ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھەۋىسى يېتىلىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھەۋىسى يېتىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 1375 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھەۋىسى يېتىلىدۇ؟

ھۆرمەتلىك دوستلار: رىغبەت ۋە ھەۋەسنىڭ تەربىيىچىلەر، مۇئەللىملەر ۋە ياشىغان جەمئىيەتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق يېتىلىدىغانلىقى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ زېھنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن، لېكىن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھەقىقەتتۇر. مەن بۇ يەردە يېتىلدۈرۈلگەن ھەۋەس، يەنى كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مىساللارنى كەلتۈرمەكچىمەن. كىشىلەر: باشقىلار بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولغان چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى ياكى نېمىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. لېكىن ئۇلارغا بوش ۋاقىت يارىتىپ بەرسىڭىز ياكى ئۇنى بىر ئىش ئۈچۈن ساقلانسىڭىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى ۋە نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز دەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن توغرا بىر يەكۈندۇر. مەن بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا تۆت – بەش سائەت ساقلاش جەريانىدا ئىنساننىڭ نېمىگە بەكراق قىزىقىدىغانلىقى ياكى نېمىگە بەكراق ھەۋەس قىلىدىغانلىقى مەلۈم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم.


مەن بىر قانچە قېتىم بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا ساقلاپ ئولتۇرۇپ قېلىپ باشقا مىللەتلەرگە دىققەت قىلىپ قالدىم. قارىسام، ياۋروپالىقلارنىڭ يېنىدا كىتاب ياكى قول كومپيۇتېرى بولىدىكەن. ئۇلار زېرىكىشلىك ۋە ئىچ سىقىلىش بىلەن ئۆتىدىغان بوش ۋاقىتلىرىنى كىتاپ ئۇقۇش ياكى قول كومپيۇتېرىدا بىر ئىش ئارقىلىق ئۆتكۈزىدىكەن.ئەمما تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتتىكىلەر بولسا، ئورۇندۇقلاردا ئۆرە ئولتۇرۇپ ئۇخلاش، چاي- قەھۋە ئىچىش، ئالدىدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە قاراپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن.ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق تۇغۇلما گېن مىراس پەرقى بولماستىن، بەلكى تەربىيە، ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مۇھىت پەرقىدۇر. ئەگەر كىچىك بالىلاردا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ياكى كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان بولساق، بۇنىڭ بىر قانچە يوللىرى بولۇپ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىللارنى زىكىر قىلىپ ئۆتىمەن:


1.بالىلارغا
كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئائىلە:
بالىنىڭ شەخسىيىتىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر، ئۇنىڭ دەسلەپكى 6 يېشىدىلا بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلاردا قىزىقىش ۋە ھەۋەسنىڭ يېتىلىشىدە ئاتا- ئانىلار ئالاھىدە رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇ قىزىقىشلاردىن بىرى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىدۇر. چۈنكى ئاتا- ئانىلار، بالىلارنىڭ ئالدىدىكى تاللاشلاردىن بىرىنى تاللاپ بىرىدۇر. يەنى بالىلارنىڭ قەلبىنى رەسىم سىزىش ۋە كىتاب ئوقۇشقا مايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ياكى بالىلارنىڭ ئەركىن – ئازادە كوچىلارغا چىقىپ ئوينىشى، پايدىسىز ئويۇنلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


2. كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە:
كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە دېگەنلىك، تەربىيىلىك ياكى بىلىملىك ئائىلە دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەزالىرى ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە دېگەنلىك بولۇپ، ئۆيدىكى بالا بىر تەرەپكە قارىسا دادىسىنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپكە قارىسا ئۇكىسىنىڭ رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى، يەنە باشقا بىر تەرەپتە بولسا ئانىسى مەكتەپنىڭ دەرسىنى چۈشۈنەلمىگەن قېرىندىشىنىڭ دەرسنى چۈشەندۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدىغان بىر ئائىلە دېمەكتۇر. بالىنىڭ ئۆيدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆرۈپ يېتىلىشى، بالىنىڭ قەلبىدە كىتاب، قەغەز- قەلەم بىلەن ئۆتكەن ھايات، ھەقىقىي تەبىئىي ھايات ئىكەن، دېگەن ئىشەنچىنى تۇرغۇزىدۇ.


ئامېرىكىدىكى بىر ئاتا-ئانىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن كىچىك بالىلاردىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا كۆرە: كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ياكى كىتابقا قىزىقمايدىغان يۈزدە 82% بالىلار، ئەسلىدە ئاتا – ئانىلىرى تەرىپىدىن كىتاب ئۇقۇشقا قىزىقتۇرۇلمىغان بالىلار ئىكەن.شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتىن مەقسەت، كىتاب ئوقۇشقا ھەيدەش ئارقىلىق بولماستىن بەلكى كىچىكلەر چوڭلارغا ئەگىشىدىغان شەرت – شارائىت ھازىرلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن؛ بىز ئاتا- ئانىلار، كىتاب ئوقۇمايدىكەنمىز، باللىرىمىزمۇ كىتاب ئوقۇمايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىشىمىز مۇمكىن.


3. ئائىلە كۇتۇپخانىسى:
غەربلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرسىڭىز، كۆپىنچىسىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تەرىپىدە كۈتۈبخانا كۆرىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ بالىلىرى كىتابقا ۋە كىتاب ئوقۇيدىغان شەخسلەرگە كۈنۈك ياكى ئادەتلەنگەن ھالدا چوڭ بولىدۇ. ئەمما بىزنىڭ كۆپىنچىمىزنىڭ ئۆيلىرى كىتابخانىدىن خالى، بەزى ئۆيلەردە كىتابخانا بولسىمۇ، ئۇ كىتابلار ئوقۇپ پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى موزىيخانىغا ئوخشاش زىننەت ئۈچۈن تىزىلغان.ئەمەلىيەتتە بىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى، ھەر بىر ئائىلىدە، چوڭ كىچىك پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا ماس كېلىدىغان، ئۇلارغا روھىي ئوزۇق بېغىشلايدىغان بىر كىتابخانا بولىشى ۋە ئۇ كۇتۇپخانىنىڭ كىتابلىرى پات- پات يىڭىلىنىپ تۇرۇشىدۇر.


4. ئېلېكترونلۇق تېخنىكا
مۇلازىمەتلىرىدىن رەتلىك پايدىلىنىش:
تىلىۋىزور، ئىنتېرنېت، تېلېفون ۋە ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىق نەرسىلەر، يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، زېھنىنىڭ كۆپرەكىنى يوقىلاڭ پايدىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغانلىقى نامايان بولۇشقا باشلىدى. بۇ مۇستەھكەم تەربىيىلىنىشكە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.


شۇڭا، ئاتا- ئانىلار، كىتاب بىلەن ئېلېكترونلۇق مۇلازىمەتلەرنىڭ رىقابەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىتاب بىلەن ئېلېكترونلۇق مۇلازىمەتلەر رىقابەتكە چۈشۈپ قالسا چوقۇمكى كىتاب مەغلۇب بولىدۇ. كىتابنىڭ ئېلېكترونلۇق مۇلازىمەتلەر ئالدىدا مەغلۇپ بولماسلىقى ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تىلىۋىزور ئالدىدا ھەر كۈنى بىر ئىككى سائەتتىن زىيادە ئولتۇرۇشقا يول قويماسلىقى لازىم.شۇنداق قىلغاندىلا، بالىلىرىمىز چۆچەك ۋە تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇشقا يۈزلىنىپ ئاستا- ئاستا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كۆڭلى ئېچىلىدىغان، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قەلبى ھۇزۇر تېپىپ كىتابنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ. ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ئاتا- ئانىلار. بىز قاچانىكى بالىلىرىمىزنى مۇكەممەل تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ۋە كىيىم كىچىكى قانداق مۇھىم بولسا، روھىي ئۇزۇقىنىڭمۇ شۇنداق مۇھىملىقىنى بىلىدىكەنمىز، بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ھاسىل بولۇپ ياراملىق ئادام بولۇشنىڭ تۈنجى قەدەملىرى بېسىلغان بولىدۇ.

مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى