ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋېتىدىغان تۆت خىل ئانا

پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋېتىدىغان تۆت خىل ئانا

ۋاقتى: 2015-12-28 ئاۋاتلىقى: 1757 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋېتىدىغان تۆت خىل ئانا


دائىم باشقىلاردىن كۆيۈمچان ئانا بالا تەربىيلەشتە مەغلۇب بولىدۇ دەپ ئاڭلايمىز. بىراق يەنە بىر نەچچە خىل ئانىلار بولۇپ، ئۇلار بالىلىرىنى ھەەدىدىن زىيادە ئەركىلەتمىسىمۇ، يەنىلا ئاسانلا قارشىلىشىش ئېڭى كۈچلۈك بالىلارنى تەربىيلەيدۇ.


ئېلېكتىرونلۇق ئانا
ئېلېكتىرونلۇق ئانا دېگىنىمىز ھەر كۈنى تېلىۋېزور، تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئانا. بىكار ۋاقتى بولسىلا، مىكرو بىلوگ ۋە ئۈندىدارغا چىقىپ، ئاندىن كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قوغلىشىدۇ. ۋاقتنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئىشلارغا سەرپ قىلىۋەتسە، قايسى ۋاقىتتا بالىسى بىلەن ئويۇن ئوينايدۇ؟ بىر قېتىملىق بىۋاستە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنالايدۇ؟ بالىلار بىلەن بىرگە بولىدىغان نۇرغۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن سىرت، بالىلارغىمۇ تەسىر يېتىدۇ، مەسىلەن بالىلارمۇ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئانىلىرىمىز ئەمدى بويتاق قىزلاردەك ئۇنداق ئەركىن ئەمەس، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئوينايدىغان ۋاقتىمىزنى بالىلارغا ھەمراھ بولۇشقا ئىشلىتەيلى.


قاتتىق قول ئانا
بەزى ئانىلار دائىم بالىلىرىنى مۇكەممەل تەرەققىي قىلسىكەن دەيدۇ، ئۆگىنىشى ياخشى بولۇشى كېرەك، يەنە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بولۇشى كېرەك، بالىلىرى ئۈچۈن ھەر خىل ھەۋەس سىنىپلىرىنى تىزىملىتىدۇ، مۇزىكا، شاھمات، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىشتىن باشقا يەنە جامبازلىق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىششىق بىلسىكەن دەيدۇ، نەتىجىدە بىراق ھېچقايسىنى ياخشى ئىگەللىيەلمەيدۇ. بالىلار ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاتا-ئانىلىرىمىز بالىلارغا چەكلىمە قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلىرىمىزغا مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئىختىساسلىق تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتشتۈرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمەيدۇ.


ھەۋەسخور ئانا
باشقا ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتى دائىم ئەۋلىيادەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بەزى ئانىلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى ئەمەس دېمەيدۇ، بىراق دائىم باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئىلغار دەپ ماختايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بالىلاردا زېرىكىش ئويى پەيدا قىلىپلا قالماستىن بالىلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھەر بىر پەرزەنت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يەككە ھالەتتە مەۋجۇت، بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە بالىلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.


كەمتەر ئانا
كەمتەر ئانىلار ئاسانلا بالىلارنىڭ تۇغما تالانتىنى چەكلەپ قويىدۇ، بەزىدە ئۆيىمىزگە مېھمان كەلگەندە، بالىلىرىمىز بىر قەدەر خۇش بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ << ئۇستا ماھارىتى >> نى كۆز-كۆز قىلغۇسى كېلىدۇ، بەزىدە ھەددىدىن زىيادە شوخلۇق قىلسا، بەزىدە خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مېھمانلار پەرزەنتلىرىمىزنى ماختىسا، ئانىلىرىمىز دائىم << كەمتەرلىك >>بىلەن رەت قىلىدۇ، پەرزەنتلىرىمىزنى ئەيىبلىشىمىز بولسا چېكىدىن ئاشقان ساراڭلىق. ئەمەلىيەتتە، بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى چوڭلارنىڭكىدىنمۇ بەكرەك نازۇك، ياخشى- يامانىىڭ چېگرىسىنى بەك ئېنىق ئايرىيدۇ، دائىم بالىلارغا<< كەمتەرلىك >>قىلىۋەرسەك بالىلىرىمىز ئىشەنچنى يوقىتىپ، بۇنىڭدىن زېرىكىش ھىس قىلىشى ياكى ئۆزىنى تاشلىۋېتىشى مۇمكىن.
مەنبە: شاكىلات تورى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى