشە سىزگە بەرگەن مۇھەببىتىم يەتمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ)
10، بۇ نەرسىلەرنى چۆرىۋەتكىنە، بۇ يەرگە دۆۋىلەپ قويۇپ نېمە قىلىسەن؟
(ئاتا-ئانىڭىز پەقەت ئەسلىمىلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ خالاس)
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى