ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى،قاراڭ! بالىڭىز سىزنىڭ ئون يامان ئادىتىڭىزنى دوراۋاتىدۇ

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى،قاراڭ! بالىڭىز سىزنىڭ ئون يامان ئادىتىڭىزنى دوراۋاتىدۇ

ۋاقتى: 2016-01-22 ئاۋاتلىقى: 1367 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆزىڭىزنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى،قاراڭ! بالىڭىز سىزنىڭ ئون يامان ئادىتىڭىزنى دوراۋاتىدۇ

ئاتا-ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىش - ھەرىكىتىنى بالا كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۆزىگە كەلگەندە ناھايىتى تېجەپ، بالىغا كەلگەندە مەرد بولۇپ كېتىشى، بالىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ، بالىنىڭ ئالدىدا باشقىلارغا دەرد تۆكۈپ بېرىش، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىنى ئەيىبلەش، چېنىقماسلىق ... بەلكىم سىز دىققەت قىلمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بالىڭىز ھەر ۋاقىت سىزنى دورايدۇ. تۆۋەندە بالىلار ئاتا-ئانىنى دوراپ ئۆگىنىدىغان 10 خىل يامان ئادەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

1. ئۆزى تېجەپ، بالىغا كەلگەندە مەرد بولۇپ كېتىش
زىيانلىق تەرىپى: بەزى ئاتا-ئانىلار تۇرمۇشتا ناھايىتى تېجەشچان، بىراق بالىلىرىغا ناھايىتى مەردلەرچە مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇنى بالىلارنى سۆيۈش دەپ قارايدۇ. بىراق بۇ بالىنى سۆيگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ھەشەمەتخور، ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغان ۋە بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان، ئىقتىسادىي ئېڭى كەمچىل قىلىپ قويىدۇ-دە، ئۇلار بىلىشكە تېگىشلىك بولغان بەزى بىر ئاددىي ساۋاتلارنىمۇ چۈشەنمەس بولۇپ قالىدۇ، مەسىلەن، تېجەشچانلىق، پىلانلىق چىقىم قىلىش قاتارلىقلار.

ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: بالىلارنى سۆيۈش ئۇلارغا قىممەت نەرسىنى بېرىش بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇلارغا مۇۋاپىقىنى بېرىش بىلەن ئىپادىلەنگىنى ياخشى. ئۇلارغا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئىقتىسادنى باشقۇرۇشنى ئۆگىتىش، باشقىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ۋە ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىش، تېجەشچانلىق بولۇشنىڭ يولىنى چۈشىنىش تەربىيەسىنى بېرىش بولسا ئەڭ قىممەتلىكتۇر.

2. ئەدەپسىزلىك
زىيانلىق تەرىپى: ئاتا-ئانىلار سەت گەپ قىلسا ياكى ئەدەپسىز ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلسا، بالا ئۇنى ئىزى بىلەن دوراپ ماڭىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل بۇنداق قىلىق-ھەرىكەتلەرنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇمۇ بالىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، ئۇمۇ ئەدەپسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ. بالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن ياكى ئۆگىنىش، كەسىپلىرىدە بولسۇن بۇ ئەدەپسىزلىك ئۇنىڭغا رودىپايدەك چاپلىشىپ ماڭىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىش، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك ئادەم بولۇش. بالا تەربىيەسىدە ئېغىز ۋە بەدەن تەربىيەسى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

3.بالىلار بىلەن بىللە چوڭلار فىلىمى كۆرۈش
زىيانلىق تەرىپى: بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى بولسا، بىر تەرەپتىن ئۆزىمۇ خۇشال بولالايدۇ. بىراق نۇرغۇنلىغان پىروگراممىلار بالىلارنىڭ كۆرۈشىگە ماس كەلمەيدۇ، بالىلاردا خاتا كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالىدۇ ھەم ئۇزۇن مەزگىل تېلېۋىزور كۆرگەن ۋاقىتتا بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.

ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: بالىلار كۆرىدىغان تېلېۋىزور پىروگراممىلىرىنى ياخشى تاللاش، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات دەۋرىگە ماس كېلىشى، مەزمۇنى ساغلام بولۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىغىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويۇش كېرەك. تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇلار بىلەن بىللە ئويۇن ئويناش تېخىمۇ ياخشى.

4. ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى سېلىشتۇرۇش
زىيانلىق تەرىپى: دائىم باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنى سېلىشتۇرۇشقا ئامراق ئادەملەر ئالدى بىلەن ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، بۇ بالىغا نىسبەتەنمۇ قاتتىق تەلەپ قويغانلىق ھېسابلىنىدۇ، ياكى بۇ سەۋەبتىن بالىمۇ دىققىتىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاسانلا ئۇچراپ كېتىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: باشقا بالىلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆلچىمەسلىك لازىم. بالىلار ئەركىن، خۇشال چوڭ بولسۇن. ئۇنىڭدا ئارقىدا قېلىش، ئاستىلاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولمىسىلا بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

5. بالىلارنى بەك ئاسراپ كېتىش
زىيانلىق تەرىپى: بالىڭىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچ ئىشنى قىلدۇرغىڭىز كەلمەيدۇ، بىراق بۇ بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتىنى تارتىۋالغانلىق ھېسابلىنىپ، ئۇلار ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، مەشىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا سەل قاراش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭدا بېقىنىش تۇيغۇسى ھاسىل بولۇپ، «ھۇرۇن» بالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ توپلىشىپ ياشاش شارائىتلىرىغا كۆنەلمەيدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: بالىلارغا ئۆزىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتى بېرىش، ئۇنىڭغا كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش، بەدەل تۆلىگەندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، بالىلاردا بار بولغان ئىقتىدارنى بىلىۋېلىشىغا پايدىلىق. بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشى ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش يولى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى زىيادە ياخشى كۆرۈش ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

6. بالىلار بىلەن بىللە كومپيۇتېر ئويناش
زىيانلىق تەرىپى: بەزى ئاتا-ئانىلار كومپيۇتېر ئوينىغاچ بالا بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە كومپيۇتېر ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق كومپيۇتېردىن چىققان رادىياتسىيە بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولۇپ، بۇ بالىنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمىغىمۇ تەسىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ مەسىلىمۇ كۆرۈلىدۇ.

7. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ دەردىنى تۆكۈش
زىيانلىق تەرىپى: خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولسا، دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولسا، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولسا، ئاتا-ئانىلار ھېچنېمىنى ئويلىماستىنلا بالىلارغا دەرد تۆكۈپ، قاقشاپ بېرىدۇ. بۇنداق قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماي، يەنە بالىغا ئەكس تەسىر بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان يامان ئادەت شەكىللەندۈرۈپ، خاتا ئۇسۇلدا مەسىلە ھەل قىلىشنى ئۆگەتكەن ھېسابلىنىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: بالىغا ھەققانىيلىق بىلەن تۇرمۇشنىڭ گۈزەل بولمىغان تەرەپلىرىنى دەپ بەرسە بولىدۇ، بىراق ئۇنى سىز ئۈچۈن ھەل قىلىپ بېرىشىنى كۈتمەسلىك كېرەك. بالىلارغا كۆپرەك ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش ياخشى ئىش.

8. يالغان سۆزلەش
زىيانلىق تەرىپى: بەزى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلالمايدۇ،ھەتتا شۇ يالغانچىلىقى ئۈچۈن ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. بۇ قىلمىشلارغا بالا قانداق قارايدىغاندۇ؟ ئاۋۋال بالىدا يالغان سۆزلەش خاتا ئىش ئەمەسكەن دېگەن ئاڭ شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ بۇ ئۇسۇلنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەستىن، ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن خاتا قاراش شەكىللىنىپ قالىدۇ.

ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىق، ئۇنى قەدىرلەش. ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ئىشىنى چوقۇم ئورۇنداپ بېرىش، ھەر ۋاقىت راستچىل، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئادەم بولۇشقا تىرىشىش.

9.ئىش قىلغان ۋاقىتتا كەينىگە سۈرۈش، ۋاقىت ئېڭى يوق
زىيانلىق تەرىپى: بەزى ئاتا-ئانىلار ئىش قىلغان ۋاقىتتا ۋاقىتقا رىئايە قىلماي، دائىم كەينىگە سۆرەيدۇ، ئازراقمۇ ۋاقىت ئېڭى يوق، بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىپ بالىغا قالىدۇ،كىچىكىدىنلا ۋاقىت قارىشى يوق، ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەم ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭدىمۇ بۇنداق مەسىلىلەر كۆرلۈشكە باشلايدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى بولغان ۋاقىت كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارغا ۋاقىتنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى،ئىش قىلغان ۋاقىتتا پىلانلىق ھالدا دەل ۋاقتىدا قىلىش، پىلانلىغان ۋاقىتتا قىلىپ تۈگىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك لازىم.

10. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىنى ئەيىبلەش
زىيانلىق تەرىپى: بەزى ئاتا-ئانىلار يۈز-ئابرۇيى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئەيىبلەيدۇ ياكى ئۇنى ئىزا-ئاھانەتكە قويىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالا ئۆزىنى قەدىرلىمەيدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقىمۇ تەسىر قىلىدۇ، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىنى ئەيىبلىگەندە بالا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلالمايدۇ.

ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش، بىراق چوقۇم ناھايىتى سىپايە، ئىللىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن خاتا قىلغانلىقىنى دەپ ئۆتۈش لازىم. سىزنىڭ مەقسىتىڭىز بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئەمەس.
مەنبە:ئەلى مۇئەللىم سالونى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى