ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دىققەت!5ياشلىق بالا يەسلىدە ئۆلۈپ كەتتى سەۋەبىدىن ھەيران قالىسىز

دىققەت!5ياشلىق بالا يەسلىدە ئۆلۈپ كەتتى سەۋەبىدىن ھەيران قالىسىز

ۋاقتى: 2016-05-23 ئاۋاتلىقى: 3404 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دىققەت!5ياشلىق بالا يەسلىدە ئۆلۈپ كەتتى سەۋەبىدىن ھەيران قالىسىز

دىققەت! 5 ياشلىق بالا يەسلىدە ئۇخلاپ ئويغىنالماي ئۆلۈپ كەتتى! سەۋەبىدىن ھەيران قالىسىز!

ئانىسى بەش ياشلىق بالىنىڭ قورسىقى ئىچىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئەتىگەندە قورسىقىنى بەكلا تويغۇزۇپ يەسلىگە ئەكىلىپ بەرگەن، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بالىنىڭ تاماق يىگۈسى كەلمىسىمۇ ئوقۇتقۇچى تاماقنى ئىسراپ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تاماقنىڭ ھەممىسىنى يېيىشنى بۇيرىغان، بالا يۇۋاش بولغاچقا تاماقنىڭ ھەممىسىنى زورلاپ يەۋەتكەن. چۈش سائەت 12:10 مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچى بالىلارنى چۈشلۈك ئۇخلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئوقۇتقۇچى بالىلار ناخشىسىدىن ئۈچنى ئوقۇپ بولغان بولسىمۇ بۇ بالا ئۇخلىمىغان، ئوقۇتقۇچى بالىنى ئۇخلاشقا دەۋەت قىلغاندا بالا قورسىقىنىڭ چىڭقىلىپ بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ئېيتقان، ئوقۇتقۇچى ئۇنى كەپسىزلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، مەجبۇرى ئۇخلاشقا زورلىغان، بالا ئاخىرى تەسلىكتە ئۇخلاپ قالغان، ئىككى يېرىم سائەتتىن كېيىن باشقا بالىلار ئارقا-ئارقىدىن ئويغانغان، لېكىن بۇ بالا ئويغانمىغان، ئوقۇتقۇچى بالا كېيىن ئۇخلىغاندىن كېيىن كىچىكىپرەك ئويغىنىدىغۇ دەپ قاراپ كارى بولمىغان. يەنە 20 مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بالا يەنىلا ئويغانمىغان، ئوقۇتقۇچى بالىنى ئويغىتىش ئۈچۈن بالىنىڭ كارۋىتى يېنىغا بارغاندا چۆچۈپ كەتكەن، بالىنىڭ چىرايى كۆكۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، چاقىرسىمۇ ئويغانمىغان، بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ بالىنىڭ نەپىسى بۇرۇنلا توختىغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن!


دوختۇرنىڭ ئاخىرقى يەكۈنى بولسا: بالا ئەتىگەندە بەك كۆپ يەۋەتكەچكە چۈشلۈك تاماققىچە يېگەنلىرى تېخى سىڭىپ بولالمىغان، چۈشلۈك تاماقنى مەجبۇرىي ھالدا بەك كۆپ يېگەنلىكتىن قورسىقى چىڭقىلىپ بىئارام بولغان، بالا تامىقى تېخى سىڭىپ بولمايلا ئۇخلىغاچقا ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەر قۇسۇش ئارقىلىق يېنىپ چىقىپ، كانىيىنى توسۇۋىلىپ، نەپەسلىنەلمەي تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.




Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى