ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا دېگەن مانا مۇشۇنداق - ئانىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ

ئانا دېگەن مانا مۇشۇنداق - ئانىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ

ۋاقتى: 2015-12-31 ئاۋاتلىقى: 1722 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا دېگەن مانا مۇشۇنداق - ئانىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ

ئۇ سېنى بوۋاق چېغىڭدا باغرىغا باستى، سەن كېچىچە جىدەل قىلىپ ئۇخلىمىساڭ، ساڭا قىلمىغىنى قالمىدى ھەتتا سەن بىلەن تەڭ يىغلىدى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ

سېنى كېچىدە سىيىپ ئورنىنى يۆل قىلىۋەتمىسۇن دەپ كېچە يېنىش يېنىشلاپ ئويغۇنۇپ زاكاڭنى تۇتۇپ باقتى، زاكا ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگىرەلمىسە يۆل يەردە ئۆزى يېتىپ ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئورنىدا سېنى ياتقۇزدى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ

سەن سەل چوڭ بولۇپ جىدەل قىلىشنى بىلگەندىن باشلاپ، كېچىسى ئوڭاي ئۇخلىمايدىغان بولىۋالدىڭ، ئۇ سېنىڭ يېنىڭدا يېتىپ ساڭا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەردى، بەدەنلىرىڭنى سىلاپ ھېچ بىر ئىنسان بېرەلمەيدىغان بەختنى ئۇ ساڭا بەردى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ

سېنىڭ بال پىرەنىككە ئامراقلىقىڭنى بىلىپ سېنى ئۇخلىتىپ قويۇپ كېچىچە بال پىرەنىڭ پىشۇردى، ئۇ تېخى يەنە ئەتە ئىشلىشى كېرەك ئىدى، بۇنىڭغا سەن تېخى "چوڭلارنىڭ ئۇيقۇسى ئاز" دېدىڭ، كېچىچە ئۇخلىماي ساڭا بال پىرەنىڭ پىشۇرغان كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
سەن مەكتەپكە كىرىۋېدىڭ ئۇ يەنە كېچىدە كىرپىك قاقمىدى، شۇ كېچە ئۇ يېنىش - يېنىشلاپ سېنىڭ بوخچاڭنى تەكشۈرۈپ چىقتى، ئۇ بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالمىسىكىن، دەيتتى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ

سەن ئالىي مەكتەپكە كىردىڭ، ئۇ بۇ خەۋەرنى قۇلۇم قوشنىلارغا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ئېيتىپ بەردى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: "مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئاپپاق ئوغلۇم، كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق ئادەم بولىدىغان بولدى..." ئۇ مانا مۇشۇنداق نەچچە كۈنگىچە قويغان تۇتقىنىنى بىلمەي يۈردى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ

سېنىڭ تويۇڭ بولغان شۇ كۈنى ئۇ كېچىنى يەنە كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدى، سەن ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باشقىچە تۇرمۇشقا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇراتتىڭ، "بىچارە بالام" ئۇ يەنە خىيال قىلىشقا باشلىدى، " مەن ئەتكەن ئەتكەن چاينى بەك ياخشى كۆرەتتى" بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ

كېيىن ئۇ سېنى ئۇزۇن ئۇزۇندا كۆرىدىغان بولدى، سېنى ھەر بىر قېتىم كۆرگىچە كۆزى تۆت بولاتتى، ئەمما سېنى كۆرگەندە تارتقان ئازابلىرىنى ساڭا بىلىندۈرمەيتى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
سەن راۋرۇس ئادەم بولۇپ ئۆز ئالدىڭغا ياشاشقا باشلىغاندا قانداقتۇ بىر نەرسىدىن رازى بولغاندەك كۈلۈمسىرەيتتى، گايىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتاتتى، ئۇ بۇنى تاكى كۆزى يۇمۇلغىچە داۋام قىلدى، بۇ كىم؟ بۇ سېنىڭ ئاناڭ
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى