ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالام ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩق ﭼﻮڭ بولسۇن دېسىڭىز...

بالام ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩق ﭼﻮڭ بولسۇن دېسىڭىز...

ۋاقتى: 2016-05-21 ئاۋاتلىقى: 1231 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالام ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩق ﭼﻮڭ بولسۇن دېسىڭىز...


ﺑﺎلا ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎش. ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚزﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻣﯚﻛﯜﺷﻤﻪك ﺋﻮﻳﻨﺎش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧلارﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎردﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯩﺮاي ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﺗﯘرۇش ﻛﯧﺮەك، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﺳﺎﻧلا ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻮﻳﯘﻧلاردﯨﻦ زﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ.

ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺋﻮﭼﯘق رەﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﺪۈرۈش. ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺋﻮﭼﯘق رەﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﺪۈرﺳﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، رەﯕﮕﻰ ﺑﻪك ﺗﯘﺗﯘق ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪر ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺳﺎﻏلام ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪۇ.

ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ داﺋﯩﻢ ﻛﯚﺗﯜرۈۋاﻟﻤﺎي، ﻛﯚﭘﺮەك ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ. ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯚﭘﺮەك ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣلاﻧﺪۇرۇش ﻛﯧﺮەك.

ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ. ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺳﺎن ﭼﯩﻘﯩﺪۇ، ﺑﺎلا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ، ﻣﯧﯖﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﯩﺮاق ﺗﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﺳﯚزﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮا، ﺗﻮﻟﯘق ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘز ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﺗﺎ-ئانىلار ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﭼﯜك ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﭘﺘﯘن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق، ﺗﻮﻏﺮا ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ، بالىلارغا ﺗﻮﻟﯘق ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.
مەنبە: نۇر تورى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى