ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىڭىزنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالغان ۋاقىتتا قانداق قىلىسىز؟

بالىڭىزنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالغان ۋاقىتتا قانداق قىلىسىز؟

ۋاقتى: 2016-06-02 ئاۋاتلىقى: 2135 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىڭىزنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالغان ۋاقىتتا قانداق قىلىسىز؟

قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلماق
بالىڭىزنى قاتتىق جازالاشتىن، ھەيۋە قىلىشتىن ياكى ئۇنىڭغا تەھتىد سېلىشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزنىڭ ئىززەت-ئابرويى چۈشىدۇ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بوغۇپ قويىسىز.


بالىنى ھېسىياتنىڭ قۇلى قىلىۋېلىش
بالىلارنى «پارا» بېرىپ، كۆڭلىنى ياساپ بەزلىسىڭىز، ئۇلار «ھېسىيات ئوغرىسى» بولۇشنى ئۆگىنىدۇ.


بالىنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋېتىش
بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا نىسبەتەن كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش ياكى سۇسلا مۇئامىلىدە بولۇش ئانا-بالىلىق ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، ھە م ئۇلارنىڭ قەلبىدە كۆرۈنمەس بىر تام پەيدا قىلىپ، تەسىرلىنىشنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.


باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش
بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئۇلارغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن سەۋەبنى سىرتقى مۇھىتقا ئارتىپ قويۇشمۇ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس، مەسىلەن: بالا يېقلىپ كەتسە، يەرنى تېپىپ، ئۇرۇپ قويۇش. ئۈستەلگە ئۈسۈۋالسا ئۈستەلنى ئۇرۇپ «سېنى يېغلاتقان مۇشۇ ئۈستەلمۇ؟» دەپ ئۈستەلنى ئەيىپلەپ قويۇش قاتارلىقلار، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، بالا خاتالىقىدىن تەجرىبە يەكۈنلەش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ-دە، بۇنىڭىدىن كېيىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قالسا سەۋەبىنى «پەقەت باشقىلاردىن كۆرىدىغان» يامان ئادەت شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ.


بالىلارنىڭ خۇشال كەيپىياتقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار زادى قايسى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك؟

1. بالىلارنى خۇشال، ئازادە بولغان ئۆسۈش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش
ئاتا-ئانىنىڭ خوشال كەيپىياتى بالىغىمۇ تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ كەيپىياتىمۇ خۇشال بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا ئۇلارغا مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشى كېرەك، بۇنداق مېھرى-مۇھەببەت بالىلارغا خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ خاراكتېر قۇرۇلمىسى ئۈچۈنمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنت. ئاتا-ئانىلار چوڭلارغا قويغان ھەق-ناھەق ئۆلچىمى بىلەن بالىلارغا ھۆكۈم قىلماسلىقى كېرەك، بالىلار بەك جىق چەكلىمىگە ئۇچراپ كەتسە، ئۇلارنىڭ خۇشال كەيپىياتىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ.


2. بالىلارنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى ئورۇنداش
بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ خۇشال كەيپىياتىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالىلار نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى قارغۇلارچە قاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى يوللۇق ياكى يولسىز بولىشىدىن قەتئىي نەزەر قاندۇرماسلىق، سوغوق مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ مۇۋاپىق يېتىلىشى ئۈچۈن زىيانلىق.


3. بالىلارنىڭ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىش
كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا بالىلار كەيپىياتىنىڭ ناچار بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مۇھىمى مۇۋاپىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ كەيپىياتتىن قۇتۇلدۇرۇش. ئادەتتە بالىلار ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بالىلار بىلەن ئوينىغان ۋاقىتتا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بۇنداق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بالىنى ناچار كەيپىياتتىن تېزراق قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ دىققىتىنى باشقا نەرسىلەرگە بۇرۇۋېتىش كېرەك، بولمىسا بالا بۇنداق ناچار كەيپىياتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇۋەرسە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىسىز.


بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىلارنىڭ خۇيى تۇتۇپ قېلىشى ئۇنچە قورقۇپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆزىنى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن كۈچەيتىپ، دەۋرگە ماس قەدەمدە ئىلگىرلەش بىلەن بىرگە، بالىلارنىمۇ ئىلمى ئۇسۇلدا تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.


بالىلارنىڭ كەيپىياتى ئاتا-ئانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا _ بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلىق قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبە.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى