ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا، تېلېفون ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ

ئانا، تېلېفون ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ

ۋاقتى: 2016-01-06 ئاۋاتلىقى: 1621 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا، تېلېفون ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ


كەچلىك تاماقتىن كېيىن، يەتتە ياشلىق قىزىم ماڭا بىللە رەسىملىك كىتاب كۆرەيلى، دەپ تۇرۇۋالدى. مەن بولىدۇ، دېدىم-يۇ، ئۈندىداردىكى سەرخىل مەزمۇنلاردىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي، يانفۇنۇمغا قاراپ ئولتۇرۇۋەردىم.
-ئانا قاراڭ، ماۋۇ رەسىمدىكى ئاسلانچاق بەك ئوماقكەن-ھە، بۇ خەتنى نېمە دەپ ئوقۇيمىز؟ ئوقۇپ بېرىڭا،- دېدى قىزىم تاقەت قىلىپ بولالماي.
-ھە مانا، ھازىر ئوقۇپ بېرەي، سىز ئاۋۋال تونۇيدىغان خەتلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇڭە قىزىم،- دېدىم يانفۇندىن بېشىمنى كۆتۈرمەيلا. قىزىم رەسىملىك كىتابىدىكى خەتلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇشقا باشلىدى، يەنە تونۇمايدىغان خەت ئۇچرىغاندا مېنى چاقىراتتى. مەن شۇ خەتنى ئوقۇپ بېرىپلا يەنە يانفۇنۇمدىكى مەزمۇنلارغا قارىۋالاتتىم.
-ئانا، تېلېفوننى ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ؟! –دېدى قىزىم تويۇقسىز ئۈنلۈك ئاۋازدا.قىزىمنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. قىزىمنىڭ جىددىي تۈس ئالغان چىرايى، ماڭا نەشتەردەك تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ، يۈزۈم خىجىللىقتىن ئوت ئالدى.
شۇ ئاخشىمى بىر ۋاقىتقىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشلەتكەندىن بۇيان بىلىپ-بىلمەيلا ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالدىم. ئەتىگەندە كۆزۈمنى ئاچقاندىن تارتىپ كەچ بېشىم ياستۇققا يەتكۈچە ئۈندىداردىكى «پەيلاسوپ»،«دوختۇر»،«شائىر»، «يازغۇچى» دوستلىرىم ئەۋەتكەن ئېسىل مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، «قوللاش»نى بېسىپ ئۈلگۈرىمەن. بەزى كۈنلىرى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مۇشۇنداق ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا يانفۇنغا دۈم چۈشۈپ، قىزىمنى رەنجىتىپ قويىمەن.
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم. يانفۇن ئوينىغاچ بالىڭىزغا ھەمراھ بولغىنىڭز، لاياقەتسىزلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. كومپيۇتېرئوينىغاچ بالىڭىزغا ئاغىزىڭىزنىڭ ئۇچىدا ھەيدەكچىلىك قىلىپ قويغىنىڭىز، ھەرگىزمۇئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئەمەس! بەلكىم سىز كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمسىز، بىراق بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئائىلە تەربىيىسىدىكى كەمچىلىكلىرىڭىزنى ھەرگىز تولوقلىيالمايدۇ، ئەۋەتتە.
تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىزىمغا قاراپ پىچىرلىدىم: مېنى كەچۈرگىن قىزىم! بۈگۈندىن باشلاپ يانفۇن ئويناشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىمنى سىزگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىش، بىللە ئويناش، بىللە ئۆگىنىشكە ئاتايمەن، ھەقىقىي لاياقەتلىك ئانا بولۇشقا تىرىشىمەن! شۇ بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن زايا قىلىۋەتكەن كۈنلىرىمنى قايتۇرۇپ بېرەلمىسەممۇ، كېيىنكى كۈنلەرنى زايا قىلماسلىققا ۋەدە بېرىمەن.
مەنبە:«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى