ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنى زۇكامدىن ساقلاشنىڭ ئون تەدبىرى

بالىلارنى زۇكامدىن ساقلاشنىڭ ئون تەدبىرى

ۋاقتى: 2016-01-16 ئاۋاتلىقى: 1380 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلارنى زۇكامدىن ساقلاشنىڭ ئون تەدبىرى

1.دالا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىتنى ئۇزارتىش. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، داۋاملىق دالا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بالىلارنىڭ زۇكام بولۇش نىسبىتى ھەرىكىتى ئاز بالىلارغا قارىغاندا روشەن ھالدا تۆۋەن بولىدىكەن.
2.كىيىمنى مۇۋاپىق كىيدۈرۈش. كىيىمنى نورمال كىيدۈرۈش كېرەك. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن دەپ، كىيىمنى قېلىن كىيدۈرىدۇ، لېكىن نەتىجىدە يەنىلا زۇكام بولىدۇ.
3.ناشتىلىقنى ئوبدان قىلىش. ناشتىلىقنى ئوبدان قىلغاندا تەن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىسسىقلىق سوغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
4.بىر نەرسە يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم قولىنى يۇيۇش. بالىلار ھەر قانداق يېمەكلىك يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم قولىنى پاكىز يۇيۇشى كېرەك. چوڭلار بالىلارغا يېمەكلىك يىگۈزگەندە چوقۇم دىققەت قىلىشى، يېمەكلىك ئارقىلىق زۇكام يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
5. ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش چوڭ بولسا، بالىنىڭ زۇكام بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.
6. سوغۇق ئۆتۈپ قالسا چارە قىلىش. بالىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا دەرھال ئىسسىق جاي ۋە ياكى كارىۋاتقا يۆتكەش، ئىسسىق چاي، شورپا ياكى سۈت ئىچكۈزۈش كېرەك. ئەگەر ئىچەلىسە زەنجىۋىل قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچسە تېخىمۇ ياخشى.
7. ئۆيدە زۇكام بولغان ئادەم بولسا دەرھال ئايرىۋېتىش. ئۆيدە زۇكام بولغان ئادەم بولسا بالىلارغا بىۋاستە يېقىنلاشماسلىقى يۈزمۇيۈز ئولتۇرماسلىقى، بىر كارىۋاتتا ئۇخلىماسلىقى كېرەك.
8. يەسلىدە زۇكام بولغان بالا بولسا دەرھال ئايرىۋېتىش. زۇكام بولغان بالىلارنى يەسلىگە ئەكەلتۈرمەسلىك كېرەك. ئەگەر زۇكام بولغان بالىلارنىڭ سانى كۆپ بولسا، بالىلار پائالىيەت قىلىدىغان مەيداننىڭ ھاۋاسىنى دېزىنفېكسىيەلەش، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا يەڭگۈشلەش، يوتقان-كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.
9. زۇكام تارقالغاندا سىرتقا كۆپ چىقماسلىق. بالىلارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاپارماسلىق، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگىلى قويماسلىق، زۇكام يۇقۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
10. ئاستا خاراكتېرلىك يۇقىرىقى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى ئاكتىپ داۋالىتىش. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، بادام تەنچە ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى، بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك يۇقىرى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بالىلار باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئاسان زۇكام بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تېزلىكتە داۋالىتىش كېرەك.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى